مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ( چاتما ھېكايىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3174 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 07:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoruq يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 03:32 PM
يېقىندىن بىرى بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم، كەچۇرۇڭلار. ب ...

دىگىنىڭىزدەك قىلغايسىز..
  بەك تەققەززا قىلۋەتمەڭ.....
ئەسىرىڭىزگە رەھمەت

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7315
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1588 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ ئاخىرى ئۇزۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟
ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يىغىن ئاچمىدىغۇ ؟

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 07:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  ھىكايىنى  دەپ  كۈندە نەچچە  كىرىدىغان بوپ قالدىم  مىسرانىمغا....  تىزراق  يوللىمامسىز...  ئادەمنى بەك  تەقەززا  قىلۋەتتىڭىز  جىمۇ سىز........


قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:43:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                           ئېغىر كۈنگە قالغاندا…
    ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ دېگەندەك تۇرغۇننىڭ بىر قېتىملىق ناتۇغرا تەدبىرى تۈپەيلى زاۋۇت ئېغىر زىيانغا ئۇچىرىدى.
   ناھىيىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسىپى ناھىيىمىزدە باشلامچى كەسىپكە ئايلانغاچقا  بىزنىڭ < ئۆزماكان قورۇلۇش ماتىرىياللىرى چەكلىك شىركىتى> ىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى، شىركىتىمىزنىڭ كەسىپ تۈرلىرى كۈنسىرى كۆپۈيۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمۇ 200 ئادەمگە يېتەي دەپ قالغان ئىدى، مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتتە، تۇرغۇن، ئۆزىمىز بىۋاستە ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىركىتىمىزنى تېخىمۇ قۇددرەت تاپقۇزايلى، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەبلەغ سېلىش ۋاستىچىلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ناھىيىمىزنىڭ غەرىبىگە جايلاشقان ئون مو كۆلەمدىكى ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ يېرىنى سېتىۋىلىپ تاۋار ئۆي سالماقچى بولدى ھەم تۇرغۇن باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي بۇ تۈرگە شىركەتنىڭ %70 مەبلىغىنى ئاجرىتىپ،زور تەۋەككۇلچىلىق قىلدى.
    شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان مەبلەغ سېلىش ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ سالغان مەبلىغى بىزنىڭكىدىن كۆپ، تەجرىبىسى مول بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئاساسىي ھوقۇق بىزدە ئەمەس ئىدى، بۇ ھال زاۋۇتتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
-باش دېرىكتۇر ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، شىركەتنىڭ نەچچە ئون مىليۇن پۇلىنى سۆكۈپ ئېلىپلا ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىگە مەبلەغ سالدى.
-قادىرنىڭ دېيىشىچە، تۇرغۇن سەل قاراملىق قىپتۇ، ئەگەر بۇ تۈردىن زىيان تارتىپ قالساق، زاۋۇت ۋەيران بولارمىش.
-ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە، تۇرغۇن ھازىرغا قەدەر خاتا ئىش قىلغان ئەمەس، ئەگەر بۇ ئىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، شىركىتىمىزنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ.
-بىز پايچىكلارغىمۇ بىرەر ماشىنا ئالغۇدەك پايدا قالىدۇ.
-كونىلار، قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ، دېگەن ئىكەن، ھېلىمۇ بىزدەك ئادەتتىكى پايچىكلارغا ھەر ئايدا مائاشتىن تاشقىرى تۆت-بەش يۈز يۈەن پۇل تېگىپ كېلىۋاتاتتى. مۇشۇ پۇلدىن ئايرىلىپ قالمىساقلا بولاتتى.
-ئاڭلىساق تۇرغۇنكام نۇرغۇن قارشىلىقلارغا پەرۋا قىلماي بۇ ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ، ئايىغى خەيرىلىك بولغاي، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئايىغى ياخشى چۈشمىسە، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىمىز بار.
-پايدا ئالساق بىزگە، زىيان بولسا تۇرغۇنغىمۇ، بىزمۇ ئەركەك بولغاندىكىن نېمە ئىش بولسا، تەڭ كۆرىمىز.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ زاۋۇتتا شۇم خەۋەر تارقالدى،بىز بىلەن ھەمكارلاشقان  ئۈرۈمچىدىكى شىركەت دەپتەردە بار، ئەمەلىيەتتە يوق قەغەز شىركەت بولۇپ، بىزنىڭ پۇلىمىز، كۆلگە تاشلىغان تاشتەك يوقاپلا كەتكەنمىش، ھازىر تۇرغۇن باشچىلىقىدىكى بىر قانچە شىركەت مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، قويمىچى شىركەتنى ئىزدەپ يۈرگەنمىش... بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن بىزگە نېسى مال بەرگەن شىركەت ۋە ئورۇنلار ھەر خىل شەكىللەر بىلەن قەرز سۈيلەپ، شىركەتنىڭ ئىشخانا بىناسىدىن كەتمەي تۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇتتىكى 150 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى ئون مىلىيۇن يۈەندىن ئارتۇق پۇل بىلەن شىركەتنىڭ ئاساسلىق پايچىكلىرىگە ئايلانغاچقا، قورۇلۇش ماتىرىياللىرى تاللا بازىرىدىن باشقا ھەر قايسى زاۋۇتلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش تاشلاپ زاۋۇت توختاپ قالدى. بۇ كۈنلەردە گەپ- سۆزلەر جىق ئىدى.
-مەن نەچچە يىلدىن بېرى مائاشىمنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئالماي شىركەتكە 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پاي قاتقان ئىدىم. مانا ئەمدى ھەممىسى يوق بولدى، تۇرغۇن دېگەن قويمىچىنى كۆرسەم قىيما-چىيما قىلىۋەتمەيدىغان بولسام ھېساپ ئەمەس.
- شىركەتكە مېنىڭمۇ 40 نەچچە مىڭ يۈەن پۇلۇم قېتىلغان ئىدىم، ئەمدى ئوغلۇمنى قايسى پۇل بىلەن ئۆيلەرمەن، خەپ، تۇرغۇن، خەپ تۇرغۇن، سېنى كۆرسەم تازا دۇمبالىمايدىغان بولسام.
پايچىكلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ زىيان بولغىنى يەنىلا بىز ئاغىنىلەر ئىدۇق، بىر رۇستەملا 100مىڭ يۈەن پاي قاتقان ئىدى، قالغانلىرىمىزنىڭ پاي قاتقان ھەممە پۇلىمىزنى يىغىپ كەلسەك مىليۇن يۈەنگە يېقىنلىشىپ قالاتتى.
-مەن تېخى يېقىندا ئۆي ساتقان 70 مىڭ يۈەن پۇلۇمنى بۇ ئوتقا تاشلاپتىمەن ئەمەسمۇ، تۇرغۇن دېگەن كۆكەمىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋىتىمەن، ئۇ مېنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
-تۇرغۇننىڭ ئۆزىگىلا 20 نەچچە مىليۇن زىيان بولغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ زىيانلىرىمىز نېمە ئىدى.
-ئاڭلىساق قەيسەرمۇ ئۈچ مىليۇن پاي قاتقان ئىكەن، ھازىر قەيسەرمۇ ئادىملىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇ قويمىچىنى ئىزدەپ يۈرگىدەك.
مۇشۇنداق ۋەيرانچىلىق بىلەن يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، زاۋۇتتا ئىشلار توختاپ كەتكەچكە، 200 غا يېقىن ئادەم بىكارچى بولۇپ قېلىپ، بېشىدىن ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. بىر كۈنى ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرساق رۇستەم خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدى.
-ئاغىنىلەر خوش-خەۋەر، قەيسەر قويمىچىنى تېپىپتۇ.
-ئاغزىڭغا ناۋات ئاداش، پۇلىمىزنىچۇ، پۇلىمىز بارمىكەن؟
-قانداق تېپىپتۇ، تۇرغۇن قويمىچىلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقۇپتىمۇ؟
- ئالدىرىماي تۇرمامسىلەر، قەيسەرنىڭمۇ شىركىتىمىزگە پاي قېتىپ تارتقان زىيىنى كۆپ ئەمەسمىدى،تۇرغۇنلار ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويمىچىلارنى ئىزدەپتۇ. ئۇلار شىركەتنى ساختا ئىسپاتلار بىلەن تىزىملاتقاچقا، تۇرغۇنلار تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ھېچ ئىش قىلالماي تۇرۇپ قاپتۇ.. قەيسەرنىڭ  ئۈرۈمچىدە سورۇنلاردا تونۇشقان نۇرغۇن ئاغىنىلرى بارئىكەن ،ئۇ تۇرغۇندىن باشقىچە يو تۇتۇپ ئۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن خەجلەپ،شەخسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۇلارنى ئىزدەپ، مىڭ مۇشەقەتتە  يىپ ئۇچى تېپىپ، ئادەم باشلاپ بېرىپ قويمىچىلارنى يوشۇرۇنىۋالغان يەردىن تۇتۇپ ساقچىغا تاپشۇرۇپتۇ.
-گەپنىڭ مېغىزىنى ئېيتە،بىزنىڭ پۇلىمىزچۇ؟
-پۇلىمىزدىن خاتىرجەم بول، ساقچىلارنىڭ ئېنىقلىشچە، ئۇلارنىڭ  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھېسابىدا بىزنىڭ پۇلىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇل بار ئىكەن.
-ئۇھ،خۇداغا شۈكرى، نېيىتىمىز دۇرۇس بولغاچقا ئۇلۇغ ئاللا بىزنى بىزنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قاپتۇ.
-قادىرنىڭ دېيىشىچە، بىزنىڭ سالغان مەبلىغىمىز تولۇق قايتىپ كەلگەندىن باشقا شىركىتىمىزنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى تارتقان بارلىق زىيانلىرىغىمۇ تۆلەم بېرىدىكەن.
-ئۇلۇغ ئاللاغا مىڭلاپ شۈكرى، باللىرىمىزنىڭ رىسقى ئىدى ئۇ پۇللار.
-ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت بىزگە كۆپلەپ قەرز بېرىپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېىشىمىزنى قوللاپ بەرگۈدەكمىش.
-ۋاي،ۋۇي، خاپىلىق بىلەن خۇشاللىق بىر تۇققان دەپ، تۇرغۇننىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قونۇپتۇ،-دە؟
-نەدىكىنى پۇل تېپىلغاندىن كېيىن تۇرغۇن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ، ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەسمىش.
-بىزگە ئېيىتمىغان بىلەن بىچارە تۇرغۇن بەك ئىچىگە ئېلىپ كىتىپتىكەندە.
-سەن نېمىلەر نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئۈچۈن ئۆلمىدىڭ، باشقا ھەر نەرسە بولۇشتىڭ. تۇرغۇننىڭ پۈتۈن ئىگىلىكى ۋەيران بولغىلى تاس قالغان تۇرسا، ئۇنىڭغا ئاسانمۇ؟
-قەيسەر بىر ئاغىنىدارچىلىقىنى يەتكۈزدى.-دە.
-ئۆز ۋاقتىدا تۇرغۇنمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئەمەسمىدى.
-...(20)
داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 10:57 AM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈندىن بېرى بەك ئالدىراش بولغاچقا، بۈگۈن ئاران ۋاقىت چىقىرالىدىم، كەچۈرۈڭلار

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5563
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 01:56:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چىقتى ! ئايىغى قاچان چىقا ئەمدى ؟؟

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 07:15:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھ، بۇنى  ئۇقۇپ  مېنىڭ  ھاردۇقۇم  چىقىپ  قالغاندەك  بولدى  جىمۇ..... رەھمەت....

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7315
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1588 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:14:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئاخىرى تازا ماسلاشمىدىمۇ قانداق . رۇستەمنىڭ ئۆيىگە يىغىلمايلا تۇگەپ كەتتى ؟

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7315
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1588 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:15:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoruq يوللىغان ۋاقتى  2012-4-18 10:59 AM
نەچچە كۈندىن بېرى بەك ئالدىراش بولغاچقا، بۈگۈن ئاران ۋ ...

ھىكايىنىڭ ئاخىرى تازا ماسلاشمىدىمۇ قانداق . رۇستەمنىڭ ئۆيىگە يىغىلمايلا تۇگەپ كەتتى ؟

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 09:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 12:15 AM
ھىكايىنىڭ ئاخىرى تازا ماسلاشمىدىمۇ قانداق . رۇستەمنى ...

بۇ خىل پىكىر نەچچە يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ‹تۇرغۇن ›چۈشتىن بۇرۇن رۇستەم بىلەن ئايرىم كۆرۈشكىلى ماڭدى، نېمە ئۈچۈن كۆرۈشىدۇ؟ رۇستەمنى خاتالىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۈندەش ھەم ئۇنى  بەرگەن جازاغا قايىل قىلىش ئۈچۈن.  رۇستەم قايىل بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئاغىنىللىرىگە ‹بولدى، بۇ ئىش كاللامدىن ئۆتتى. خاتالىق مەندىن ئۆتتى، مەن بۇ جازاغا رازى، سىلەرگە رەھمەت، ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن› دېيىشى ئىھتىمالغا يېقىن. داۋاگەر تەسلىم بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلار ئەلۋەتتە پەسكويغا چۈشمەي قالمايدۇ، دېمەك، چۈشتىن كېيىنكى يىغىننى تىلغا ئالمايمۇ بۇ ئىشنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن ئۇ يىغىننى تىلغا ئالماي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قويۇپ قويغان ئىدىم. خاتا ئويلىغان بولسام، يەنە پىكىرلىشەرمىز.
ئەسەرنىڭ داۋامى ۋە ۋەقەلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش