مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موزىكا

ھىسلىرىم مۇڭلىنىپ بولماقتا چۇل چۇل ،
ساماۋى چۈشلەرنىڭ شىرىن قوينىدا .
تامچىغان قان ئەمەس يۈرەك تارىسى .
يۇلتۇزدەك روھىمغا ئاقتى موزىكا
.
گۈزەللىك ھەيۋىتى نازى ئىچىدە .
ھىجرانلىق ئالەمدىن ئىزدىدىم ۋەسىل .
تۇنجى قار ئۇچقۇنداپ تۇرغان كىچىدە .
شىۋىرلاپ مىھمانغا كەلدى ياز پەسىل
.
چۇۋۇلغان چاچلارنىڭ ھىدى مەس قىلدى .
قاراقتا يالتىراپ مەس بولدى ئالەم .
كىسەكلەر ئەسەبى چۈشتى ئۇسۇلغا ،
بىردىنلا ئۆزىدىن ھالقىدى ئادەم

.
تىرىقتەك مىڭ بولدۇم ئۆرتېنىش ۋەيران .
ئىللىق بىر سىزىمدا ئازاپلار گۆمران .
دەريادەك ئۆركەشلەپ ئېقىپ كىلىمەن .
ئۈزۈمگە بىر قېتىم بۇلۇپ ھۈكۈمران
.
نىرىپلار تالاسى سۈكۈلدى رەت - رەت .
مەيىن بىر شامالدا سويلاندى جىنىم .
يەتمىگەن يار ۋەسلى قىيامىتىدە .
ئۆزىگە چۈشەنچە بەرمەكتە قېنىم
.
رىياخور دۇنيانىڭ مىھرىدىن كېچىپ .
خۇيلىنىش پەيتىدە كۆتۇردۇم ئىسيان .
لىۋەننىڭ لىۋىدىن تونۇپ ئۈزۈمنى .
بىر نەپەس ئۈزۈمگە بولدۇم پاسىبان
.
تارىغا چىگىلگەن دىلنىڭ زەنجىرى .
شاراقلار جۇدالىق چۈلىدە نالەم ،
كەلگىنە مەن ئۈچۈن مۇقەددەس گۈزەل .
لىۋىدىن بال تىمىپ تۇرغان پىيالەم
.
ئۈزۈمدىن ئۈزۈمگە چىقتىم سەپەرگە .
ئۈزۈمدىن باشلىنىپ تۇگەيدۇ مەھشەر .
يالتىراپ تۇرغىنى ھىجران ياشلىرى .
مەن ئۈزۈم ئۇنىڭغا بىلەنگەن شەمشەر
.
كىلىڭلار يارەنلەر ئوتلۇق لىۋەنلەر .
ئويغانسۇن زۇلمەتكە پاتقان سابالار .
كەيپكە بىھاجەت ئازاپلار چۈشى .
دىللارغا قۇت بەرسۇن ئوتلۇق ناۋالار

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇدۇم چۆلىدە نالە قىلار جان

ئىسيانىم قەلبىمگە پاتمايدۇ زىنھار ،
ھايلىدىم ئۈزۈمگە ئىللىغلىق بىرىپ
شۇ قىزنى بوغۇپلا ئۆلتۈرگۈم كەلدى .
ھاياتقا بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلىپ .
بىر دۆۋە سۆيگۈنىڭ نازۈك شاخلىرى ،
- قۇرىغاچ كۈلبەمدە ھوۋلايدۇ شامال .
كەلمىگەن بەختىنى قوشاققا قېتىپ .
جۇدالىق كۈيىدە ياشايدۇ ئۆزھال .
ھەر نەپەس ھەر مىنۇت سۆيگۈ قاتىلى ،
سۈكۈتكە پاتىمەن ئۇزاقتىن - ئۇزاق ،
ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان بىر قىزنى
لەنەتلىك تۇيغۇدا ئەسلەر جىن چىراق .
ۋىسالسىز ياشىغان ئاشىقنىڭ كۈنى .
ئۈلۈمنىڭ ۋەزنىدىن ئىغىر مىڭ ئېغىر .
نىگارسىز لاۋىلداپ تۇرغان كوچىلار
باغرىدا لەختە قان كۈكسىدە يىغىر .
ھەر سەھەر بىر سۇئال سورار ئىسيانىم .
نېمىشقا يىنىڭدىن كىتىپ قالدى ئۇ ؟
ئۈزۈمنى ئۆلتۈرۈپ بىرىمەن جاۋاپ .
سۆيگۈسىز گۈللەرگە قۇل بوپ قالدى ئۇ
ئالدىماق بۇلىمەن ئۈزۈمنى ئۈزۈم ،
مەسخىرە قىلىدۇ ئالدانماس كۈڭۈل .
جاۋاپسىز قالغىنى سۆيگۈ داستانى .
ھاياتلىق چۆلىدە ئۆلمەكتە بىر - بىر

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنئىتىم

مىللىتىمنىڭ نامىنى ئەلگە تاراتقان سەنئىتىم ،
شۆھرىتىنى ، شاننى خانغا ياراتقان سەنئىتىم ،
يالتىراپ گۈل چىھرىدە ئارمانغا پاتقان سەنئىتىم ،
قەلبىدە قات قات ۋەتەن ھىجرانى ياتقان سەنئىتىم ،

ئۆستۈرۈپ پىرچەڭگىدەك ئوغلاننى ھەردەم باغرىدا ،
ھەر دەۋىر ئاۋازغا سۈدەك قېتىلغان سەنئىتىم ،
يانمىغاي مەردانىلەر رەقىبى جەڭگە چىللىسا ،
ئۇندا دۈشمەن كۆكسىگە ئوقتەك ئېتىلغان سەنئىتىم ،

سۇجۇپ، فارابى مۇڭلىرى جىسمىدا غەليان ئىتىپ
جىلۋىسىدە قانلىرى گۈلدەك ئىچىلغان سەنئىتىم ،
شىرىن جۇدالىق قىسمىتى تاغدەك، يىقلسا باشىغا ،
تىك تۇرۇپ ئىمانغا مەھكەم ئېسىلغان سەنئىتىم ،

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارمانلىرىم
ئېچىمدە تۇلۇملاپ قاينىغان ئازاپ ،
سۆزلەيدۇ مەڭگۇلۇك سۆيگۇ ھەققىدە .
جەنۇپنىڭ سارغايغان قىرمىز گۈللىرى .
سۇلغاندا نەچچە قىز بۇلار رەسىدە .
خورلۇقنىڭ دەشتىدە يىگانە قالدىم ،
تورنىلار كەلمەكتە يىيىپ كەڭ قانات ،
ئازاپتا سارغايدىم غازاڭدەك ، گۈلدەك ،
ئورىغاچ دەرىدۇ غەم ئۇمرۇمنى قات قات .
كۆز كەلدى يوقالغان ھىجرانىم كەلدى ،
يۇرەككە قادالغان پىغانىم كەلدى ،
كۈلۈشنى ئۇنتۇغان ناتىۋان دىلغا ،
چىقىلغان دۇنيانىڭ ئازارى كەلدى ،
ياشاشتا شاتلىق يوق ، ئۆمۇر مەنىسز .
كۇڭلۇمدە يارىمغا تىزىمەن تىزىق ،
ھاياسىز ئاپتاپتا يالىڭاچ كۆڭۈل ،
تىلەيدۇ ئۆمۇرگە پەقەت بىر تىنىق ،
يامغۇرلۇق بىر كۇندە تۇردۇم بىكەتتە ،
نىگارنىڭ ھىدىنى پۇرىدۇم بىردىن ،
ئاسفالىت يوللاردا ئاقماقتا ئازاپ ،
سۇرگۇنمەن ، سۇيۇلگەن تەنھا كۇڭۈلدىن .
غەملىرىم ئالدىدا تۇرالمىدىم تىك ،
بىر كىملەر قىلماقچى مىنى دەپسەندە ،
غايەمىنى بۇلاپ كەت يالماۋۇز ھايات
مەن تۇراي ئۆلگەندەك مەڭگۇ سۇكۇتتە ،
شان شەرەپ - مال دۇنيا ماڭا بەرىبىر ،
ماڭا چىن سۇيگۇدىن بىر جام كۇپايە .
ھەمىمىنى بۇلاپ كەت باغرى ئاچ ئىنسان،
مەن قالاي مۇھەببەت ئاتلىق كەپىدە .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:28:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىغېنىش
ۋىسالسىز ياشاشنىڭ ئېغىر دەملىرى،
ھاياتقا قايرىلىپ قويغاندا سۇئال.
بىز چوقۇم ئايرىلىپ كېتىمىز گۈلۈم.
ئەڭ ئېغىر ھىجرانغا تاپالماي ئامال.
سۇكۇتنىڭ باغرىدا قىزىل قىيامەت،
ئايرىلىش ئەركىنلىك ۋە ياكى ئامەت.
تىنىقنىڭ زەررىسى ئايلانسا تاشقا،
يۇكۇنەر سەجىدىگە پاك - پاكىز نىيەت.
جۇدالىق زارلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن سىر،
نە ئۈچۈن پۈكلىنىپ ئاھ ئۇرىمەن ئاھ .
ئارمانىم قۇدۇققا تاشلانغان بىر تاش،
ۋە ياكى يولدىن ئازغان بىر سەيياھ.
ھىدىڭدىن سۆيۈنۇپ ئالما يۈزلۇك قىز،
توۋلايمەن ناخشامنى ئاسماندىن ئىگىز.
ئىزدەيمەن رىسقىمدۇر بىر تاللا باشاق،
ئاستىمدا ئۇنچىلەر، پايانسىز ئېڭىز.

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64964
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 03:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھال ئەپەندى. شېئىرلار بىر-بىرىدىن تېتىملىق يېزىلىپتۇ.ئىجادىيىتڭڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.بىر چاغلاردا تەمبۇر شاھى مەرھۇم نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن توغرىسىدا ئەسلىمە يازىمەن دېگەندەك بىر گەپ قىلىۋاتاتتىڭىز، بۇ ئشلار قانداق بولۇپ كەتتى،شۇ چاغلاردا مەن بۇ ئىشقا بەك ئالدىرىغان ھەم خۇش بولغان ئىدىم. مومكىن بولسىلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ.مەن قىلاي دىسەم بۇ ئشقا قەلىمىمنىڭ سىياھسى يەتمەيدۇ.شۇڭا سىزدەك قەلىمى ھەر ۋاقىت يۈرىكىدىن سىياھ تامچىتىدىغانلارغا ئەرزىيىدىغان ئش بۇ.

ھەر كىمنىڭ ئۆزى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2114
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11632
تۆھپە نۇمۇرى: 494
توردا: 5132 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 03:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ئۇزۇن بوپتىكەن مىسرانىمدا بۇنداق تاتلىق، ئېسىل مىسرالارنى ئوقۇمىغىلى،ئۆزھال ئەپەندىگە تەشەككۇر~!
سەنئىتىمنى  رېمونتلاپ باقسىڭىز بولارمۇ؟ سېغىنىش،ئارمانلىرىڭىز يۈرەككە تەگدى~!بەرىكەتلىك بولۇڭ~!

سەندە يېتۈك تالانت ۋە تولۇق ئىشەنچ بولمىسا ،"ئەدەبىيات"دېگەن "ئېزىتقۇ"غا ھەۋەسلەنمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1315
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 5836 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 05:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام-ئەلەيكۇم ئۆزھال ئەپەندى.شېئرلىرىڭىزنى ھەممىنى ئوقۇپ چىقىتىم.سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئاخسا يىگىت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4713
تۆھپە نۇمۇرى: 5
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 08:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز !

ئۇنۇت دوستۇم ئازاپلىرىڭنى ،
ئۆتمۈشۈڭدىن بولغىن سەن جۇدا .
تىرىشقىن بۈگۈننى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،
يېنىڭدا دوستۇڭ بار ،ئۈستۈڭدە خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 08:22:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ياخشىكەن ،ناتىۋان دېگەننى ھەممىدىن ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش