مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 03:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپان ياخشىمۇ سىز ؟ پىكىرىڭىزنى كۆردۇم . بىراق ھەممىنى ئايرىم - ئايرىم يوللىسام يازغانلىرىمنىڭ جىقلىغىدا مىسرانىم ئۆزھال تور بىتىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن دەپ شۇڭا ھەممە ئەسەرلىرىمنى توپلام قىلىپلا يوللاي دىدىم . بۇنداق قىلسام ئىزدىگەنلەر ۋە زوقلانغانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق بۇلىدىكەن .      

http://ozhalovqi.33591.com

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 757
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇڭقۇر مەنە ۋە ئۆتكۈر پىكىرگە ئىگە بولغان ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەپ بەرگەن ياخشى شېئىركەن رەھمەت

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24437
تۆھپە نۇمۇرى: 2766
توردا: 4001 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 09:36:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھالنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئىجادىيەتلىرىگە زور مۇۋەپپەقىياتلەر يار بولغاي!

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:00:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچى

ﻗﺎﺭﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺭ ﺑﻪﺧﯩﺖ
ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﺭﯗﺟﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯩﺮﯨﻴﺪﯗ ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ
ﺯﻩﯕﮕﻪﺭﺭﻩﯓ ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﺩﯨﻤﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯚﯕﯘﻝ-
ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﭘﻴﺎﺵ

ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻤﯘ ﮬﻪﻡ
ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﻩ ﻟﻪﻳﻠﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ
ﻗﺎﺗﯩﻞ ﻗﯩﺰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﺩﻩ
ﺭﻭﻱ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ

ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ
ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﯗﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ
ﺋﯩﺘﯩﻜﺎﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻢ ﺗﺎﻣﺎﻡ
ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺩﯗﺋﺎﺩﺍ

ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻛﯚﻳﻰ
ﺳﯚﻳﮕﯘﮔﻪ ﺗﻪﻟﻤﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻻﺭ
ﺳﯚﻳﮕﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺷﺘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺰﻩﺭ ﺋﯚﻟﮕﯩﭽﻪ
ﮬﻪﻣﻤﯩﺰ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﺘﻪ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﮕﻪ ﻛﯘﺷﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﺳﯘﻛﯘﺕ
ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻗﯩﻖ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ
ﻳﯘﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﻛﻪﺑﻰ ﺟﯩﺮﯨﯖﻼﭖ
ﻧﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﯕﻼ

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺷﺎﮬ ﻳﺎ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﯩﻖ
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﮔﻮﻳﺎ
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺷﯩﺮ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯘﯞ ﮬﯩﻠﮕﻪﺭ ﺗﯜﻟﻜﻪ
ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﺩﺍ

ﺋﯚﻣﯘﺭ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ ﺑﻪﺯﻩﻥ
ﯞﻩ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ
ﻗﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻣﯩﯔ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ
ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯘﻳﯘﺷﻨﻰ

ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ
ﭼﯘﺷﻪﻛﻪﭖ ﺑﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﺑﯩﺰﺍﺭ
ﻛﯘﺗﻪﺗﺘﯩﻢ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ
ﻣﻪﻥ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻢ ﻛﯚﭘﻜﯘﻙ ﺋﺎﻟﻤﯩﺰﺍﺭ


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .

كۆز كەلدى غىرىپلىق چالدى قوڭغىراق .
تىرەكلەر ئويالماي تاشلىدى قاسراق ،
يالىڭاچ قوياشنىڭ تەپتىدە زۇلمەت ،
ئارمانلىق ئۆمرۈمگە قۇرماقتا توزاق .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ھىچكىمگە دەردىمنى ئىيتمىدىم ئامما .
قەلبىمدە ھەسرەتلىك دەريا ئاقىدۇ ،
قار سۈيۈپ ئوينىغان باللىقىمنى .
رىئاللىق قان يۇتۇپ ئىلىپ قاچىدۇ .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
دۇتتارنىڭ باغرىدا مىڭ تاغار ھەسرەت .
لاي تامغا باغرىنى ياقىقىنى ياققان .
جاراھەت ئىغىزىدۇر ھەر بىر نەپىسىم .
ئاسىيمەن ھاياتقا ئۆزىدىن قاچقان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ئارمانلار مۇز كەبى توڭلىدى جىمجىت .
قارچۇقتا مۇز كەبى قاتماقتا ئاسمان .
تىتىرگەن قەدەملەر ھايات تاۋۇشۇم .
ئىللىماس بۇ قەلبىم ياقسىمۇ گۈلخان
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ئەڭ ئۇلۇغ بەختنىڭ چۇشى بەك ئېغىر .
رىئاللىق شىشىدەك تۇرار يالتىراپ .
ھاياتنىڭ پەيزىگە قانماس ياشلىغىم .
شىخدىن سىيرىلىپ چۇشىدۇ قاناپ .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
مەن ھىچكىم ئۈزۈمگە ناتونۇش بىر تەن .
غايىلەر ئاسمىنىم بىر ئۆمۇر گۆمران .
قۇلۇمدا تىتىرىگەن قەدەھ ئىچىدە .
بىر يۇرەك تىتىرەيدۇ . تىرەيدۇ بىر جان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
غەمسىزلىك ئەڭ ئۇلۇغ ساداقەتتۇر ئۇ .
ئۇيقۇدا ياتقىنى مەن ئەمەس تىنىم .
مۇدىھىش بىر بەختنىڭ قويىنىدا يىتىپ .
ئۇزۇمگە لەنەت دەپ مىڭنى تۈكۈردۇم .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .
ھاياتىم يىزىلىپ پۇتمىگەن داستان ،
يۇلتۇزلار چىھرىدە لەيلەيدۇ ئورمان .
ئۆمىتلەر بەرىبىر غەلىتە بىر چۈش .
ھەسەتلىك كۆزلەردە نۇر بوپ چاقنىغان .
دەردىم بار ھىچكىمگە ئىيتالمايدىغان ،
يارام بار ھىچكىمگە كۆرسەتمەيدىغان .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺗﻪﻧﮭﺎﻟﯩﻖ ﺟﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﭽﺎﻕ

ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯘﻛﯘﻟﺪﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ
ﯮﺗﻘﺎ ﯪﻳﻼﻧﺪﻯ ﺷﯘ ﺩﻩﻡ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ
ﻛﯚﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯜﻝ ﻗﯩﻼﺭ ﺑﯘﮔﯘﻥ
ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﺎﺕ

ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﺑﻪﺯﻩﻥ
ﯮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ﯲﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻜﻪ ﯬﺭﺯﯨﻴﺪﯗ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ؟
ﺋﯩﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﯪﻳﺎﻕ ﺗﯩﯟﯨﺸﻰ
ﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺋﯩﺸﻜﯩﻢ ﺗﯘﯞﯨﺪﻩ

ﻳﻮﺗﻘﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﯩﻠﻜﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ
ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﯪﺗﺎﻟﺴﺎﻡ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﺭ ﺟﺎﻫﺎﻥ ؟
ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﻩﻙ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﺴﺎ
ﺗﯩﻨﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﻐﺎﺭﻣﯘ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ

ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ﺑﺎﻫﺎﺭ
ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﯲﻣﯩﺪﯨﻢ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺸﯩﭗ
ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻳﻮﺗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯ
ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺸﯩﻜﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﭗ

ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻖ ﺟﻨﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﭽﺎﻕ
ﯞﺍﻟﯩﻠﺪﺍﭖ ﻧﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﯲﺭﺗﻪﻳﺪﯗ ﻣﯩﻨﻰ
ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﯕﻼﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭ
ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﯮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯘﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﯩﻨﻰ

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:03:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋۈﺯۈﻙ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ

ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ﺑﺎﻫﺎﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ
ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﭼﯧﻬﺮﯨﻤﺪﻩ ﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﭖ
ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ ﯴﺳﺘﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﺗﻪﺭ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺳﯚﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﯪﭘﺘﺎﭖ


ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻣﯘ ﺳﺎﻟﭙﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﺍ
ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﻧﻪ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺑﯩﻨﺎﯞﺍ
ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩﻙ
ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺳﯩﻘﯩﺪﯗ ﻫﺎﯞﺍ

ﺷﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ
ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﯲﺯ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ
ﺑﻪﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ
ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻗﺎﻧﺴﺎ ﯲﺯﯨﮕﻪ

ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ، ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﮔﻪ، ﯬﺗﯩﺮ ﻫﯩﺪﯨﻐﺎ
ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ
ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﯪﺩﺍﺷﻘﺎﻥ ﯪﺩﻩﻡ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 04:22 PM  


http://ozhalovqi.33591.com

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 04:41:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە !  ئۆز ئاۋازىم بىلەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن دەپسىز ؟ دىمەك سىز ناخشىمۇ ئېيتامسىز ؟  

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

nadan,ga kilin,gan akida ixakk

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4918
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2713
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 4002 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:10:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىلىرىڭىزدىن قانغۇدەك ھوزورلاندىم، قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن!

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12158
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل شېئىرلار ئىكەن ، ھارماڭ قېرىندىشىم !!!


ئىلىم باشقا،تالانت باشقا . غورۇر ۋىجدان يەنە باشقا .
بۇلۇر ساھىبقىرانلىق ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش