مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 07:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 03:25 PM
چولپان ياخشىمۇ سىز ؟ پىكىرىڭىزنى كۆردۇم . بىراق ھەممىن ...


ئۆزھال ئاكا، ياخشىمۇ سىز، بۇنداق يوللىسىڭىزمۇ  بولىدىكەن بولمىسا......كۆچۈرۈپ ساقلىۋىلىشقىمۇ ئەپلىككەن  ......ئەسەرلىرىڭىز ،شئىرىيەت ۋە ھاياتلىق توغرىسىدا سىزدىن تەلىم ئالغاچ، قۇسۇر تاپالىغان جايلاردىن قۇسۇر چىقارغاچ بىر پىكىر ئالماشتۇرغۇم بار ئىدى..............خەت يازسام ،كۆرۈشكە ۋە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ خالامسىزكىن بىلمىدىم............... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 07:25 PM  


يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا ماللار بازىرى

ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯩﻠﯟﯗﺯﯗﺭ . ﻳﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ
ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ- ﻳﯩﯖﻰ ﻳﯩﯖﻰ ﻏﻪﻡ
ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺗﺎﯞﯗﺯﯗ ﺗﯩﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﯩﺪﯗ
ﻏﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ

ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺩﻩﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ
ﺋﺎﻕ ﻟﯩﭽﻪﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ
ﺋﻮﭼﺎﻗﻨﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﭖ ﺗﻮﺯﯨﺘﺎﺭ ﻛﯘﻟﻨﻰ
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯚﺕ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ

ﻗﻮﻻﻗﻨﻰ ﻳﺎﺭﻏﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ ﻧﺎﺧﺸﺎ
ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﭗ
ﺋﯘﭺ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﯨﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ
ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﻟﯩﻖ ﻏﻪﻣﻨﻰ ﺑﯩﺴﯩﭗ

ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎﻟﻼﺭ . ﻳﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘ
ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ
ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺳﻮﺩﺍ
ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﻛﯘﺭﺳﻪ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻟﯩﺪﯗ

ﺳﺎﻻﭼﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯘﺭﻩﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ
ﺑﺎﻳﯟﻩﺗﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻗﺎﺭﺍﭖ
ﻣﻮﺧﻮﺭﻛﺎ ﺋﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﺎﻟﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ

ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﺭ ﺑﯘﺧﺴﯘﻏﺎﻥ . ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺳﺎﻗﺎﻟﻼﺭ
ﭼﺎﺭﭼﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻣﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ
ﻳﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻼﺭ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ
ﻧﻪﭘﻪﺳﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﺪﯗ ﻛﯘﻳﯘﻙ ﻣﺎﻱ ﮬﯩﺪﻯ

ﺗﯩﻨﺠﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﯘﺭﯨﺸﻪﺭ ﺗﻮﭖ- ﺗﻮﭖ
ﺋﯩﺘﺘﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﻰ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ
ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﯩﻤﯩﺪﯗ ﺋﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﻛﺴﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻟﻼﭖ

ﺗﻮﯞﻻﻳﺪﯗ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻱ
ﺋﯩﻠﯩﺸﻪ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﭘﺎﭼﺎﻕ ﺳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ
ﻣﻪﯕﺰﻯ ﻣﺎﻳﻠﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ
ﺗﻮﯞﻻﻳﺪﯗ ﺋﺎﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ

ﺗﻪﺭ ﮬﯩﺪﻯ . ﻣﺎﻱ ﮬﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻯ
ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯘﻣﯩﺪﯗ ﺑﻪﺭﻯ
ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﮬﯩﭻ
ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻯ



http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75588
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 09:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  ياخشى يېزىپسىز .............................................................................................مانا بۇ  تالانت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر

ئەزان ئۈنى ياڭرىغاندا ساباغا ،
ئۈلگۇرەلمەي قالدى قولۇم دۇئاغا ،
سۈكۈت بىلەن گۇناھىمغا تۆۋە دەپ ،
كۆزلىرىمدىن ئىقىپ چۈشتى ئىلتىجا ،
قەشقەر
دوپپىچى قىزنىڭ رىۋايتىسەن ،
نوزۇگۇمنىڭ جۇدالىغىسەن ،
مىڭ ئەسىرلەپ يىغىلغان دەرىتنىڭ ،
ئىغىز ئالغان جاراھىتىسەن ،
قەشقەر
ئەسلى ئازاپنىڭ ئەزىز ۋەتىنى ،
تارىخ ھەر كۇن كۇيگە ئايلانغان ،
باتۇرلارنىڭ شىردەك يۇرىگى ،
بازغان تۇتۇش بىلەن تاۋلانغان ،
راۋاپ چالسا كىچىدە تاشۋاي ،
دوپپا تىكەر ئۆگزىدە جۇۋان .

سەندە باھار جىگىدە پۇرايدۇ ،
تومۇرلارنى ئىشىق ئورايدۇ .
ئاشىقلارنىڭ رىۋايەتلىرى ،
كۇنگە قاراپ چىچىنى تارايدۇ .

نەچچە باردىم كۆرۈپ باقمىدىم .
ھىيتكاھتىكى ھەلەك جودانى .
ئانار ساتقان روپاش جۇۋاننىڭ .
ئاشىغى كىم مىيىپ دۇتتارچى .

كاكىل لايلارغا چاپلانغان تامدىن ،
توپىغا ئايلىنىپ توزۇدۇم بىردىن ،
چىرايىمدۇر زەپىران سامان ،
بۇ دەرىتلىرىم دەرىت ئەمەس يالغان ،
پىغان ئاچچىق تاماكا بولسا .
بىر بەڭگىمەن چىكىپ قانمىغان .
قەشقەر

سەن چىرايلىق قىرىغان جۇۋان .
ئوسمىلىرىڭ قەلبىمدە غەليان .
مىڭ گۈزەلدىن كەچكەن قاقباشمەن ،
لىكىن ساڭا باغرىم قانمىغان .

تۇپرىڭىغدا ياشلايدۇ شاشلىق ،
نەپەسلىرىم كۆكسۇمدە بوران ،
سىپىل ئىزىدا قىتىق ساتقانچە ،
قىز پىتىلا كەتكەن سارىخان ،

ئوسما قويغان قىزىلىرىڭدىن ئۆرگىلەي ،
مىڭ ئەسىرلەپ قىزلىغىڭغا جان بىرەي ،
چاچ ئاقارسا يۇرەك كەبى ياش تۇرغان ،
گۈل بىغىڭدا سىنىڭ ئۈچۈن گۈل تىرەي ،

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتياش بازىرىدىكى ئايال

تەپچىرەپ ئۆزىدىن ئۆزىگە ئاقار ،
تۈرۈلگەن قوشۇما مىھىرىدۇر قاتار ،
ھاياتلىق بىغىدا بەخىت جار سالار ،   
سىنتنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرار ئايال.
ئۈيىدە ھەر كۈنى كۆكلەيدۇ باھار .

قاتار كەتكەن بازاردا يالغۇز
سومكا كۆتۈرۈپ يۇرەر بىر ئايال .

ئىرى بار ئاياللار نەقەدەر گۈزەل .
بالام دەپ كۆيگۇچى ئايال پەرىشتە .
گۈل بۇلۇپ ئىچىلار بىر دوكتۇر ئايال .
ئوتياش بازىرى رەڭدار ئالەمدە .
ئىشتىن چۇشتى بىر ئايال  
ھارغىنلىق چىھرىنى قىلسىمۇ قامال .
ئىرىم ، بالام دىگەن نىيەتتە  
قازىنىغا تامچە تۇز سالسا،
ئۈچۈپ كىتىۋاتقان بەخىت قۇشلىرى
كىرەر ئىمىش ئۇنىڭ ئۈيىگە
پىشايۋاندا قالغاچتەك ئۈۋلاپ
كەتمەس ئىمىش ھىچقانداق يەرگە .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ.
ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯗ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ  ،
ﻣﺎﻟﺘﯩﻼﻳﻤﻪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ .
ﺳﯘﻏﯘﻕ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻳﯘﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ  .

ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﯩﺶ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ .
ﻳﻪﻡ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ  .
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ .
ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻣﺎﺭﺍﺭ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﻛﯩﭽﯩﭽﻪ  .

ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺯﺍﭖ،
ﺋﯩﮕﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﺗﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﭼﯘﻙ  .
ﻳﺎﻻﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﻗﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ .
ﺑﯩﺮﺗﯘﻳﻐﯘﺑﺎﺭﺷﯩﺮﯨﻦ ﮬﻪﻡ ﭼﯘﭼﯘﻙ.

ﺳﯘﻏﯘﻕ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﯩﻨﯩﻢ ﺭﺍﺱ  .
ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯘﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺗﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ  .
ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺟﺎﻥ.

ﺑﯩﻠﻪﻱ ﺗﺎﺷﺘﻪﻙ ﺋﯘﭘﯩﺮﺍﺭ ﺋﯚﻣﯘﺭ  .
ﺳﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻧﭽﻪ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺪﯗ ﭘﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﺯﯗﻡ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺭﺍﺱ .
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﯩﻢ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ  .

ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.
ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ  .
ﺑﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﻩﻙ  .
ﺑﻮﻻﺭ ﭼﯘﻝ ﭼﯘﻝ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﮬﻪﺭﻧﻪﭘﻪﺱ .

ﺋﻪﺳﻜﻰ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ. ﻳﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭼﯩﻨﻪ  .
ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ، ﺋﯩﻴﺘﯩﻠﻤﺎﺱ ﺳﯚﺯﯗﻡ .
ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺯﺍﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ  .
ﻗﺎﻧﻐﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ .

ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﯩﻤﻨﻰ .
ﺳﯘﭘﯘﺭﮔﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ  .
ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯘﻟﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﭽﻪ .
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﻠﻪﺭ ﻛﯘﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯘﻥ .

ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ  .
ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﺍ ﺩﺍﭼﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ .
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ .
ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ  .

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺑﺎﻻ ﻣﻪﻥ  .
ﺳﻪﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﺎﻻﺳﻪﻥ .
ﻣﻪﻥ ﻗﻮﺷﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﺭﻏﯩﻦ ﻛﺎﻟﯩﻤﻪﻥ  .
ﺳﻪﻥ ﻏﻪﻡ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﺎﻻ ﺳﻪﻥ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 04:00 PM  


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﯘش

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﯘﺷﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﻰ
ﺗﺎﺗﻼﻳﻤﻪﻥ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﻢ، ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ
ﺗﯩﺮﻧﯩﻐﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺶ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﯞﻧﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ

ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻛﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮔﯘﻟﻠﻪﺭﻧﻰ
ﭘﻪﻧﺠﯩﺮﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﻰ
ﻳﯘﻟﻘﯘﻧﯘﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﻤﻪﻥ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻣﺎﺩﺍﺭﯨﻢ
ﺟﻪﮬﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ

ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﻧﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭼﯘﺷﺘﯘﻡ ﻗﻪﭘﻪﺯﮔﻪ
ﻧﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﺎﻳﺮﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻣﻪﻥ ﮬﻪﻳﮭﺎﺕ
ﻧﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﺎﺭ
ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ ﮬﺎﻳﺎﺕ

ﺋﯘﭼﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ﻗﻪﭘﯩﺰﯨﻤﺪﻩ ﻣﻪﻥ
ﻗﺎﻧﺘﯩﻢ ﺳﯘﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩﻙ
ﭘﻪﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺯﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﮔﯚﻟﻰ
ﻳﺎﻧﺪﯗ ﺩﯨﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻟﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩﻙ

ﺋﯘﺳﯧﺴﺎﻡ ﺋﯩﭽﯩﻤﻪﻥ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ
ﮬﻪﺭ ﭼﯘﺷﺘﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ ﻗﯩﻘﯩﺶ ﭘﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ
ﻗﻮﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﺑﻪﺧﯩﺖ
ﻛﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ﮬﺎﻳﺎﺕ


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقام

(ناخشا تېكىستى)

مۇقەددىمە

بارچە كۆي تەختىدە شاھ سۇلتاندۇر مۇقام ،
ئىچى تىشى گۈل پايانسىز بوستاندۇر مۇقام .
قەلبىلەرگە سىغماس يانغىن گۈلخاندۇر مۇقام ،
مەڭگۇ ئوقۇپ قانمايدىغان داستاندۇر مۇقام .

ئەر بۇلۇپ تالاي كۈيلەر تىڭشىدىم .
مۇقامنى سىغىنىپ تۈكۈلدى يىشىم ،
مۇقام دەپ ئاشىغلىق تونىنى كىيىپ ،
سەپەرگە ئاتلاندىم يىشىلدى سىرىم .

جۇلادىن لەرزىگە كەلدى ۋۇجۇدۇم .
سەلىقە قوينىدا قاينىدى قىنىم .
پەنجىگاھ قەدىمى باغرىمنى ئەزدى .
باياتتا شادلىنىپ ياشنىدى جىنىم .

سەن ئۇزاق تارىخىنىڭ بىزگە مىراسى .
كۆڭۈلگە زوق بىرەر نەغمە ناۋاسى .
مەڭگۇگە ياڭراتقاي مۇقامىم سىنى .
مۇقامنىڭ كەلگۇسى ئىز باسارلىرى .

نەقىرات :

ئازاپلىق كۇڭلۇمگە مەلھەمسەن مۇقام .
جىسمى گۈل تۇپراغىم ۋەتەنسەن مۇقام .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە

ناخشا تېكىستى

پەرۋاز قىلسام كەڭرى ئاسمانىم .
يازسام مەڭگۇ پۇتمەس داستانىم ،
چىچەك ئاچتى سەندە ئارمانىم .
گۈزەل جەننىتىم مىنىڭ ئائىلەم ،

تاغلارغا تەڭ يۆلىگىم ئاتام ،
ئەجرى ئالتۇن مىھرىبان ئانام ،
ياشنىدى جان ئىللىق قوينۇڭدا ،
باغرى كەڭرى يايلاق ئائىلەم ،

ئاتامغا بايلىق تەننىڭ ساقلىغى ،
ئانامغا زىننەت كۆڭۈل ئاقلىغى ،
ياراملىق بول دەپ قاتارغا قاتقان .
تۈنجى مەكتىۋىم ئانام ئائىلەم ،

نەقىرات :

يازسام پۇتمەس داستان ئائىلەم
باغرى گۈزەل بوستان ئائىلەم


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:07:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساما

بۇ ناخشا مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى ئىمىن نىياز ھۈسەيىن تەرىپىدىن 2010- يىللىق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز كېچلىگىدە ئوقۇلغان .


تومۇردا ئاققان قىنىمسەن ساما
يۇرەك باغرىمىنى ياشناتقان ساما
نەغمە ناۋانى يەتكۈزۈپ كۆككە
   ئەلنى دۇنياغا تونۇتقان ساما         

ساما دوسلۇقنىڭ پۇتمەس داستانى
ئۆم ئىناغلىقنىڭ كەڭرى ئاسمانى
سامادا سۆيگۇ كۈلەر چىچەكلەپ
ساما ھەر جاننىڭ ئارزۇ ئارمانى

تويدا مەشرەپتە ئايەمدە ساما
نورۇزدا يازدا باھاردا ساما
ئىلى تارىمدا بۈغدا تىغىدا
مول ھۇسۇل شاتلىق بىغىدا ساما


كەلدى نورۇز كۈلدى جانلار ھايات باشقىچە
ئۈسۈل ئويناپ ساما سالدى قىرى ياشقىچە
دوسلار ئۈچۈن چاي راسلىدۇق نورۇزدا بۇگۇن
توي ئوينايمىز چىھىرىمىزدە پارلايدۇ كۈلكە

نەقىرات

مەرھابا ئىش ئەمگەكنىڭ قاينىمى نورۇز
قوينى ئاۋات ساپ ھاۋالىق يۇرتۇمدا نورۇز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 07:08 PM  


http://ozhalovqi.33591.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش