مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

ئۆزھالدىن مىسرانىمدىكىلەرگە سالام (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:09:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



سالام ئەزىزلەر . پىقىر راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال بۇلىمەن . سىلەرگە چۇڭقۇر ئىھتىرام ۋە ھۈرمەتلەر بولسۇن . مەن ناخشا تېكىسىتلىرىمنى يەنە يوللاپ قوياي .بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچىسى ناخشا تېكىستلىرى ئىدى يىڭى يازغان . بۇلارمۇ ئۈزۈمنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىشى مۈمكىن . ھەممىڭلار ئامان بۇلۇڭلار ئەزىزىلەر . .
  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 11:14 AM  


http://ozhalovqi.33591.com

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18038
تۆھپە نۇمۇرى: 1467
توردا: 4088 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان شئېىرلاركەن.يۇقىردىكى راخمانجان يازغان، ئابدۇللا ئورۇنلىغان‹‹كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن›› دىگەن ناخشىنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم، چۈشۈرىۋالدىم.  راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھالنىڭ  ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 12:25 PM  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!. ۋاقىت ھەممىنى ئۆتمۈشكەئايلاندۇرىدۇ. ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئېرىشتۈرىدۇ. بىر كۈنلەردە كەچمىشىڭدە يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن كۈلىسەن. كۈلگىنىڭ ئۈچۈن يىغلايسەن.... http://saadat.blogbus.com

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12497
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 4608 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرنىڭ ئوتلۇق مىسرالىرىغا تىخىمۇ بەركەت تىلەيمەن.خەلىقنىڭ كۆڭلىدىكىنى يىزىشقا تىخىمۇ تىرىشقايسىز!

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز

نورۇز كەلدى كۈلدى جاھان يايرىدى جان
ئىرىقلاردا ئاقتى سۇلار دەريا بۇلۇپ
ئىللىق شامال ئىلىپ كەلدى دىلغا شاتلىق
كائىناتنى چىچەكلەرگە لىق تولدۇرۇپ

ئۆي ئۆيلەردە قايناپ كەتتى نورۇز ئىشى
پەتىلەشتۇق قۇتلۇق بايرام ھارپىسىدا
تەبئەتمۇ گۈللەر بىلەن دەستە تىزدى  
دۇپپا كىيىپ ياسىنىشى يىگىت قىزلار

توڭ ئىرىدى بۇلبۇللارمۇ ئۇردى خەندان
ئىتىز ئىرىق دالىلارغا ياغدى بەركەت
يىڭى يىلدا يىڭى ھوسۇل كۈتەر بىزنى
ئىشلە دىھقان ساڭا ھەمرا بولسۇن غەيرەت


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد كاشغەرىي

ئۇلۈغ ئۈستاز مەھمۇدكاشغەرىي ،
تۈرك تىلىنىڭ پىرى كامىلى ،
غەۋۋاس سىز مەغرۇر تىل سەھراسىدا ،
قوياشتەك يورۇق يارالغان دىلى ،
مەھمۇد كاشغەرىي ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز ،
تۈرك ئىلىنىڭ پەخىرى غۇرۇرى ،

مەھمۇد كاشغەرىي. مەھمۇد كاشغەرىي
سىز بىلەن ئاۋات تۈركىمنىڭ چۆلى ،
زەيتۈن چىشلىگەن كەپتەر بولدىڭىز ،
ئارالدا كۈتتى بىر قەلئە سىزنى ،
بەھەيۋەت قەسىر -سانسىز يۇلتۇزلار ،
ئۇلۇغ ئىمارەت تىل بىناكارلىغى


مىڭ يىللىق ئىجتىھات مىڭ يىللىق سەۋرى ،
ئاجايىپ سۆلكەتتە پارلىدى ھاي - ھات ،
تۈمەن يىل چاپقۇنغا بەرداشلىق بەرگەن ،
تۈركنىڭ تىلىغابىرىلدى قانات ،
سىز بىلەن غاپىللىق چىچىلىپ قۇمدەك
مىڭ يىللىق سۈكۈتلەر كىرىدى قانات
مەھمۇت كاشىغەرى ئەي ئۇلۈغ بوۋا ،
شىرىن مۇقام سىز دىلىمىزدا ياد ،

ئۇيغۇر ، ئوغۇز. قېپچاق ،تۇركمەن ،
قىرغىز ، چىگىل ،ياغما ئارغۇلار،
بىر ئىقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىپ ،
بىر كۆلچەكتە تەڭ كۈلگەن ئۇلار ،
ئەقىل غۇرۇر شان شەرەپلەردىن
ياقا تۇتتى پۈتكۈل ياۋرۇپا
شەرىق ئىلى پەخىرلىنىشتىن
بىر قەلىبتە يوقتۇر مۇئەمما .

ئوي چولپانداتۇغۇلغان چولپان ،
ياش يۈرەكنى ئەيلىدى مەپتۇن ،
شاھزادە مەن دىگەن تۇيغۇغا
بولمىدىڭىز ھىچيەردە تۇتقۇن ،
قىلىچ بىسى ياندى سىز يانماي ،
مەھمۇد كاشغەرىي ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز ،
دىلىڭىزدا ئىمان دىلىڭىزدا ۋىجدان
قولىڭىزدا قىلىچ قولىڭىزدا ساز ،

تۇنجى تىل ئۇستازى تۇرك ئىلىنىڭ ،
تۇنجى دەرىخى سىز تۇرك چۆلىنىڭ ،
تۇنجى مىۋىسى تۇرك بىغىنىڭ ،
تۇنجى بەلگىسى تۇرك تىغىنىڭ ،
تۈنجى ئەسلمىسى تۈرك تىلىنىڭ ،
تۇنجى پىداكارى تۈرك غىمىنىڭ ،
مەھمۇد كاشغەرىي مەھمۇد كاشىغەرىي ،
تۇرك ئىلىنىڭ بۈيۈك ئالىمى ،

ئانا تىل غۇرۇرى شەرىپى بىلەن بىرلە ،
مىڭ يىللىق ئامەتنىڭ تەكتىنى قىزىپ ،
بارچە ئەل سىزئۈچۈن سەيلىگاھ بولدى ،
باغداتتاپادىشاھ سىزگە قول بولدى ،
مىڭ يىللىق ئىلىم سىزگە ئەل بولدى .
مىڭ يىللىق تارىخ سىزگە باش قويۇپ
ئون نەچچە مىللەت سىزسىز تۇل بولدى .
سىز بىلەن ئاۋات بۇلۈپ تۈركىمنىڭ تىلى ،
پارىس ، ئەرەپ تىلىدىن ئاجىردى چىقتى ،
شەھەرگە كىردى سەھرانىڭ تىلى
ھەممە بىر يەرگە مەھكەم ئۇيۇشتى
پارىس ئەرەپ تۇرىك تىلى بىر بەيگە بولسا ،
ئۈچى قاتاربۇلۇپ بىرگە چىپىشتى ،
سىزگە ھۈرمەتتۇرئەي ئۇلۇغ ئۇستاز ،
تىل بوستاننىڭ ھارماس بۇلبۇلى ،

سىز بىلەن ئاشكارە ئىتىقادىمىز ،
سىز بىلەن پۇتۇلدى مىڭ يىل بارىمىز ،
تىل بىلەن ياراتقان بۈيۈك ئىمپىرىيە ،
دۇنياغا سوۋغا دىل ئىزھارىمىز ،
تۇرك تىلىنىڭ پاساھىتىدە ،
قايتىدىن رىشتىلەندى كۈڭۈل تارىمىز.
مەھمۇد كاشغەرىي ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز ،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cholpan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز پەسلى
چۇۋۇلغان قىرىق تال چاچنىڭ چىھرىدە .
بىغۇبار بىر چىراي ياتار نۇرلۈنۈپ .
كىرىشكەن لەۋلەردە ئۆمىد كۈلكىسى .
يالىڭاچ خىيالغا تۇرار قۇل بۇلۇپ .
غۈنچىدەك تاڭغا زار غەمكىن جۇدالىق .
دار ياساپ ئۆزىگە قىلماقتا نالە .
ھاياسىز چۈشلەرنىڭ ئوتلۇق قوينىدا .
سۈنماقتا رەت رەت ئالتۇن پىيالە .
كارۋاتقان يىيىلغان بارماقلار ئارا .
پايانسىز بىر بوشلۇق چىكەر ئىزتىراپ
كۈكسىدە سوزۇلۇپ ياتقان خىياللار .
چىچىنى يۇلماقتا قوياشقا قاراپ .
قىشىغا تىۋىشسىز تىكىلەر ئاسمان .
كۈكسىگە پاتماقتا ئارمان تاغلىرى .
يالىڭاچ تەن ئۆزرە ئوينايدۇ ئۇسۈل .
ھاياتنىڭ تۇگىمەس غەم غەۋغالىرى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇجۇدۇم چۆلىدە نالە قىلار جان

ئىسيانىم قەلبىمگە پاتمايدۇ زىنھار ،
ھايلىدىم ئۈزۈمگە ئىللىغلىق بىرىپ
شۇ قىزنى بوغۇپلا ئۆلتۈرگۈم كەلدى .
ھاياتقا بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلىپ .
بىر دۆۋە سۆيگۈنىڭ نازۈك شاخلىرى ،
- قۇرىغاچ كۈلبەمدە ھوۋلايدۇ شامال .
كەلمىگەن بەختىنى قوشاققا قېتىپ .
جۇدالىق كۈيىدە ياشايدۇ ئۆزھال .
ھەر نەپەس ھەر مىنۇت سۆيگۈ قاتىلى ،
سۈكۈتكە پاتىمەن ئۇزاقتىن - ئۇزاق ،
ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغان بىر قىزنى
لەنەتلىك تۇيغۇدا ئەسلەر جىن چىراق .
ۋىسالسىز ياشىغان ئاشىقنىڭ كۈنى .
ئۈلۈمنىڭ ۋەزنىدىن ئىغىر مىڭ ئېغىر .
نىگارسىز لاۋىلداپ تۇرغان كوچىلار
باغرىدا لەختە قان كۈكسىدە يىغىر .
ھەر سەھەر بىر سۇئال سورار ئىسيانىم .
نېمىشقا يىنىڭدىن كىتىپ قالدى ئۇ ؟
ئۈزۈمنى ئۆلتۈرۈپ بىرىمەن جاۋاپ .
سۆيگۈسىز گۈللەرگە قۇل بوپ قالدى ئۇ
ئالدىماق بۇلىمەن ئۈزۈمنى ئۈزۈم ،
مەسخىرە قىلىدۇ ئالدانماس كۈڭۈل .
جاۋاپسىز قالغىنى سۆيگۈ داستانى .
ھاياتلىق چۆلىدە ئۆلمەكتە بىر - بىر .


http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈشلەر يوق ئەمدى

كۈتۈشلەر يوق ئەمدى يوللاردا بوشلۇق ،
نەپەسلەر ناتونۇش ئۈزۈلگەچ رىشتە ،
نائۆمىد تۇيغۇنىڭ تەختىدە شاھ بىز .
سۆيگۇلەر يات ئەمدى كۆڭۈل ئۆيىگە .
يوللاردا ئۇچراشساق تىلغىنار يۇرەك .
ئىسىنى تاپقاندا كونا ھاياجان ،
نەپرەتكە ئەرزىمەس ئەسلمىلەرنى
پىتىغلاپ كىتىمىز كۆلىدۇ ھىجران .
ئەقىدە ئارمانلار تاشلاندۇق بىر ئۆي ،
يوشۇرۇن سىغىنىش ئىلكىدە تىنى ،
بىر كۇنى جەسەتكە ئايلاندۇرىدۇ ،
جان باقتى تۇرمۇشنىڭ ئۆلگۇر رىتىمى .
كۈڭۈلدە يوقالماس سۆيگۇنى يۇدۇپ ،
ياشايمىز ئىككىمىز ئىككى ماكاندا .
خىيالنى بوغۇزلاپ تەن بىرىمىز تەن .
نەملەشكەن سۇكۇتنىڭ رىئاللىقىغا .
بەزىدە چىقىمىز بىر ئاپتۇبۇسقا ،
قارىشىپ قالىمىز ناتونۇشلاردەك ،
يۇزسىز ھەم ۋاپاسىز غالىپلىغمىز
دەستىدىن مىڭ پارە بۇلار بىر يۇرەك ،
ئىككىمىز قەرىزدار سەممىلىككە ،
قەرىزدار بىغۇبار ئاشىق كۆڭۈلگە ،
ھىجراندا ئۆرتىنىپ ياشايمىز ئەمدى .
ساختىلىق دەستىدىن قىلىپ يىگانە

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال

مەڭگۇلۇك ئاستانەم باغرىڭ - نىگاھىڭ
نۇرانە نىشانىم مەنزىلىم ئۈزۈڭ ،
مەھلىيا - مەسلىكتە سىلكىنگەن ۋۇجۇد .
جان پىدا قىلىشى قايتا بىر تۇغۇم .
ئەرلىكنىڭ ئايالسىز شاتلىغى قىنى .
نەيمۇ ئۆز قەۋمىنى چىللايدۇ يىغلاپ .
چىمەندىن ئايرىلغان تەنھا چىكەتكە ،
بۆرىگە ئايلىنار ھىجراندا ھوۋلاپ .
ھىىدىڭنى ئوۋلايدۇ ھاياسىز شامال .
قەسىدە يازىدۇ ساڭا ئاشىق دىل ،
دوزاخنى سىغىنىپ چىكىدۇ پەرياد ،
ئىشقىڭدا پەيۋەندە بولغان بىر كۆڭۈل .
جىنمىنىڭ قەدرىنى بىلمىدىم تىخى ،
ئاپتاپتەك باغرىڭغا يىقىلماي تۇرۇپ ،
كىملەرئەرلكنى ھىس قىلار قاچان ؟
ۋىسالنىڭ كەيپىدىن مەس بولماي تۇرۇپ ،
قەدىمىڭ ئالدىمغا تاشلانسا بىر پەس ،
ئۇلۇمگە تەييارمەن . جان بىرىمەن جان ،
كۇيلەيمەن ئاخىرىقى تىنىغىمدىمۇ .
بولمىسا تەنگە يۇك بارىم جان جاھان .
چىچىڭغا كۇيۇكمەن كۇكسۇڭدە مەسمەن ،
بىلىڭغا چىرماشسام ھەممىدىن پەس مەن
ئاياسىز دۇنيانىڭ خۇۋلىغى قىنى ؟
سەنئەت سەن قولۇڭمەن ساڭا ھەۋەسمەن

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىر قىلىپ يوللىۋالماي،ئايرىم ئايرىم يوللىسىڭىز بوپتىكەن، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ بىر بوغۇم، بىر مىسرادىن چايناپ، سۇئال،پىكىر بولسا تاشلاپ، تولۇق ھەزىم قىلىۋالسام...................ئىنكاسلارنى يا ساقلىۋالغىلى بولمايدىكەن.....................

يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش