ataman0 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:40 PM
مارشال ئەپەندىم مىنىڭ يەنە كونا خاماننى سورۇغۇم يوق ... ...
كۆپ گەپلەر بۇلۇنۇپ كەتكەن ئۇ تېمىدا،مەنمۇ ھېرىپ قالغان شۇ چاغدا مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقماي.
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ نەزىر توغۇرسىدىكى بايانلىرىدىن مەنمۇ چۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسام.
ئۈرۈمچىدىكى يۇرت چوڭلىرى،جامائەت ئەربابلىرىدىن ئاڭلىشىمچە، ئابلىز مەخسۇم بار چاغلاردا،ئۇ كىشى ئۈرۈمچىدىكى ئا.ئۆتكۈر،ئىبراھىم .مۇتىئى،ئەھمەد زىيائى،تىيىپجان ئېليۇف،ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلىرىمىز بىلەن قۇيۇق ئالاقە مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىكەن،ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك،مىللەت مەسىلسى،دىننى-ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ھەققىدە قانداق قىلىپ،ئاۋامنى يېتەكلەش توغۇرسىدا شۇلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىپ،ھەرخىل تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلارنى قىلىدكەنتۇق،ئابلىز مەخسۇممۇ شۇ دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ئاساسىدا،ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىننى ئايرىغان ئاساستا،بىدئەتكە چىقارمىسىمۇ بولدىغان نەرسىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپتىكەن.
نەزىر-چىراق،قەبرە يوقلاش بۇ بۇرۇندىن تارتىپ بىز كېلىپ قىلىۋاتقان ئىش،لېكىن،نەزىر-چىراقتىكى ھەشەمەتلىك ئىشلارغا مەنمۇ قارشى تۇرىمەن،شۇ نەرسىنى ئەستىن چىقارمايمەنكى،نەزىر ئۆتكۈزگەن كىشى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزسە،بۇ مېنىڭچە خاتا ئىش ئەمەس.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى ياشاش جەريانىدا،ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ نام ئالغان،تۆت ئەتراپىنى تاغلار بىلەن قامال قىلغان بۇ رايۇندا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادنى ئۆرپ-ئادەتلەشتۈرۈش،ئۆرپ-ئادەتنى ئېتىقادلاشتۇرۇپ ياشاش ئۇسۇلى بۇلۇپ كەلگەن،بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەت شەكلى دەپ نام-ئالغان نەزىر-چىراق بارغانسىرى دىن نۇقتىسىغا كىرىپ كەلگەن،لېكىن،ھەشەمەتلىك،ئىسراپچىلىق بولغان نەزىرنى چەكلىسە،مەن قوللايمەن.
لېكىن،نەچچە يۈز يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان،خالىس نەزىرنى چەكلەش ياخشى ئىش ئەمەس،ئۆلىمالاردا ئېدىلۇگىيە جەھەتتىكى كۆز-قاراشلار تېخى ئاممىغا تۇلۇق يەتكۈزىلگىنى يوق،ئەينى ۋاقىتتا،قاسىم قارى ھاجىم،قاغىلىقتىكى ئابدۇلىكىم داموللا مەخسۇم ھاجىم،ئابلىز مەخسۇملار،كۇچادىكى سىدىق قارى ھاجىم،ئابلىكىم داموللا مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق دۇنياۋى ئىسلام ئالىملىرىمىز نەزىرنى بىدئەتكە چىقارمىغان،ئۇلار تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ۋە پەيغەمبەرلىكتىن مىراس قالغان ئۆلىمالىق خىزمىتىنى توغرا قىلىپ،ئەلنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن دىن بىلەن ئۆرپ-ئادەتنى ئايرىغان ئاساستا،مىللىي كىملىك،مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى قېلىپ قالغان ئۇدۇنلارنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ،ئەلنىڭ،پۈتكۈل مىللەتنىڭ تۈۋرىكىگە ئايلانغان.
شۇ ۋاقىتتا،دۇنياۋى ئىسلام ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنى ئېدۇلۇگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،ئەلنى توغرا يولدا يېتەكلەپ،ئىسلامدىكى ھەقىقەت يولىنى،ھىدايەت يولىنى ئۇيغۇر خەلقىگە تەغدىم قىلغان،ئۇلارنىڭ دىننىي خىزمىتى يالغۇز دىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان نۇقتا مىللىي كىملىك،مەۋجۇدلۇق ھەققىدىمۇ كۆپ باش قاتۇرغان.
ھاللا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىچۇ؟
ھارۇنخان داموللاممۇ نېمە سەۋەبتىن رېھلەت قىلغانلىقىنى مەن دېمىسەممۇ،ئۆزىڭىز بىلەن ئۇقىسىز ھە قاچان.....