gulen يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 07:55 PM
مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە جىق مۇنازىرە قىلىپ باققان. ئەگەر ...
سالام گۈلەن ئەپەندى، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بىر ئىش يادىمدىن كەچتى:
شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەرمەنكىسىدە جەنۇبىي كورىيە چولپانلىرى جەنۇبىي كورىيە سارىيىدا ئويۇن قويۇپتىمىش، جۇڭگو تەرەپ پەقەت نەچچە يۈز جۇڭگولۇق تاماشىبىننىڭ كىرىشىگە يول قويۇپتىمىش (كۆپ بولۇپ كەتسە پاتمىسا كېرەك)، مەيدانغا كىرەلمىگەن جۇڭگولۇق مەستانىلار قاتتىق غەزەپلىنىپ دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئالا-توپىلاڭ قىلىپتىمىش، خېلى مالىمانچىلىق بولغاننىڭ گېپى بار. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ قاتتىق يۈزى چۈشۈپتىمىش، كورىيەلىك چولپانلار تەرتىپ ساقلىغۇچىلار بىلەن تاكاللىشىپتىمىش.
شۇنىڭ بىلەن شاڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ۋەقەنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ كورىيەگە قارشى «غازات» قىلىپتىمىش، بىر ئوقۇغۇچى دەس تۇرۇپ:«نېمىشقا پارىخور ئەمەلدارلار ساختا قۇرۇلۇش ياساپ، يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە غازات قىلمايسىلەر، نېمىشقا ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى خالىغانچە زورلۇق زومبۇلۇق قىلسا ئۇلارغا قارشى غازات قىلمايسىلەر، نېمىشقا يەنە نۇرغۇن ناھەقچىلىق يۈز بەرسە ئۇلارغا قارشى غازات قىلمايسىلەر، نەچچە چۈپرەندە كورىيەلىك چولپانلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ جۇڭگونىڭ يۈزىنى تۆكسە كورىيەگە قارشى غازات قىلىپ قالدىڭلار» دەپتۇمىش.
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار «ئىچكى قىسىمدىكى ئىشلارغا قارىغاندا سىرتقى ئىشلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئاسان ھەم بىخەتەر» دەپتۇمىش.
خۇددى موشۇ ئىشقا ئوخشاش، بىزنىڭ موللىلىرىمىز نېمىشقا قارشى تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشقا قارشى تۇرماي، يوقىتىشقا تېگىشلىك ئىشنى يوقاتماي، ئۆرپ-ئادەتلەرگە چاپلىشىۋالىدىغاندۇ دەيمەن؟!
ئېھتىمال ئاۋۇ ئوقۇغۇچىلار ئېيتقاندەك ئاسان ھەم بىخەتەر بولسا كېرەك!!!