مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مارشال

ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16814
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6792 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 01:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sadiqqul يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 07:44 AM
مارشال، سىزنىڭ نەرىڭىز باشقۇرغۇرچىغا ئوخشايدۇ؟ گۈلەن ...

توغرا،ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم،مەن ئەلكۈيىگە توخار دېگەن ئىسىمدا كىرگەن،ئەمدى سىز مىسرانىمغا بۇ ئىسىمدا كىرىپسىز،كىرگىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
مەن ئەلكۈيى مۇنبىرىدە سىزگە قارىتا نەدە قالايمىقان ئىنكاس يازدىم،ئىسپاتىڭىز بارمۇ؟نېمىگە ئاساسەن بۇ گەپنى دېۋاتىسىز؟
مەن سىزگە ئۇ چاغدا،سىز جەمىياتشۇناسلىقتا ئۇقۇغانكىن،ئەدەبىيات پېنىدىن ۋاز كېچىڭ.سىز بۇرۇنلا شېئىر يېزىشتىن قول ئۈزگەن ئادەم،ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە سىزگە خېلى ھۆرمىتىم بار،خالىغانچە ئېدىلۇگىيە ئۇرۇشى ئېلىپ بارماڭ،نىزا ئۇرۇقى تېرىماڭ دېدىم.
سىزگە شۇنچە ياخشى تەكلىپ بەسەممۇ،مېنى ھېچنىمىزىمنىڭ قىلتىقىغا چۈشتى،گۈلەن بىلەن بىر بۇلۇۋىلىپ،تازا ئۇيۇن ئويناپ،تورداشلارنى ئازدۇردى دېگەن.ئەلكۈيىگە شۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.
مەن ئەلكۈيىدىكى ئىسمىمنى مارشالغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەلكۈيى ئىشخانىسىغا تېلىفۇن قىلغان،لېكىن،خىزمەتچى خادىملار ئىسىم ئۆزگەرتەلمەيمىز،يېڭىدىن تىزىملاڭ دېدى،ئامال يوق توخار دېگەن ئىسىمدا كىردىم.
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم،مېنىڭ ئاغزىمنى ئاچىمەن دېگەن سۆزنى قىلغۇچى بولماڭ،بولمىسا،ئىشنىڭ ئاخىرى چاتاق،ھاۋايدا ئۇقۇغان ئۇيغۇرغا ئەسقاتماس يازمىلىرىڭىزنى ماڭا پەش قىلماڭ،بولمىسا،سىز بىلەن ئوبدان تۇتۇشۇپ قالىمەن،سىزنىڭ 2005-يىلدىن بۇيانقى تور دۇنياسىدا ئويناپ يۈرگەن ئىسمىلىرىڭىز ماڭا ئايان.
سىز ئامىركىدا جەمىياتشۇناسلىقنى ئۆگەنسىڭىز،بىز سىزگە شۇنداق قاتتىق گەپ قىلىپ،ئۇيغۇر بۇلۇشنى ئۆگىتىمىز.
توغرا،مەن باشقۇرغىچىلىققا يارىمايمەن،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى قوللاپ بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن باشقۇرغىچىلىققا يارىمايمەن،قېنى،يەنە نېمە دەيدىغان گېپىڭىز باركەن،شۇنى بىر كۆرۈپ باقايلى،بۈگۈن كۈندۈزى ئىشىم ئالدىراش،كەچتە بىر نەرسە دېيىشەي سىز بىلەن.....


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11637
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1164 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 05:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرزادە كىم؟گۈلەن كىم؟
بۇ بىر مەيدان نىمە جېڭى؟نىمىشقا ئاخىرغا كىلىپ مۇنازىرە ئۇچى ئەسلى تېمىدىن پەسكە چۈشۈپ شەخىسكە قارىتىلىپ قالىدۇ؟ئەجەبا تۆۋەندىكىلەر شۇلارنى كۈتەمدۇق؟

ھېس قىلىشىمچە يۇقارقىلار ھەممىسى دىگۈدەك يۇقرى بىلىم سەۋىيىلىك زاتلىرىمىز ئىكەن.دېمەك بىز ئۇيغۇرلارنى بىر پويىز دىسەك ئۇ ھالدا مۇشۇ بىلىم ئىگىللىرىمىز پويىزنى سۆرەپ ماڭىدىغانبۇ پويىزنىڭ پاراۋۇزى.لىكىن يۇقارقى  ئىنكاسلاردىن بۇ پاراۋۇزلار رېلىستىن چىقىپ كىتىۋاتقاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەنغۇ.بۇنداق بولغاندا .....

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2120
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 05:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تادۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 12:06 PM
گۇلەن ئەپەندى ناھايتى سەزگۇر تىمىنى يوللاپتۇ. مىنىڭچە  ...


بۇرادەر مەن ئادەم بىلەن مۇنازىرە قىلۋاتمەن  دەپ ئويلىغان !!!، سىزنىڭ يۇرۇتتا ئىت تالاشتۇردىغان بولسا بىزنىڭ يۇرۇتتا ئىت تالاشتۇرۇشنى توغرا كۆرمەيدۇ، سىز مۇنازىردە گۈلەننىڭ گىپىنى كۈچلەندۈرمەن دەپ كىرىپتىكەنسىز شۇڭا ئەسكەرتىپ قويدۇم ، ئۇنداق ئەمەسمىتى يە   ، مەن باشتىن ئاخىر يىتەرلىك دەللىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلۋاتمەن ،مەن سىزدىن دەللىل تەلەپ قىلسام كەچمىشىڭىزگە چۈپ كىتىپسىزغۇ ، ئۇ دىگەن توردا ئۆزىڭىز دىگەن گەپلەر بۇ مەسىلنى شۇنداق كەچمىش بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلمىساق مۇشۇنداق تالايمەن دەپ تۇردىكەنسىز ئەمەسمۇ،

ئۇندىن باشقا ھەجگە ئاتالغان بەلگەسىلىنغان ماللارغا تەگمەسلىك توغرىسىدا بايان بار. مەن سىزدىن مۇشۇنىڭغا دەللىل بارمۇ دەپ سوراۋاتسام سىز نىمىگە ئاچچىقلىنسىز ، مەن مۇنازىرگە بىر كىمنى يەڭگىلى كىرمەيمەن .
نەزىر قىلىشنىڭ مال سۇيۇپ،ئاللاھ يۇلىدا ئاتا ئانىنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش،يۇت مەھەللىگە يىگۇزۇش ئىچكۇزۇشنىڭ خاتا يىرى يوق.
سىزنىڭ دەلىلىڭىز مۇشۇما ئاتا-ئانڭىز ئۆلەپ كەتكەندە مال-سويۇپ نەزىر قىلسا ئاتا-ئانىنىڭ ئەجىرگە جاۋاپ قايتۇرغان بولامدۇ؟ ساق ۋاختىدا قايتۇرمىغان ئەجىرنى ئۆلگندە نىمىگە پايدىسى بار سويغان مالنىڭ ،  ئاتا-ئانىنىڭ ئەجىرنى قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ، ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا ۋاختىدا تۆلۋىتىش ، ئاتا-ئانسىنىڭ تونۇشلىرى بىلەن ئالىقىنى ئۈزمەسلىك ، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئۆلگندىن كىيىن پەرزەنتلەرنىڭ قىلىشقا بولدىغان ئىشلىرى ، مۇشۇنداق بولغىنىدا ئاندىن ئەجىرىگە ئازراق بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرغىلى بولىدۇ، سىزدىن ئاڭلاۋاتمەن ئاتا-ئانسى ئۆلگەندە مال سويۇپ ئەجىرنى قايتۇردىغان ئىشلارنى ، سىز مۇنازىرنى ئىلمى بولسۇن دىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ گىپىگە ئىگە بولۇپ مەن سورغان سۇئالغا دەلىل ئەكىلىڭ ....قۇرئاندا ئاياتلەر، بايانلار  بار دەۋاتاتتىڭىز شۇ ئايەتلەرنى بايانلارنى ئەكىلىپ باقمامسز  بىزمۇ كۆرۈپ باقىلى !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ataman0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 05:15 PM  


ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68983
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 06:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ئەينى ۋاختىدا بىرەرسى ساھابىلەردىن پەتىۋاغا ئائىت سۇال سورىئسا مەن بىلمەيمەن پالانچىدىن سۇراڭ دەيتتكەن،ئۇ يەنە پالانچىدىن سوراڭ دەپ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەيتتىكەن،چۇنكى ئۇ ئىنچىكە مەسىىلە دەپ قارايدىكەن .لىكىن ھازىر جەمىيىتىمىزدە گۇلەن ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇز خاھىشى بويىچە مېنىڭچە ئۇنداق ،مېنىڭچە مۇنداق دەپ كىتاپ يازىدىغانلار كۇپۇيۇپ كېتىتۇ. ئالدىراخسانلىق ياخشى ئىش ئەمەس،بىزدە بىر ماقال -تەمسىل بار:يەتتە ئۇلچەپ بىر كەس. ھەممىمىز سەۋىرچان بولايلى.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 07:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن نەزرىنى يوق قىلىشقا قارشى پوزىتسىيەدىكى گەپلەرنى، دىن نوقتىسىدىن دېمىدىم. مەن بۇنى پەن نوقتىسىدىن دەۋاتىمەن. توي، نەزىر دېگەنلەرنى مۇراسىم دەيمىز. بىر مىللەتنى باشقا مىللەتتىن پەرقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر شۇ مۇراسىمدا شەكىللىنىدۇ. بۇنداق مۇراسىملار ھەرقانداق مىللەتتە بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقى تويدىكى نىكاھتا، نەزىردىكى خەتمە قۇرئاندا، مىيىت نامىزىدىكى سەپتە...شەكىللىنىدۇ. ئۈچ ياشتىن باشلاپ يەسلىگە كىرسە، ھاياتىنىڭ 70 پىرسەنت ۋاقتى مەكتەپتە ئۆتسە، مەسجىدكە كىرگۈزۈلمىسە، تەربىيەگە يول قويۇلمىسا، قانۇنلۇق دىنىي تەربىيە سورۇنى بولغان نەزىرلەر قارا قويۇق، ياخىشى يامان، توغرا خاتاسى ئايرىلمايلا قۇرئاندا يوق دەپ چەكلەنسە كىشى قانداق مۇسۇلمان بولىدۇ، نەدە تۇرۇپ مۇسۇلمان بولىدۇ، بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى؟
مەسىلەن، ئۇيغۇر تويلىرىدا بولۇپمۇ قەشقەردە توي، تويدىن كېيىن چىللاق، قىچقىرىق، يوقلاق قاتارلىقلار يوسۇنلار بار. سىزچە مۇشۇلارغا قۇرئاندىن، ھەدىستىن ئاساس بولمىسا بۇلارمۇ بىدئەت بولامدۇ؟ مەسىلەن، بىر خەنسۇ ئەر ئايال توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولسا. بۇلار ئىسلام دىنىمىز بويىچە نىكاھلىق بولمىغان، شۇڭا بۇ بىر جۈپتىن ھارامدىن بولغان بولامدۇ؟ پەيغەمبىرمىزمۇ ئىسلامىي ئائىلىنىڭ يەنى نىكاھ قىلىنىدىغان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئەمەس ئېدى. ئۇنداقتا بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟
قۇرئان ۋە ھەدىستە بولمىغان بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىدئەت بولامدۇ؟ مېھمانغا كۆرپە سېلىش قۇرئاندا بارمۇ؟ مېھمان كەلسە قولىغا سۇ بېرىش قۇرئاندا بارمۇ؟ تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش قۇرئاندا بارمۇ؟ ئەتىگەندە نان بىلەن ناشتا قىلىش، ئادەتتە لەغمەن يىيىش، تويدا پولو يىيىش قۇرئاندا بارمۇ؟ ، خەتنە قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاتلاندۇرۇش ئادىتى قۇرئاندا بارمۇ؟

مەن دېدىم. ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم نەزرىسىنىڭ ئېتى نەزىرە بولغان بىلەن ئۇ بىر ماتەم مۇراسىمى.  ئۇ بىر مۇراسىم. ئۇنىڭ قۇرئاندىكى نەزىر سۆزى بىلەن پۈتۈنلەي بىر گەپ ئەمەس. مەن يەنە دېدىم ئەقىدىمىزگە خىلاپ بولمىسا، ماتەم مۇراسىمىدىكى قىلىقلار چەكتىن ئاشمىغان، ئوتتۇرا يول تۇتقان بولسا چەكلەپ نېمە قىلىمىز؟ نەزرىدە گۇناھ بارمۇ نەزىرنى خاتا قىلىۋاتقان ئادەمدىمۇ؟ بىر كىشىنىڭ بىرلا قازىنى بولسا، ئۇ قازاندا ھەم تاماق ئېتىپ يەنە كىرمۇ يۇيغان بولسا شۇ ئادەمنىڭ قازىنىنى چاقامدۇق، ياكى خاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە، قازاننى قايتا يۇيۇشقا بۇيرۇمدۇق؟

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 07:55:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە جىق مۇنازىرە قىلىپ باققان. ئەگەر نەزىرنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساڭلار نەزىرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت يىغىلىپ قۇرئان ئوقۇسا چەكلەنمەيدىغان بىر يوسۇنىنى پەيدا قىلىپ بېقىپ، شۇ ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئاندىن چەكلەڭلەر. لېكىن قىلالمايسىلەر، قىلىشقىمۇ جۈرئىتىڭلار، پىداكارلىقىڭلار يوق. پەقەت خۇشاللىق كەلگەن كۈنۈڭلەردە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئەل جامائەت بىلەن تەڭ يەپ، قۇئان ئوقۇتۇپ، ئوقۇپ ئاڭلاشقا جۈرئەت يوق، پەقەت نامىزىڭلارنى ئاران ئوقۇپ، ئۆزۈڭلارنى ئاۋازىڭلارنى قويۇپ بېرىپ مۇسۇلمانمەن دېيەلمەي، بالاڭلارغا شاھادەت كەلىمەسىنى قورقماي يادلىتالماي،بالاڭلارنىڭ نوپۇس قەغىزىگە مۇسۇلمان دېگەن خەتنىمۇ يازدۇرالماي يەنە شۇ نەزىرنى چەكلەشتە چىڭ تۇرامسىلەر؟

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن كالتەك تەگسە جىم دېگەننى ئويلاپ باقارسىلەر. دىنىمىزنى كۈچسىز قىلغىنى ئۇيغۇردىكى نەزىرمۇ؟ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك موھىم ئىش نەزىرنى بىدئەتكە چىقىرىشمۇ ياكى ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئۆرپ ئادىتى بويىچە ياشاش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغۇداشمۇ؟ سىزچە موھىم مەسىلە ياغلىق تېڭىش، بۇرۇت قويۇش قاتارلىق مىللىي ئەنئەنەلەرنى داۋام قىلىشمۇ ياكى نەزىرنى چەكلەشمۇ؟ ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە، مائارىپقا ئېلىپ كىرىپ داۋام قىلىش، قوغۇداش تەخىرسىزمۇ ياكى ھەممىنى بىر بىرلەپ بىدئەتكە چىقىرىپ خەلقنى تۈگىمەس ئىچكى نىزاغا بەند قىلىشمۇ؟

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلۇق مۇسۇلمانلىقتۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغۇداش مۇسۇلماننىڭ مەدەنىيىتىنى قوغۇداشتۇر. مەسىلە سىلەرنىڭ ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىڭلاردا. تۇغۇلغاندا قۇلۇقىغا تەگبىر ئېيتىلىدىغان، ئۆلگەندە مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ئۇزۇتىلىدىغان مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق تارىخىغا ئىگە بىر مىللەتنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۇيغۇرلۇق ھوقۇقى توغرىلىق گەپ قىلغانلارنى «ئىسلام مىللەتنى تونۇمايدۇ» دەپ دەھرىگە، مىللەتچىگە چىقىرىپ نېمە قىلماقچى. بىر ئىنسان سۈپىتىدە ياشاش  ئىستىسەڭ ئاسان، مىللەت، ئۆرپ ئادەت، ئانا تىل دەپ ئويلىنىپ ئاۋارە بولمايسەن، بۇ مىللەتنى تونۇما. ئۇنداقتا شەرت ئۇيغۇرچە گەپ قىلما، ئۇنداق قىلالمىساڭ مىللەتنى ئىنكار قىلما

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ھىچنىمىزىم ھەققىدىكى مىسالنى قوشقۇنۇم خاتا بولغان. مېنىڭ ئۆزباش بىلەن زىددىيىتىم يوق. ئۆمرۈمدە بىر سائەت پاراڭلاشقان تارىخىم يوق. بىلىم تارقاتسا، ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلسا، مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلسا كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك ئىقتىدارى بار. مەن بۇنىڭغا قايىل، ئەمما گېپى ماڭا قايىل قىلارلىق تۇيۇلمىسا، مەيلى كىم بولسۇن رەددىيەم تەييار. خاتا دەۋاتقان بولسام ئەستەغفۇرۇللاھ، توغرا دېگەن بولسام ئويلاپ بېقىڭلار

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 08:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulen يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 07:41 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن نەزرىنى يوق قىلىشقا قارشى پوزى ...

گۈلەن  ئەپەندىم  سىزبىلەن مىسرانىمدىمۇ  مۇنازىر لىشەلىگىنىمدىن بەك  خوش ،،سىزچە نەزىردە بىلىم  ئالالمدۇ ،بۇ  ئەقىلغە سىغمايدۇ ، يەنەكىلىپ  نەزىر ئىسلام دىندىن  يىراق  بولغان بىر پائالىيەت،  بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ بەكرەك  ئىزدىنىپ  باقسىڭىز  بولغۇدەك ، چۇقۇمكى  قۇرئاندا   بار  بولمىسا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ھەدىسلىرىدە بار ،ئەگەر  ئۇ نىڭدا  بولمىسا  بۇ چۇقۇمكى  بىدئەتتۇر (دىمەكچى  بولغۇنۇم  دىنى پائالىيەت ياكى دىنى  مۇراسىم ،ياكى   دىنى ئادەت ) ئەمدى  سىز بەزى  ئاقماس مىساللارنى كەلتۈرۈپسىز ،،لەغمەن  پولو  دەپ . ئەلۋەتتە  بۇنى  سۆزلىشىڭىز  ئاقىلانىلىق ئەمەس .چۇنكى  بۇ تاماق  لارنىڭ  دىغا تاقىشىدىغان يىرى  يوق ..لىكىن  ھاراقنىڭ  بار  ،شۇڭا  ئۇھارام   ..ئەمدى  سىز خەنزونى مىسال قىپسىز ..سىزگە  بىر مىسال كۆرسۈتەي ،سىز  ئامىركىدىكى  ۋاقتىڭىزدا  نەنىڭ  قانۇن تۈزۈمى بۇيىنچە  ياشىدىڭىز  ،چۇقۇمكى  ئامىركىنىڭ  قانۇنى  بۇيىنچە  ياشايسىز  بۇنى  مەن بىلىمەن  چۇنكى  سىز  ئامىركىغا چىققاندىكىن شۇيەرنىڭ قانۇنى  بۇيىچە ياشايسىز ،خۇددى  ئىسلامى ھۈكۈم پەقەت مۇسۇلمانلارغا چىقىرىلغان .ئۇنىڭ دىنسىزلاربىلەن  ئالاقىسى  يوق ئۇلار ئەمەل قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ ، ھەدىسلەرنى ئۇقۇپ قۇيۇڭ  سىز  ھەقىقەتەن ئىلم دە كامالەتكە  يەتكەن ئۇقۇتقۇچى .لىكىن  سىز  ھەرگىزمۇ  دىنىمىزغا پەتۋا بىرەلىگۇدەك  دىنى ئالىم ئەمەس .شۇڭا  ھەركىم  ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلغىنى تۈزۈك  ،سىز  ئۇقۇغۇچى  تەربىلەڭ  يەنە  مىللەت تەرەققىياتىغا قارتا ئىلمى ماقالىلەرنى يىزىڭ. يەنە جەميەتتە  بۇلىۋاتقان  ئەخلاقى  مەسىللەرگە  قارتا  پىكىر  بەرسىڭىز  بىز  قوللايمىز ،لىكىن دىنىمەسىللەرگە پىكىر  بىرەلمەيسىز ،سىز  قۇرئاندا يوق  ھەدىستە يوق .دىگەن گەپنىدىمەي شۇ قۇرئاننى .ۋە  ھەدىسلەرنى تۇلۇق  ئۇقۇيالىغىدەك سەۋيەگە يەتكەندە  ئۇقۇپ  باقسىڭىز بۇلىدۇ ..پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ھەدىسلىرىدە . ئۇخلىغاندا  قانداق  ئۇخلاش توغرىسىدىمۇ  ھەدىس  بار ،بۇرادەر ،،تازلىق ئۈيىگە  كىرىشنىڭمۇ قايدىسى  نى  سۆزلىگەن ..شۇڭا دىنى مەسىللەرنى   دىنى بىلىملەرنى تۇلۇق  ئۇقۇغان  ئادەملا سۆزقىلسا  بۇلىدۇ ،،شۇڭا  دىنىمەسىللەرگە  ئالدىراق  سانلىق  قىلماسلىقىڭىزنى ئۇتۇنەي ،،بۇمىنىڭ  سەمىمى مەسلەھىتىم ،
مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟ ئاخىردا سىزنىڭ مۇنۇ ئىمزايىڭىزنى يوللاپ  قويدۇم .توغرا  ھەممىمىز ئۈزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇندىرمىز ،،ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزنى  ئۇتۇقلۇق  قىلغاي ،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش