ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغىنى مۇنۇ تىمىدا
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-78039-1-1.html
دىيىلگەن باش تىرىنىرنىڭ شىر ئەلىجاننىڭ قايتۇرۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ دېگەن ماۋۇ سۆزى:
ئالدىنقى بىر ھەپتىدە بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرىمىزنىڭ مەشىقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى،مەشىق جەريانىدىن قارىغاندا بۇ ئۈچ نەپەر كوماندا ئەزايمىزنىڭ مەشىقنىڭ سەۋىيەسىگە ماسلىشالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى،بىز مەشىققە تېخىمۇ ياخشى ئەزالارنىڭ قاتنىششىغا پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك،بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز ئامالسىز بۇ ئۈچ نەپەر ئەزانى قىسقارتتۇق. شىرئەلىجان ئىككىنجى نومۇرلۇق ئورۇنغا ماس كېلىدىغان ناھايىتى ياخشى توپچى،بىراق ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئولېمپىك مۇسابىقىلىرىدە يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىيەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىرىنجى نومۇرلۇق ئورۇندا توپ ئويناشقا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ،بەلكىم ئۇ دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا بېرىپ مەشىققە قاتناشسا ئۆزىگە تېخىمۇ پايدىسى تېگىشى مۇمكىن
1. نېمە ئۈچۈن شىر ئەلىجاندىن ياخشىراق مەشىققە ماسلىشالايدىغان ئادەم بار بولسا، ئۇنى بالدۇرراق بايقاپ دۆلەتلىك كوماندىغا قوبۇل قىلمايدۇ؟
2، شىر ئىلىجان 1- ئورۇنغا ماسلىشالمىغان بىلەن 2- ئورۇنغا ماشلىشالايدۇ، بىر توپچى ھەممە ئورۇنغا ماشلىشىشى كېرەكما؟ تىرىنىر ئەپەندى، كومانداڭدا ئاشۇنداق سۇنۋۇكوڭلار بارمۇ؟
3. ئولىمپىك كومىتىتىدىن بويى 192 كىلىدىغان توپچىلارنى شاللاڭلار، ئولىمپىكقا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالدىڭمۇ؟ ئالتۇن مىدالنى توپنى جىق كىرگۈزگەنلەرگە بېرەمدۇ، بويى ئىگىزلەرگىمۇ؟
تىرىنىر ئەبلەخ، سەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىقىغا ماسلىشامماي، باشقا كوماندىغا، ئاخىىرى دۆلەت كوماندىسىغا باردىڭ، ئەينى چاغدا مەن ماسلىشالمىدىم دەپ يۇرتۇڭغا كەتمەي، باشقا كوماندىغا ماسلىشىپ ئىشلەپ يۈرىسەن، شىر ئەلىجاننى ماسلىشىدىغان ئورۇندا ئويناتساڭ بولىدىغۇ؟
4. ماھارەتنى مەشق جەريانىدا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، سەن ئەبلەخلەر شىر ئەلىجانغا بوي مەسىلىسىنى تۇتىۋىلىپ ئەجەللىك گۇناھتىن بىرنى ئارتىشىپسەن، بۇنى شىر ئەلىجان ھەر قانچە قىلسىمۇ ھەل قىلالمايدۇ، 22 ياشتىن كىيىن بوينىڭ ئۆسمەيدىغانلىقىنى ھەممىڭ بىلىشىسەن.
تىرىنىر ئەپەندى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىقىدىن يوقالغىنىڭ بەك توغرا بوپتىكەن، بولمىسا شىنجاڭ كوماندىسىنى ھالاكەتكە باشلايدىكەنسەنتۇق.
تەڭرىنىڭ كۆزى باركەن، يامان نىيىتىڭگە يارىشا، ئىشنىڭ بېشىدىلا ھالاكەت گورۇپپىسىغا كىرىپ قاپسەن، تەڭرى جاجاڭنى بېرىپتۇ ھەر قايسىڭنىڭ.