مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: DILKASH

شىرئەلىجاننىڭ شاللىنىشى ئۆچ ئېلىشمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3029
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26884
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7909 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:10:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى
ئادىلجان ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ قاتار ياسالغان تۆمۈر بوتكىلىق ياتىقىغا ئورۇنلاشتى . كۈن بويى جۇت كەتمەيدىغان ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق چىراي ، بۇلۇتلۇق ،قۇياشسىز ئاسمىنى ئارىلاپ قار يېغىپ تۇرىدىغان سوغۇقتىن ئۆيۈپ كەتكەن ، دەريا ئېقىنىدەك توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان ماشىنىلاردىن كۆتۈرۈلگەن ئاچچىق ئېس نەپەسنى سىقاتتى . ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ماشىنىلاردىن كۆتۈرۈلەن ئاچچىق ئىش نەپەسنى سىقاتتى . ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بىر – بىرىدىن ئالدىراش ئادەملەرخوتەندىن چىقىپ اقمىغان قىزغىن ، ئوچۇق چىراي ئادىلجانغا پەقەتلا كۆتمىگەن يات تۇيۇلدى . توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان خوتەننىڭ كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىسسىق چىرايى تۇنجى قېتىم ئانىسىدەك مېھرىبان بىلىندى. قۇرغاق ئەمما بۇلۇتسىز ئاسمىنىنىڭ سۈزۈك ھەم ساپ ھاۋاسى ، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا قىزغىن ، ئوچۇق يورۇق، ئەدەپلىك ئېگىلىپ سالام بېرىشىپ ئۆتۈشلىرى ھەممىسى ئالدىغا قاراپ ئۆز خىيالى بىلەن كېتىۋىرىدىغان ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن مۇتلەق ئوخشىمايتتى. ئۆيىدىكى ئۆزى كۆنگەن پولۇ،لەڭمەن بولسىمۇ تەمى ئوخشىمايتتى. خوتەننىڭ ھورى چىقىپ يىغى ئېقىپ تۇرغان گۆشگىردىسى ، چىلاندەك قىزىرىپ پىشقان تونۇر كاۋىپى ،چۈچۈمەل قاداسى، قوقاستا پىشۇرىدىغان تۇخۇمى، ونۇردا پىشۇرغان سېرىق مايدەك كاۋىسى ، سېۋەتلەردە دۆۋىلەپ قويغان شاپتۇلى ھېچ كۆرۈنمىدى. ئادىلجان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرمۇ قۇر خەتلىرىنى يىزىپ، كۆز يېشى بىلەن رەڭلىرى تاراپ كەتكەن ئون ئۈچ بەتلىك خەنزۇچە خېتىدە يازدى. ئانىسى سۇلايمان تۇردى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بەرگەن خەتنىڭ ھەر بىر سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ ئاڭلىدى . ئادىلجان خېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ ھېچنەرسىسىگە كۆنەلمىدىم ، ئەگەر توپ ئويناشنى دېمەيدىغان بولسام ھازىرلا ئۇچۇپ خوتەنگە كەتكۈم بار. خوتەننىڭ ھەممە نەرسىسىنى بەك سېغىندىم، بېرىپ توپىسىدا ئۇزۇندىن –ئۇزاق يۇمۇلىسام قاناتتىم.ئىتىم ، كەپتەرلىرىم ، توخۇلىرىم بىر كۈنمۇ چۈشۈمدىن چىقمايدۇ. كۆزۈمنى يۇمساملا خوتەننى چۈشەيمەن ، خوتەندىكى ئەڭ خوشۇم يوق نەرسىلەرمۇ چۈشۈمدە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمىدى . پەقەت توپ ئوينىساملا ، توپ قوغلاپ يۈرسەملا ئۆزۈمنىڭ قەيەردىلىكىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن . خوتەندە ، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرغاندەك كۆڭلۈم توق تۇرىدۇ . بوش ، بىكار بولسام ، بولۇپمۇ تاماق ۋاقتىدا قولۇمغا قااچىنى ئالساملا ئانام ئەتكەن تاماقنىڭ مەن ئەڭ ئامراق پۇرىقى ، ئەڭ تونۇش ، ئەڭ تېتىشلىق تەمى يادىمغا كېلىپ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇپ كېتىدۇ . غولجىدىن كەلگەن ، مەن بىلەن بىرگە پۇتبول تېپىدىغان شاۋكەت دېگەن بالا بىلەن دوست بولۇپ قالدۇق. ئۇ بالىمۇ ماڭا ئوخشاش خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن . ئىككىمىز يالغۇزدەكلا بەك يېقىن دوست بولۇپ ئۆتۈۋاتىمىز . شاۋكەت بولمىغان بولسا مەن قانداقمۇ قىلارىدىم . مەن ھازىر ئويلاۋاتىمەن، مېنى ئۈۈمچىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقىنى توپقا ، بولۇپمۇ ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببەت . مەن پۇتبول ئويناۋاتساممۇ ئەس-يادىم ۋاسكىتبولدا ، مەن كۈندۈزى پۈتۈن ئەس – يادىمنى يىغىپ پۇتبول ئويناپ مۇئەللىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشسەم ، كېچىسى پۈتۈن ئالەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە ياتاقتىن ئوغرىلىقچە چىقىپ تاڭ ئاتقىچە تۈن قاراڭغۇسىدا ۋاسكىتبول ئويناۋاتىمەن . توپنىڭ توختىماي گۈپۈلدىشىدىن ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىم دەسلەپ بىزنى ئۇخلىغىلى قويمىدىڭىز دەپ چىرايلىق دېگەنىدى ، كېيىن مېنى تىللاپ سوقۇشۇپ قالدۇق . شۇنىڭ بىلەن مەن يېرىم كېچىدە ۋاسكىتبولنى ئېلىپ ئوغرىلىقچە چىقىپ ياتاقتىن ياراق ، ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان يەرگە كېتىپ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىپ ئويناۋاتىمەن . كېچىسى بەش قولنى كۆرگلى بولمايدىغان قاراڭغۇدا مەن توپنىڭ يېنىك شامىلىدىن ، شەپىسىدىن توپنى تۇتىۋالالايمەن . بەش قولۇمنى كۆرەلمىگەن ئەھۋالدىمۇ مەن گارنىڭ چەمبىرىنى كۆرەلەيمەن .ئاتقان توپۇم چەمبەر گىرۋىكىگە يۇقۇشماي تۆشۈككە كىرىدۇ . مەن كۆزۈم كۆرمەي تۇرۇپمۇ كۆڭۈل كۆزۈم توپنىڭ چەمبەرگە كىرگەن - كىرمىگىنىنى ئېنىق مۆلچەرلەپ كۆرەلەيدۇ . مۇنداق دېسەم سىز دادام ، ئاناملار ئىشەنمەيسىلەر . خۇدا ماڭا قاراڭغۇدا ھېچنەرسىنى،بەش بارمىقىمنى كۆرەلمىسەممۇ ، توپنىڭ چەمبەرگە كىرگىنىنى كۆرەلەيدىغان كۆزنى قوشۇپ بەرگەن ،
سىلەر بىلمەيسىلەر، مەن كىچىكىمدىنلا كۈچۈكۈم بىلەن بەسلىشىپ يۈگۈرۈشۈپ ئاخىر يۈگۈرۈشتە كۈچۈك ماڭا يېتىشەلمەيدىغان بولغان . ھازىر ئىت قېچىپ ئىككى يۈز مېتىرغا كېتىپ بولغاندا مەن ئتنى قوغلاپ تۇتىۋالمەن ، پۇتبول مەيدانىدا ساۋاقداشلىرىم ماڭا يېتىشەلمەيدۇ . ئۇلار قاچسا مەن تۆت تاقلاپلا يېتىشىۋالىمەن . مەن توپ ئېلىپ قااچساملا ساۋاقداشلىرىمنىڭ يۈرىكى جىغىلدايدۇ. دادا ، ئانا ، مەن توپ بىلەن بولساملا خوتەننى ، سىلەرنى ئۇنتۇ يالايمەن. بولمىسا ئۆزۈمنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرغىنىم ئېسىمگە كەلسىلا يىغا تۇتىدۇ. پەقەت، پەقەتلا كۆنەلمىدىم. مەن ھازىر كۈندۈزلۈك ئۇخلاش، دەم ئېلىش ۋاقتىمدا ۋاسكىتبولنى چاتراقتىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ قېچىشنى، ناھايتى تېز قېچىشنى مەشىق قىلىشنى باشلىدىم. ۋاسكىتبولنى چاتراقلاپ ئەپقېچىشنى قانچە تېز ئۆگەنسەم، بۇنىڭ پۇتبولغىمۇپايدىسى باركەن. مەن توپنى چاتراقلاپ ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ قېچىشنى خەقلەرنىڭ كۆزى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىگۈدەك، توپ چاترىقىمدىن ئۆتۈپ قولۇمغا ئۆتتىمۇ ياكى چاترىقىمدىن ئۆتمەي يەرگە پوكۇلداپ تېگىپ مېڭىۋاتامدۇ، خەقنىڭ كۆزى ئىلغا قىلالمىغىدەك بولغاندا مەن ئۆزۈمنىڭ پۇتبولچى ساۋاقداشلىرىمنى كۆندۈرۈپ، تېر نېر مۇئەللىملىرىمنى ماقۇل كەلتۈرۈپ، مېنى قوبۇل قىلماي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللاپ كەلگەن، مىنى ياراتماي ئەكەلگەن ۋاسكىتبول سىنىپىنىڭ باللىرىنى ۋاسكىتبول ئويناپ يىڭىپ، ئاشۇ ۋاسكىتبولچىدىن، مىنى ئالمىغان ۋاسكىتبول مۇئەللىمىدىن قىساس ئالىمەن. ئاخىرقى نىشانىم شىنجاڭنىڭ كەسپى ۋاسكىتبولچىلىرىنى مىنىڭ پۇتبولچى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ۋاسكىتبول ئوينىتىپ ئۇلارنى يىڭىپ، شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول ئەۋلىيالىرىنى ماڭا تەزىم قىلدۇرۇپ مىنى ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرىشكە ئىلتىماس قىلغۇزىمەن. ئەگەر بىر يىل ئىچىدە مەن پۇتبول كوماندىسىدىن ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تەكلىپ بىلەن كىرەلمەيدىغان بولسام، توپ ئويناشتىن ۋاز كېچىپ خوتەنگە بېرىپ بېشىمنى چۈشۈرتۈپ يەر تېرىيدىغان دېھقان بولۇپ كېتىمەن. لېكىن مەن چوقۇم دېگىنىمنى قىلىمەن. پۇتبول ئوينىمىغان، تاماق يېمىگەن، ئۇخلىمىغان بارلىق ۋاقتىمدا مەن ۋاسكىتبول ئوينايمەن. مەن ھازىردىن باشلاپ شاۋكەت قاتارلىق پۇتبولچى ساۋاقداشلىرىمنى مەن بىلەن ۋاسكىتبول ئوينىشىپ بېرىشكە كۆندۈرىۋاتىمەن. ئۇلارغا بىردىن- بىردىن خىزمەت ئىشلەپ شاۋكەت بىلەن ئىككىمىز كۆندۈرىۋاتىمىز. خۇدا بۇيرىسا پات ئارىدا پۇتبولچى ساۋاقداشلىرىمدىن ئىشتىن سىرىتقى ۋاسكىتبول كوماندىسى قۇرۇپ، قاتتىق مەشىق قىلىپ شىنجاڭنىڭ كەسپى ۋاسكىتبول كوماندىسىنى يېڭىپ،ئۆزۈمنىڭ ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدىغان چەكسىز مۇھەببىتىمنى شىنجاڭدىكى بارلىق ۋاسكىتبولچىلارغا ئىسپاتلايمەن. بويۇم توغرا كەلمىگەن ۋاسكىتبول قانۇنىنى چەكسىز مۇھەببىتىم ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلايمەن. پۇتبول مۇئەللىمىم "سەن ياخشى دەم ئالماي ھە دېسە دەم ئېلىش ۋاختىدا ۋاسكىتبول مەشىق قىلىدىكەنسەن، ياخشى پۇتبول ئويناش ئۈچۈن ئۆلچەملىك دەم ئېلىش كېرەك ، بولمىسا رەسمىي پۇتبول مەيدانىدا مادارىڭ يەتمەي ئاسان ھېرىپ قېلىپ ياخشى ئوينىيالايسەن . ئەگەر گېپىمنى ئاڭلىماي يەنە كېچىسى ئۇخلاش ۋاختىدا ۋاسكىتبول ئوينايدىغان بولساڭ خوتەنگە قايتۇرۇۋېتىمەن " دېدى. مەن ماقۇل دەپ قويدۇم . ساۋاقداشلىرىمغا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ كېچىسى ئادىلجان ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرگۈزدۈم . بىلىپ قالسا ھەيدىۋېتىشى مۈمكىن . دادا ، سىزنى شۇ چاغدا ياردەمگە چاقىرسام تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كونا چولپانلىق نوپۇزىڭىز بىلەن تېرنېرىمغا مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىڭلار دەپ قويارسىز . مەن ئۆزۈمنى ، مۇھەببىتىمنى ئىسپاتاش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ .
خەير – خوش ، مەن يەنە خەت يېزىپ ئەھۋالىمنى سىلەرگە ئۇدۇللۇق دەپ تۇرىمەن . سىلەرگە خەت يازىمەن دەپ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىشنىڭ بىر قېتىملىق ئاتۇندەك پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇم . بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئۇزۇن خەت يازمايمەن ، خەتنى قىشقا يازىمەن ، سىڭلىم ئامىنەنى مەن ئۈچۈن سۆيۈپ قويۇڭلار . ئىتىمغا ، توخۇيۇمغا، كەپتەرلىرىمگە مەندىن سالام ئېيتىڭلار ، ئۇلارنى مېنى كۆرگەن كۆزۈڭلاردا كۆرۈپ بېقىڭلار . رەسىملىك كىتابلىرىمنى ئۇكام يىرتىۋەتمىسۇن . سىلەرنى سېغىنغان ئوغلۇڭلار ئادىلجان
__ ۋاي خۇدايىم،بىچارە بالام بەك قىينىلىپتۇ ، ئۇ مەكتەپ دېگەن موما بېرىپ باقىدىغان تۇرسا ، كۈندۈزىمۇ ، كېچىسىمۇ توپنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ ئاجىزلاپ كەتسە، يىقىلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق. نۇرئىمانخان ئادىلجان كەتكەندىن كېيىن ئادەتلىنىپ قالغان ئەنئەنىۋى يىغىسىنى باشلىدى .
__ بولدى قىلىڭلار ئەخمەق خوتۇن ، ئەخمەق بالىنىڭ گېپىگە يىغلاپ تۇرىسىلە . تەنھەركەتچىنى ئوبدان باقمىسا بولمايدىغاننى سىلىدىن ھۆكۈمەت ئوبدان بىلىدۇ . ئادىلجانمۇ قورسىقى ئېچىپ كەتسە قورساقنى بوش قويىدىغان بالا ئەمەس. تەييار پۇتبولنى ئويناۋەرمەي ، كۈندۈزى پۇتبول ، كېچىسى ۋاسكىتبول ئوينىغان بولسا ھارغاندا توختا . ئۇ بالىنى مانى قىلىڭ ، ئاۋۇنى قىلماڭ دەپ توسۇپ قالغىلى بولامتى ؟ سۇلايمان تۇردى شۇنداق دەپ سۆزلەپ قويۇپ سائىتىگە قاراپ ئىشىغا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى

  خوش خەۋەر
ئاي ئۆتتى ، پەسىللەر ئۆتتى ، بىر چاغدا ئادىلجاندى قىسقىلا بىر خەت كەلدى . خەتتە پەقەت تۆت قۇرلا سالام سەھەتتىن كېيىن " دادا،ئانا سىلەرگە خوش خەۋەر . بىزنىڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھازىرغىچە ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۈچ قېتىم ۋاسكىتبول ئويناپ ھەممىسىدە بىز ئۇتۇۋالدۇق . باشلىق :"كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسى تۇرۇپ پۇتبول كوماندىسىغا ۋاسكىتبولدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشساڭ قانداق دېگەن گەپ بولدى بۇ " دەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مېنى ئالمىغان تېرنېرىنى،كوماندا ئەزالىرىنى تىللاپ رەسۋاسىنى چىقىرىۋەتتى . ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئادەملىرى يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەي قالدى. ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ھېچقايسى ئەزاسى مەيداندا ماڭا يۈگۈرۈپمۇ يېرىشەلمىدى . توسۇپمۇ بولالمىدى . جان ئاچچىقىغا چىدىمىغان ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى تېرنېرىغا :"ئۆيى يەر شارىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان بۇ پاكارغا يېتىشكىلىمۇ ، توسىۋالغىلىمۇ بولمايدىكەن . توپ قولىدا شىلىمدا چاپلاپ قويغاندەك يەملىشىپ ماڭىدىكەن . ئۇنىڭ ئىزىدىن قوزغىلىش سۈرئىتى ئادەم ئەمەس مايمۇندىنمۇ تېزكەن . خەرىتىگە قارىسا يەر شارىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان خوتەندىن كەلگەن ئاشۇ مايمۇن بولمىغان بولسا بىز ئۇتتۇرۇپ قويمايتتۇق" دەپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى . مېنى ئالمىغان تېرنېر ماڭا ئۇزاق قاراپ كەتتى . مەن تازا خوشال بولۇپ ئىچىمدە كۈلدۈم . كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىچە بىز بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى . ئۇلارنىڭ تېخىمۇ رەسۋاسى چىقىپ كەتتى . ئۇلارغا بىرمۇ توپ بەرمىدۇق . ھەممىسى : " خوتەنلىك مايمۇن توپنى پۇتىغا باغلىۋاپتۇ ، توسۇڭلار " دەپ ۋارقىراشتى . ئۇلار توپ ئالسىمۇ تارتىۋالدىم ، پاس بەرسىمۇ تارتىۋالدىم ، ئەپقاچسىمۇ يېتىشىۋىلىپ تارتىۋالدىم . ئۇلار مۇسابىقە ئاخىرلاشمايلا بولدى قىلدى . ماڭا ھېچقايسىسى يېتىشەلمىدى. ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى خەنزۇ ئەزالار " سەن ماشىنىمۇ ، ئادەممۇ . سەن ماشىنىدىنمۇ تېز قوزغىلىدىكەنسەن " دەپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىمنى تۇتۇپ باقتى . ئۇلارنىڭ تېرنېرىمۇ ئۆز بالىلىرىغا :" ئۆمرۈمدە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇنىڭدەك تېز قوزغىلىدىغان تەنھەركەتچىنى كۆرمىگەنىكەنمەن . قۇيۇندەك ماڭسا، بەزىدە ئادەم ئەمەس ، جىن-شاياتۇنمىكىن دەپ قالىمەن . ھەي ، بويى توغرا كەلسىمۇ ..." دەپ توختىۋاپتىكەن ، ۋاسكىتبولچىلارنىڭ ھەممىسى : " بويى بولمىغان بىلەن ھېچكىم ئۇنى توسۇيالمىسا ، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتەلمىسە ، قولىغا ئۆتكەن توپنى قولىغا چاپلىشىپ قالغاندەك ئالغىلى بولمىسا ، ئۇنى كوماندىمىزغا ئەكىرىۋالساق تازا ئوبدان بولاتتى " دېيىشتى . " ئۇنى مەن ئالمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تېزلىكى يۇقۇرى ، بەدەن سۈپىتى ياخشى ، بويىمۇ پۇتبول ئۆلچىمىگە توشىدىغان تالانت ئىگىسىنى پۇتبول كوماندىسىمۇ قويۇپ بەرمەيدۇ. ئەمما بىزگە ئەڭ پايدىلىق تەرىپى، بىزنىڭ رەھبەرلىك پۇتبولنى ئەمەس ، ۋاسكىتبولنى ياخشى كۆرىدۇ . يەنە بىر ئەڭ مۇھىم تەرىپى ئادىلجان پۇتبولدىن ۋاسكىتبولنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنىڭ ئارزۇسىمۇ بىزگە كىرىش."
__ مۇئەللىم ، بىز پۇل يىغىش قىلىپ ئىسىل ھاراق – تاماكا ئېلىپ بېرەيلى. باشلىق بىلەن دائىم يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىشىدىغان ئاغىنە بولغاندىكىن، ئۇنى كۆندۈرۈڭلار ، ئادىلجاننى بىزنىڭ كوماندىغا يۆتكەپ بەرسۇن.
__ ھەي، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ،- دەپ كۈلۈپتۇ تېرنېر .
ھەممە گەپنى ماڭا ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى دەپ بەردى . ئادىلجان ۋاسكىتبولغا چىقىدىكەن دېگەن گەپ ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا تارقالدى . مەن ئارزۇيۇمغا يېتىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن . پۇتبول مۇئەللىمىم : " مەن سېنى ئالمىغان بولسام پۇتبولچىمۇ ، ۋاسكىتبولچىمۇ بولالمايتتىڭ ، ئەما مەن سېنىڭ ۋاسكىتبولنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى بىلىپ ئالغان . مەيلى پۇتبول تەپ ، مەيلى ۋاسكىتبول ئوينا ، مەن ئوخشاشلا پەخىرلىنىمەن. ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمى بولغىنىڭدىن پەخىرلىنىمەن . چۈنكى سېنى بايقىغان ئادەم مەن " دەپ خوشال بولۇپ مېنى قۇچاقلاپ قويدى . پات ئارىدا ۋاسكىتبولغا چىقىشىم كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق بولغاندا ، مەن سىلەرگە بەرگەن ۋەدەم بىر يىلغا قالمايلا ئورۇنلىنىدىغان بولدى. مەن ئەمدى خوتەنگە قايتىپ كەتمەيدىغان بولدۇم .
__ شۇم خەۋەركەنيا بۇ ئەمدى ، - نۇرىمانخان يەنە يىغىغا تەگدى . سۇلايمان تۇردى يىغلاۋاتقان خوتۇنىغا قاراپ كۈلدى .
__ ئەخمەق بالا بىلەن ئەخمەق خوتۇننىڭ يىغىسىغا ئۈرۈمچىنىڭ يامغۇرىغا كۆنۈپ قالغاندەك كۆنۈپ قالدىم . ئۆز ۋاقتىدا ئۈرۈمچىگە ئەپقالسا پولات تاۋلاش ، ئاچلىققا چىدىماي خوتەنگە قاچقانىدىم . ئەمدى ئوغلۇم ئۇ يەردە يەرلىشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ . بوپتۇ ، رىزقى – پېشانە دېگەن شۇ يا،- دەپ كۈلۈپ كەتتى سۇلايمان تۇردى .
ۋاسكىتبول ، ئاخىر مېنى ئېتىراپ قىلدىڭمۇ؟
1981 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ۋاسكىتبول كوماندىسى سانجى كوماندىسى بىلەن ۋاسكىتبول ئويناپ نومۇستىن بىشىنى كۆتۈرەلمىگۈدەك ئۇتتۇرۇپ قويدى . كوماندىنىڭ ئەزالىرى : " خەرىتىگە قارىسا يەر شارىنىڭ سىرتىدا كۆرۈنىدىغان خوتەندىن كەلگەن ، شامالدەك ئۇچىدىغان ماشىنا ئادەم ئادىلجاننى ئەكىرەيلى" دەپ ئورتاق تەلەپ قىلدى .
ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بىلەن باش تېرىنېر يۇقىرىغا مۇنداق دەپ دوكلات يازدى: "بەدەن سۈپىتى ياخشى ، ھەممە ھەركەتلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ، قوزغىلىش سۈرئىتى ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە تېز، توپنى ئېلىپ ماڭغاندا يەتمەك قىيىن ، توپ خۇددى قولىغا چاپلىشىپ قالغاندەك ، ئادىلجاننىڭ قولىدا ماگنىت تارتىپ ماڭغاندەك ياۋاشلاپ ماڭىدۇ . ئەمدى ئادىلجاننى ۋاسكىتبولغا ئەكەلمىسەك كوماندىمىزنىڭ نوپۇزىنى قايتا تىكلىمەك تەس . ئادىلجاننى بىزگە يۆتكەپ بەرسەڭلار!..."
ئادىلجاننىڭ پۇتبولدىن ۋاسكىتبولغا ئالمىشىپ چىقىشى پەقەت رەسمىيەت مەسىلىسىلا بولۇپ قالغان بولۇپ ، ھەممە ئادەمنىڭ ئېڭىدا ئادىلجان ئەسلىدە ۋاسكىتبولنىڭ ماتېرىيالى دېگەن قاراش پىشىپ بولغانىدى . ئادىلجاننى پۇتبولغا قوبۇل قىلىپ خوتەندىن ئەكەلگەن مۇئەللىمى ئارتۇق گەپ قىلماي ۋاسكىتبول ساھەسىدىكىلەرە كۈلۈپ قويدى . پۇتبولدىن ۋاسكىتبولغا ئۇزىتىدىغاندا ئۇ قىسقىلا سۆزلىدى .
__ ئادىلجان بىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىن چىققان كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى. بۇنداق ئادەم ئەللىك يىل،يۈز يىلدا خوتەندىن بەلكى پۈتۈن تارىم ، ئىلى ۋادىسىدىن بىرەرى يەنە چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ . ئۇنىڭ ئىزىدىن پەۋقۇلئاددە تېز قوزغىلىش سۈرئىتى ئادەتتىكى ئادەملەردە كۆرۈلمەيدىغان بىر ھادىسە . بۇنداق سۈرئەت تەنتەربىيىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرىگە كېرەك . مەيلى ۋاسكىتبول، مەيلى پۇتبول ، مەيلى ئاتلېتكا بولسۇن ھەممىسىگە كېرەك. ئۇنىڭ مەيدان ئىچىدىكى تەبىئىي تەشكىلاتچىلىق ، قوماندانلىق تالانتىمۇ بىر يەردىن ، بىر كىمدىن ئۈگىنىۋالىدىغان ياكى دورىۋالىدىغان ئىش ئەمەس . ئۇنىڭ تۇغما تەبىئىتى ، قېنىدىكى تەبىئىي مىجەز. ئاشۇ مەيداندا ، ئاشۇ قان تۆكۈلمەيدىغان كەسكىن جەڭ مەيدانىدا بىر توپ ئادەمگە چوقۇم بىر تالانتلىق سەركەردە كېرەك. بىر توپ جەڭچىگە ئاشۇنداق زېرەك ، چاققان ، ئەقىللىق سەركەردە بولمىسا ، قەدەم، ھەركەت ، ھۇجۇم ، بىر ئالىي قومانداننىڭ تەشكىللىشى بىلەن ماس قەدەمدە مۇستەھكەم ئۇيۇشۇپ جەڭ قىلمىسا غەلبە قىلغىلى بولمايدۇ . ئادىلجان مانا شۇ جەڭ مەيدانىدا ئەسكەرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تىغمۇ تىغ جەڭ قىلىدىغان ياخشى تەبىئىي قوماندان . بىز ئۇنى سەن قوماندانلىق قىل دەپ بەلگىلىيەلمەيمىز . سەن جىم يۈرۈپ بىر كىشىلىك جەڭ قىل دەپ توسۇپ قويالمايمىز . ئۇنىڭ قېنىدىكى تەبىئىي كۈچ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى بەلگىلىگەن . بۇ ئادىلجاندىكى ئىككىنچى چوڭ ھەل قىلغۇچ تالانت . تېرىنېر ، مۇئەللىملەر مەشىقتە قوماندانلىق قىلغان بىلەن ، ئەزالار بىلەن بىرگە رەسمىي جەڭ مەيدانىغا چۈشۈپ جەڭ قىلالمايدۇ . رەسمىي جەڭ بولغاندا مەيدان سىرتىدا پالەچ ئورۇندا تۇرۇپ قالىدۇ . ئادىلجان بولسا جەڭ مەيدانىغا چۈشۈپ ئەمەلىي ھەل قىلغۇچ جەڭگە رەسمىي قاتنىشىدىغان قەيسەر جەڭچى ھەم جەڭ مەيدانىدا پۈتۈن سەپنى تەشكىللەپ ھۇجۇمغا باشلايدىغان ئەقىللىق ئەمەلىي قوماندان . مەن تەكلىماكاندىن مۇشۇنداق بىر تالانتنى بايقىيالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەقىللىق ، كۆزى بار ئادەم دەپ پەخىرلىنەلەيمەن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3029
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26884
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7909 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:10:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن چاۋاك چېلىشتى .
__ ئۇنىڭدىكى ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇلۇغلاشقا ئەرزىيدىغان ، ھەممە ئادەم ھەۋەس ، زوق بىلەن پەخىرلەنسە بولىدىغان روھ ، ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببەت . ئادىلجاننى ۋاسكىتبولغا تارتىپ چىققان ھەل قىلغۇچ كۈچ ۋاسكىتبول ئەمەس. ئۇنىڭ ۋاسكىتبولغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى. ئەگەر ئۇ ۋاسكىتبولنى سۆيمىگەن بولسا خوتەندىن بۇ يەرگە كەلمىگەن ، كەلگەن بولسىمۇ ئادەتتىكى پۇتبولچى بولۇپ قېلىۋەرگەن ، بىزمۇ بۈگۈن بۇنداق سورۇندا بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرمىغان بولاتتۇق . ئەسلىدە ئادىلجان بۇرۇنمۇ ، ھازىرمۇ ، كەلگۈسىدىمۇ ۋاسكىتبول ئۆلچىمىگە لايىق ماتېرىيال ئەمەس ئىدى . ۋاسكىتبول ئەسلىدە ئادىلجاننى ياراتمىغان ، مېنىڭ لايىقىم ئەمەس دەپ قوبۇل قىلمىغانىدى . ئۇنىڭ قىلغىنى ئەسلى ۋاسكىتبولنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى . ئەمما بىر ئۇلۇغ كۆچ، ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ تەڭداشسىز كۈچى ، ۋاسكىتبولنى ئادىلجانغا بويسۇندۇردى . ھاجەتمەن قىلىپ قويدى . ۋاسكىتبولنىڭ كىشىلەر ئەيمىنىدىغان ھەيۋەتلىك تەبىئىي قانۇنىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلىدى . ۋاسكىتبولنىڭ ئېگىز قامەتلىك ھەيۋىسى ئۆزىگە پاكار كۆرۈنگەن بىر مېتىر سەكسەن سانتىلىق ئادىلجان ئالدىدا تىزلىنىشقا ، سۇنۇشقا مەجبۇر بولدى . ئادىلجان ئالدىدا رەسمىي سۇندى. بۇنى بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز . ئەگەر يەر شارى بىلەن ۋاسكىتبولنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ، سەن بۇنىڭدا ياشايسەن ، بۇ بولمىسا سەنمۇ بولمايسەن ، بۇ يەر شارىغا ئوخشايدىغان ۋاسكىتبول ، بۇنى پەقەتلا ئوينىيالايسەن ، قايسىسىغا تۇرىسەن دېسە ، ئادىلجان كۆزىنى چىمىلداتمايلا پەقەت بىردەم ياشىيالايدىغان بولسىمۇ ۋاسكىتبولنى قۇچاقلايدۇ. ئەگەر ھەر بىر ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسە ياكى كەسىپ بولسۇن ئاشۇ ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن ئادىلجان ۋاسكىتبولنى سۆيگەندەك ياخشى كۆرەلىسە ، خۇدانى تەسىرلەندۈرەلىسە، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ، يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ يوق. پەقەت ئىنسانلار ئادىلجاندەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن ، خالىغان ئىشى ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلالايدىغان ، ۋاز كېچەلەيدىغان روھ بولسا ، مۈمكىن بولمايدىغاندەك ئىشلار مۈمكىن بولىدىكەن . مەن مۇشۇ يەردە شۇنى دەپ قويايكى ،ئادىلجان مۇشۇ روھى ، مۇشۇ مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داڭلىق ۋاسكىتبول چولپىنى بولالايدۇ . مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، كەسىپتىكى مۇھاببەت ئادەمنى بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارسا ، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا ئۆزىنى ئاتاپلا ھەمممىنى ئۇنتۇپ شۇ ئىشقا بېرىلىش ئادەمنى ئون مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئادىلجان ئىسپاتلىدى . ھازىر ئادىلجاندىن ئۆلچەملىك ، ئادىلجاندىن ماھارىتى ، سۈپىتى يۇقىرى مىڭلاپ ۋاسكىتبولچى تېپىلىدۇ . باشقا ھەرقانداق كەسىپتىمۇ شۇنداق كامالەتكە يەتكەن ئادەملەر بار . ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە ئادىلجاندەك ئۆز ئىشىغا ئۆزىنى ئاتاپلا كىرگەن سەمىمىي ، ئوتلۇق مۇھەبەتكە ئىگە يۈرەك يوق. ئۇلار شۇنداق پىشقان ئادەملەر تۇرۇپ نېمىشقا ئادىلجاندەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ؟ پەقەت مۇھەببەت بولمىغىنى ئۈچۈن ئادىلجاندەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى . مەن ئادىلجاننىڭ پات ئارىدىلا شىنجاڭنىڭ ھەتتا جوڭگۇنىڭ ۋاسكىتبول سەھنىسىدە دەسلەپ كۆرگەن ئادەم بۇ ۋاسكىتبولغا پاكار كېلىددىغان ئادەم ۋاسكىتبولچىلار ئارىسىغا خاتا كىرىپ قالغانمدۇ ياكى شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسى ساراڭ بولغانمىدۇ دەپ ئويلاپ ، ئادىلجان بىر دەم ئوينىغاندىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقالىقىنى ھېس قىلىپ ئادىلجان ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدىغان ، جوڭگۇنىڭ پاكار ۋاسكىتبول چولپىنى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن . گەرچە مەن پۇتبولچى بولساممۇ ئادىلجاندەك ياخشى پۇتبولچىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولساممۇ ، مەن غەلبە قىلدىم ، مەن تېخىمۇ پەخىرلىنىمەن . چۈنكى مەن ئىنسان ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلسا ، خالىغان ئىشقا ئېرىشەلىسە غەلىبە قىلىدۇ دەپ قارايمەن . مەن ئادىلجاننىڭ ياخشىكۆرگەن ئىشى ئۈچۈن پەلەمپەي بولۇپ پاس چىقىرىپ بېرەلىدىم . ئۇنىڭ خۇدانى تەسىرلەندۈرگەن ۋاسكىتولغا بولغان مۇھەببىتى مېنى خوتەندىلا تەسىرلەندۈرگەن . مەن ئارىلىقتا ئۇنى ۋاسكىتبول مەشقىدىن توستۇم، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ، مۇھەببىتىنى سىناپ باقتىم . ئۇ تەۋرەنمىدى، ئىرادىسى سۇنمىدى ، مۇھەببىتى سۇسلاشمىدى . مەن ئۇنىڭ قەيسەر روھىغا قايىل بولدۇم .
پۇتبول مۇئەللىمى ئادىلجاننى چىڭ قۇچاقلىدى . ئادىلجاننىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش قۇيۇلدى، ھەر بىر پۇتبولچى ساۋاقداشلىرى ئادىلجان بىلەن بىرمۇ بىر قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى .
ھاۋا كەمدىن – كەم ئوچۇق بولىدىغان ئۈرۈمچى كېچىسى ، بۈگۈن ئادىلجاننىڭ خوشاللىققا تولغان كۆڭلىدەك ئوچۇق كۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ، يۇلتۇزلار ئادىلجاننى تەبرىكلەۋاتقاندەك تىتىماي كۆز قىسىپ كۈلۈشەتتى. ئادىلجان ۋاسكىتبولنى بىگىز بارمىقىدا ئۇزۇندىن – ئۇزاق پىرقىرىتىپ كېچە قاراڭغۇلىقىدا مەيداندا ئۇزاقتىن – ئۇزاق يۈگۈرۈپ ئايلاندى .
__ ۋاسكىتبول ، ئاخىر مەن سېنى خەلقئالەم ئالدىدا ئاشكارا ، قانۇنلۇق ، كۈندۈزى ئوينىيالايدىغان بولدۇم . ھازىرغىچە پەقەت مەن سېنى ، مەنلا سېنى ياخشى كۆرەتتىم . مەن بىلەن ئويناپ تۇرۇپ مېنى ياراتمايتتىڭ ، پاكار كۆرەتتىڭ ، مېنى ئېتىراپ قىلمايتتىڭ . مانا ئاخىر سەنمۇ مېنى ياخشى كۆردۈڭ ، ئېتىراپ قىلدىڭ ، ئەمدى ھەر ئىككىمىز بىر –بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز.بىز چوقۇم ياخشى بىرلىشىپ كېتەلەيمىز، ماسلىشىمىز،خەقمۇ بىزگە قايىل بولىدۇ
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3029
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26884
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7909 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 11:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقارقى ماتېريال مۇنبەرداشلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ۋاسكىتبول مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىندى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12482
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 07:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دونۋالد نىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۆچ ئېلىشىدىكى قۇربانلىق بولۇپ دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىندۈرۈلگەن پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىر ئەلىجان 14 - چىسلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، يېڭى تېرىنىرنىڭ تۇنجى مەشقىگە قاتناشتى   ، ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، لۇندۇنغا بارالماسلىقى ئۇنىڭغا ئانچە چوڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈگەن ، گۇاڭخۇي كوماندىسى ھازىر شىر ئەلىجاننىڭ  تېخمۇ پىشىپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئىسپانىيەدىكى داڭلىق كولۇپلار بىلەن ئالاقىلىشۋېتىپتۇ ، شىر ئەلىجان بىر ھەپتىدىن كىيىن 2 يىلدىن بۇيان قايتىپ باقمىغان يۇرتى قەشقەرگە بېرىپ  ، ئاتا - ئانىسى ، ئۇرۇق-  تۇققانلىرى بىلەن كۆرىشۋالغاندىن كىيىن باشقا ئۆزگىرىش بولۇپ قالمىسا ئىسپانىيەگە ئۈگىنىشكە بارىدىكەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  تەنتەربىيە ئىدارىسى خەۋىرى .

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9954
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 07:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسپانىيىگە بارسا تازا ياخشى ئىش بوپتۇغۇ بۇ . ئىسپانىيىنىڭ پۇتبول كومانىدىسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن ۋاسكتىبول كوماندىسىمۇ دۇنيادىكى كۈچلۈك كوماندا ھىىساپلىنىدۇ . جوڭگو كوماندىسى دىگەننىغۇ شالاقشىتىۋىتىدۇ .

مەن ،  بۇرۇنقى م

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31368
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 05:15:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yusup823 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-16 07:29 PM
ئىسپانىيىگە بارسا تازا ياخشى ئىش بوپتۇغۇ بۇ . ئىسپانىي ...

ئۇنداق دىمەڭ  .  دۆلىتىمىز كوماندىسىغا مەدەت بىرەيلى  .  ھىچ بولمىسا ئۆزىمىزگە مەدەت بولىدۇ  . ئۆزىمىزگە ئۈمۈدسىز پاراڭلانى قىلمايلى

تىرىشقان ئۇزار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش