__ بالام ئازراق يەڭ ، كەچ ياتاقورساققا بىر پاتمان يېگەن بىلەن ئەقلىڭىز كەملەپ كېتىدۇ. ھېلىمۇ كىچىككىنە تۇرۇپدادىڭىزغا يېتىپ قوپا تاماق يەۋاتىسىز ، ئادەمنى قورقۇتماڭ .
__ دادام دېگەن بالىلارنى ھەركەتكە سېلىپ قويۇپ قاراپ تۇرىدۇ،مەندەك جىق سەكرىسەيېگەن تامىقى بىردەمدە چۈشۈپ قالمامدۇ ... ئادىلجان ئانىسى بىلەن بىردەم چاقچاقلىشىپياتاق ئۆيىگە كىرىپ يېرىم كېچىگىچە رەسىم كىتاب كۆرۈپ ، رەسىم سىزىپ ئۇخلايدۇ.ئەتىگىنى سەھەردە يەنە دادىسى بىلەن تەڭ تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭغىچە تەنھەركەتچىلەربىلەن تەڭ مەشىق قىلىدۇ . مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئاتا-ئانا نەزىرىدە تىنىم تاپماس ،جىم تۇرماس بالا تۇيماستىن چوڭ بولۇپ كەتتى . كۈچۈك ئىت بولدى ، كەپتەرلەر كۆپەيدى، توخۇلار ئۆلۈپ، يوقىلىپ يەنە چۆجىلەر پەيدا بولدى . ئادىلجاننىڭ بۇرۇتى خەتتارتىپ چوڭ بالىغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، بالا ۋاقتىدىكى شوخلۇقى بارلىقھەركەتلىرى بىلەن دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ تەزىرىدە يەنىلا ھېلىقى بالا ئىدى .خوتەن تەنتەربىيە كومىتىتى ۋالىبول كوماندىسى تەشكىللىسە ئادىلجان بۇكوماندىغاكىرېۋالاتتى . ئۇ سانغا ئىلىنمىغان رەسمى كوماندا ئەزاسى بولسىمۇ ، كوماندىنىڭبارلىق پالىيەتلىرىگە ئەزالارغا ئەگىشىۋىلىپ تولۇق قاتنىشىپ ، قاتتىق مەشىققە ھەمتولۇق قاتناشتى . ۋالىبول كوماندىسى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ تارقىغاندىن كىيىن،ۋاسكىتبول كوماندىسى تەشكىللىسە يەنە شۇكوماندىنىڭ قوبول قىلىنمىغان ساننىڭسىرتىدىكى ئەزاسى بولۇپ كېرىۋىلىپ ، بەزىدە رەسمى ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپئويناپ كەتتى. بۇئىشلار ئۆتۈپ پۇتپۇل كوماندىسى تەشكىللەنسە بۇ كوماندىنىڭمۇئىشتىن سىرىتقى قىزغىن ئەزاسى بولدى . سۇلايمان تۇردى ئوغلىنىڭ توپقا بولغانبۇنداق ئوتتەك مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىدىن قانچە ھەسسە ئىشىپ كەتكەنلىكىنى بارغانچەچوڭقۇر ھىس قىلدى.
1980 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇلقىلىش ئۈچۈن خوتەن دىيارىغا قەدەم قويدى. ئادىلجان خوشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتمايسەكرەپ كەتتى .
__ مەن ئىمتاھان بېرىمەن ، ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتاھان بېرىپتەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇيمەن ئانا . ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرۇڭ ، خۇدا بۇيرۇسا چوقۇمئۆتۈپ كېتىمەن.
__ توپچى بولسىڭىز مۇشۇ خوتەندە مېنىڭ كۆزۈمدە يۈرۈپ توپ ئويناڭ، دۇنيادا بىرلائوغلۇم بار. ئوغلۇم ئۈرۈمچىدە ، قارا كۆز ئوغلۇم ئۈرۈمچىدىن قاچان كېلەر دەپيىغلاپ ئولتۇرمايمەن، سىزنى خوتەندىن ئون قەدەم يىراققا بارغۇزمايمەن . خۇدايىمدىنسىز بەرگەن بىرلا ئوغلۇمنى ھەرگىز مەندىن ئايرىپ ئۈرۈمچىگە ئەكەتمەڭ دەپ تىلەيمەن.
نېمىشقا يەنە تۇغمىغان . مەندىن باشقا يەنە تۇغمىغاندىكىن ، ماگىزىندىكىقونچاقنى ئەكېلىپ بالام دەڭ . مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇيمەن. ئوقۇمىسام ياخشى توپچى بولالمايمەن. سىز خۇدايىمدىن ئۈرۈمچىگە ئەكەتمەڭ دەپتىلىسىڭىز ، مەن خۇدايىمدىن ئۈرۈمچىگە باراي دەپ تىلەيمەن . ئادىلجان ئانىسىنۇرئىمانخان خانىمنىڭ قارشى تۇرۇشى ، دادىسى سۇلايماننىڭ ئىلھام بىرىشى بىلەنتەنتەربىيە ئىمتاھانىدا ھەممە تۈرلەردىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتتى ، ئەپسۇسكى بويىئۆلچەمگە توشمىدى. ئۇنىڭ بويى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر كېلىپ قالغان .ئادىلجان مۇتەخەسسىسلەرگە يەنە ئۆسىدىكەن دېگۈزەلمەي يالۋۇرۇپ كەتتى. ۋاسكىتبولتېرنېرىغا ياخشىچاق بولماقچى بولىۋىدى، تېرنىر شوخ بالىنىڭ چېچەنلىكى،ئەقىللىقلىقىغا قايىل بولۇپ كۈلۈپ كەتتى . ئەمما باش چايقىدى. توپ ئويناشتېخنىكىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا ئۆزى كۆرۈپ قوبۇل قىلغان ھەرقانداق بالىدىن ياخشى ،ئامما ئەڭ قاتتىق ، ئۆتكىلى بولمايدىغان بوي ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىدىن ئىچىنىقاتتىق ئۇۋاپ كەتتى . بولۇپمۇ ئادىلجاننىڭ تېزلىكى ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيرانقالدۇرغانىدى .
يېرىم كېچە ئادىلجان مەيداندا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان كۆككە قاراپ جىممىدەتۈگۈلۈپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈمىدى يوققا چىققان ئىدى ، كۆزىدىن توختىمايقۇيۇلغان ياش قولىدىكى كونىراپ كەتكەن ۋاسكىتبولنى خېلىلا نەمدىگەنىدى.
__ ئۇلۇغ ئاللاھ ، ماڭىمۇ دادامغا ئوخشاش بوي بەرگەن بولسىڭىز ، ئۆتۈپ كېتەركەنمەن.يەنە بەش سانتىمېتىر قوشۇۋەتكەن بولسىڭىز مەن مۇرادىمغا يېتەتتىم . ئەمدىئۆتەلمىسەم ، توپچى بولالمىسام قانداق قىلارمەن ؟ ئانامنىڭ تىلىگىنى ئورۇنلاپئانامنى خوش قىلدىڭىز... مەن...مەن... تۈگىشىپ كېتىدىغان بولدۇم ... ماڭا نىجاتلىقبىرگەيسىز . مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋاسكىتبول ئويناشتىن باشقا مۇھىم ئىشىممۇ يوق . مەنسىزدىن پەقەت توپ ئويناشنىلا تىلىدىم ، باشقا ئوشۇق تەلىپىممۇ يوق . مەن كۆرمىگەنبىلەن سىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز ئاللاھ ، مەن كېچە –كۈندۈز ئۇيقۇدىن ئويغاساملا توپئويناشنى ئويلايمەن ، توپ ئوينايمەن . چۈش كۆرسەممۇ ۋاسكىتبول ئويناپ چۈشەيمەن .مېنىڭ سىزدىن توپ ئويناشتىن باشقا مۇھىم تېلىكىممۇ يوق ، مەن توپنى خوتەندىلائەمەس ، سىز ياراتقان جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە ئوينىسام دەيمەن . ئاللاھ، ئانامنىمۇمېنىڭ توپ ئوينىشىمغا ئۈرۈمچىگە ، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق يەرلەرگە بېرىپ توپ ئوينىشىمغاقوشۇلدۇرۇپ بەرگەيسىز . ئوقۇغۇچى ئالغىلى كەلگەن مۇئەللىملەرگە مېنى ئالغۇزغايسىز. مەن خوتەندە قالمىغايمەن ، گېپىمنى ئاڭلىغانسىز ، قاراپ تۇرۇڭ ئاللاھ ، مەن بۇقېتىم قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق ئېگىز بالىلاردىن توپنى ياخشى ئوينايمەن .ھەممىسىنى يېڭىۋالىمەن . مۇئەللىملەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىلەن سىزئىمتىھان ئالسىڭىز مەن چوقۇم ئۆتىمەن . قاراپ تۇرۇڭ ئاللاھ، مەن گارغا ئون توپئېتىپ ھەممىنى تۆشۈككە كىرگۈزىۋېتەي ، ئەگەر كىرگۈزەلمىسەم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيقالاي بوپتۇ، مانا ئەمىسە باشلىدىم ... ئادىلجان سۆزلىگەنچە تۈن قاراڭغۇسىداگارنىڭ چەمبىرىكىنى قارالاپ يىراقتىن توپ ئېتىشقا باشلىدى. تۈن قاراڭغۇسىدا ئادىلجاننىڭقارچۇغىنىڭ كۆزىدەك ئۆتكۈر كۆزى گارنىڭ تورلۇق ەمبىرىكىنى كۈندۈزدىكىدەك كۆردى.توپ ئارقا –ئارقىدىن تۆشۈككە يۇقۇشماي كىتىپ كەتتى .
__ ھوي...ھوي...مەن ئۆتتۈم . مەن ئۆتتۈم ... ئىمتاھاندىن ئۆتتۈم . ئادىلجان توپنىقۇچاقلاپ ۋارقىرىغانچە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى. ئۆيدە ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيەمەكتىپىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن خوتەن تەنتەربىيە ،مائارىپ ساھەسەدىكى ئەربابلار مول نازۇ –نېمەتلەر بىلەن ئىچىشىپ كەيپ بولۇشۇپئولتۇرۇشقانىدى . ۋارقىراپ ئۆيگە كىرىپ كەلگەن ئادىلجاننى كۆرۈپ سورۇن جىممىدەبولۇپ قېلىشتى . ھەممىنىڭ كۆزى ئادىلجانغا تىكىلدى . ئادىلجان قارا تەرگە چۆمگەن ،ئۈستىۋىشى چىلىق –چىلىق تەردىن كىيىملىرى بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن ، ئاغزىكۈلكىدىن يۇمۇلماي قالغان ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلماقتا ئىدى .
__ مەن ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم... ئاڭلىدىڭلارمۇ ، مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىم ...مەن قوبۇل قىلىندىم . سىلەر ئادەملەرنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىلەن خۇدايىمنىڭئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كەتتىم. سىلەر مېنى پاكار دەپ قوبۇل قىلمىغان بىلە خۇدايىممېنى سەن پاكار بولغان بىلەن ھەرقانداق ئېگىز ۋاسكىتبولچىنى يېڭىۋېتىسەن ، مەنسېنى ۋاسكىتبولچىلىققا قوبۇل قىلدى ، سەن ۋاسكىتبول ئوينىساڭ بولىدۇ . ئۈرۈمچىدىنكەلگەن مۇئەللىملەرگە مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى يەتكۈز ، سېنى ئۆزلىرىنىڭ مەكتىپىگە قوبۇلقىلىپ تەربىيىلىسۇن ، سېنى ئالمىسا ئۇلارنى خوتەندىن ماڭغۇزايمەن ، مېنىڭدېگىنىمگە ئۇنىمىسا ئۇلارنىڭ تەنەربىيە مەكتىپىنىمۇ قۇرغۇزمايمەن ، دېدى . مېنىقوبۇل قىلىڭلار بولمىسا خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان بولىسىلەر . مېنىئالمىساڭلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايسىلەر . خۇدانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىكىنسىلەرمۇ قوبۇل قىلىسىلەرغۇ – ھە، مەن ئۆتتۈم ... مەن ئۆتتۈم ...
__ ئادىلقان ، خۇدايىم سىزگە قاچان شۇنداق دېدى؟ قەيەردە؟
__ ھازىرلا ، ۋاسكىتبول مەيدانىدا. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى ، ئادىلجان ھڭرەپيىغلىۋەتتى .
__ سىلەر مېنىڭ گېپىمنىمۇ ئاڭلىمىساڭلار ، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنىمۇ ئاڭلىمىساڭلار ،ماڭا ئىشىنىڭلار ... مەن سىلەر قوبۇل قىلغان ھەرقانداق ئېگىز ئوقۇغۇچىڭلاردىنمۇكاتتا ۋاسكىتبولچى بولىمەن ...مەن سەكرىسەم ئېگىزلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىمەن .–ئادىلجان ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى كۆز ياشلىرىنى سۈرتىمەن دەپ قولىدىكىۋاسكىتبول چۈشۈپ كېتىۋىدى، دەرھال ۋاسكىتبولنى قولىغا ئېلىپ قۇچاقلاپ توپنى سۆيۈپتېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى . پۈتۈن سورۇن تىمتاسلىققا چۆمدى ، قولىدا بىر رۇمكاھاراقنى تۇرۇپ ئوغلىغا قاراپ جىممىدە ئولتۇرغان سۇلايمان تۇردىنىڭمۇ ھاراقنىڭ كۈچىبىلەن ئوغلىغا بولغان ئاتىلىق مېھرى قوشۇلۇپ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپكەتتى .
__ سېنىڭ توپقا بولغان مۇھەببىتىڭنى ئوغلۇڭدىن كۆردۇق . سۇلايمەن ، قېنى خوشە .ھەممىمىز مۇشۇ كەسپ بىلەن بولىمىز ، كۈن بويى ئوينايمىز ، ئوينىتىمىز ، توپقابولغان مۇھەببىتىمىز بۇ بالىنىڭكىدەك چوڭقۇر ئەمەسكەن جۇمۇ.
__ سىلەر تۈگۈل ، دادام- ئاناملارمۇ بىلمەيدۇ ، مەن سىلەرنىڭ ئىمتىھانىڭلاردىنئۆتىمەن دەپ ئۈچ ئاي بولدى ، يېرىم كېچىدە دادام – ئانامغا تۇردۇرماي كەچتە بالدۇريېتىپ ، كېچە سائەت بىردە مەيدانغا چىقىپ تاڭ ئاتقۇچە ۋاسكىتبول ئويناپ مەشىققىلدىم ...
سۇلايمان تۇردى ھەيران بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . باشقىلار تېخىمۇ ھەيران بولدى.
__ ئادىلجاننىڭ بەدەن سۈپىتى ، تېزلىكى قاتارلىقلار ھەرقانداق جەھەتتىن بىز قوبۇلقىلغان ھەرقانداق بالىدىن ياخشى . ئەڭ مۇھىم بولغىنى ، بوي ئېگىزلىكى ۋاسكىتبولغازادى يېقىن كەلمەيدۇ . باشقا تەرەپتىن ئانچە بولمىسىمۇ ، بوي ئېگىزلىكى ئۆلچەمگەتوشقان بولسا باشقا تەرىپىنى تەربىيلەش جەريانىدا يېتىلدۈرۈۋالاتتۇق. بويىنىھېچنەرسە قىلغىلى بولمايدۇ، - دېدى ۋاسكىتبول تېرنېرى خىجىللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ .
__ يەنە ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نەرسىنى دىمىدىڭىز مۇئەللىم ، -دېدى ئادىلجانئالدىراپ كېتىپ خەنزۇ تىلىدا چاقماقتەك سۆزلەپ :-مېنىڭ ۋاسكىتبولغا بولغانمۇھەببىتىمنى ھېچقانداق ئوقۇغۇچىڭىزدا مېنىڭكىدەك تەربىيلەپ يېتىلدۈرەلمەيسىز .
__ مەنمۇ يەنە بىرنى تولۇقلاپ قوياي، مەن قوبۇل قىلغان ھېچقانداق ئوقۇغۇچۇمغاخەنزۇ تىلىنى سىزنىڭ سەۋىيىڭىزدە ئۈگىتەلمەيمەن . سىز بولغان بولسىڭىزئوقۇغۇچىلىمغا دەرس مەيدانىدىكى تەرجىمانىم بولاتتىڭىز. خەنزۇ تىلىنى ئاناتىلىڭىزدىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز،- دېدى تېرنېر ئادىلجان بىلەن ئۆز تىلىدابىمالال سۆزلىشىپ . باياتىن بېرى ئۈندىمەي جىممىدە ئولتۇرغان پۇتبول تېرنېرى: __كەل ئوغلۇم ، ۋاسكىتبول مۇئەللىمى سىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەن سېنى قوبۇل قىلىپداڭلىق پۇتبول چولپىنى قىلىپ چىقاي! ۋاسكىتبولغا بويۇڭ توغرا كەلمىگەن بىلەن ، بىرمېتىر سەكسەن سانتىلىق بوي پۇتبۇلغا تازا چۈشىدۇ ، -- دېدى خەنزۇ تىلىدا ئۈنلۈك ۋارقىراپ. ئادىلجان توپنى تاشلاپ ئېتىلىپ بىرىپ پۇتبول تېرنېرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى .
__ كېلىڭ مۇئەللىم ، سىز توڭگۇز گۆشى يەيدىغان بولسىڭىزمۇ مېنىڭ قەلبىمنىچۈشەنگىنىڭىز ئۈچۈن ئاشۇ ئاغزىڭىزغا سۆيۈپ قوياي ، -- خەنزۇ تىلىدا قارلىغاچتەكۋىچىرلاپ پۇتبول تېرنېرى بىلەن بىر ھازا سۆزلىشىپ كەتتى .
ئاڭلاپ قويۇڭ ۋاسكىتبول مۇئەللىمى مەن توپ ئۈچۈن ھەممىنىبىرىشكە رازى . ئەمما ۋاسكىتبول دېسە جىنىمنى بېرىشكە رازى. مەن ئاۋۋال تەنتەربىيەمەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىدىن كېرەي ، ئۇزۇنغا قالماي سىزنى «مىنىڭ ۋاسكىتبولكوماندامغا كەلسىڭىز» دەپ يالۋۇرغۇزمايدىغان بولسام، ئادىلجان دېگەن ئېتىمنىيۆتكىۋىتىمەن .
__ ئۇنداق دىسىڭىز مەن يىنىۋالىمەن جۇمۇ ،-دېدى پۇتبۇل تېرنېرى قۇچاقلاپ تۇرغانئادىلجاننى قويۇۋىتىپ .-ياق مۇئەللىم ، مەن سىزنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبول چولپىنىڭىز بولۇپ سىزنى رازى قىلىمەن. سىزگە پەخىرلىك شان – شەرەپ ئېلىپ كېلىمەن . ئەمما مەن راست گەپنى قىلدىم . مەنپۇتبولچى بولساممۇ ۋاسكىتبولغا بولغان مۇھەببىتىمنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن . مەنيەنە ۋاسكىتبول ئوينايمەن . راست گەپ قىلغىنىم ئۈچۈن كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ . مېنىڭبارلىق ئارزۇيۇم پۇتبول چولپىنى بولۇپ تۇرۇپ، ۋاسكىتبول ساھەسىدىكىلەرنى مېنىقوبۇل قىلمىغىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدۇرۇش . شۇ چاغدە مېنىڭ دەردىم چىقىدۇ . مەنمۇشۇ يەتدە قەسەم قىلىمەن ، ھەممىڭلار گۇۋاھ بولۇڭلار ، ئاخىر مەنۋاسكىتبولچىلاردىن قىساسىمنى ئالىمەن . مۇشۇ ۋاسكىتبولغا پاكار كەلگەن بويۇم بىلەنبارلىق ئېگىز بويلۇق ۋاسكىتبولچىلارنى پۇشايمان قىلدۇرۇپ بويسۇندۇرىمەن . ئادىلجانقولىغا ۋاسكىتبولنى ئېلىپ يەرگە قاتتىق بىر ئۇرۇۋىدى ، توپ قاڭقىپ تورۇسقا تەگدى.ئادىلجان توپنى دەرھال بىگىز ارمىقىدا ئۇزۇندىن ئۇزاق پىرقىراتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 11:14 PM