ھازىر توربەتلەردە دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ شىر ئەلىجان قاتارلىق 3 ئەزانى قايتۇرغانلىقىغا قارىتا كەسكىن مۇنازىرە قىززىپ كەتكەن بۇلۇپ ، دۆلەت ۋاسكىتبول باش مەشقاۋوۇلى دونالىدمۇ ئىشەنىچ جەھەتتىن كىرزىسقا دۇچ كەلگەن .ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى بىر داڭلىق ئەرباب 2012 - يىلى ھەرگىزمۇ 2011 - يىلى ئەمەس ، شىر ئەلىجان بۇ يىل ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى ، شۇڭا قىسقارتىلىشى زۆرۇر ، دەپ تەنىلىك سۆزلەرنى قىلغان . تۇنۇگۇن «يېڭى دولقۇن » تور بېتى « ئۇچ ماھىردىن كىمگە ئۇۋال بولدى ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ ، %53.7 كىشى شىر ئەلىجاننى كورسەتكەن. لى شىياۋشۇ تۇرۇشلۇق لياۋنىڭ كۇلۇبى ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ ، بىر نەچچە يىلنىڭ ياقى دونالىدنىڭ لياۋنىڭلىق ماھىرلارنى دۆلەت كومانسىدا مەشىققە قاتناشتۇرۇپ ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماسلىق ، ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ماھىر قىسقارتىشقا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان . تورداشلارمۇ :ئۆتكەن يىلى دونالىد كوپ قىسىم كىشىلەرنىڭ گۇمانىي قارشىلىقىنى قايرىپ قويۇپ شىر ئەلىجاننى دۆلەت كوماندىسغا ئەكىرگەن ،ئەمدى ئۆتكەن يىللىق دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى، تېخمۇ يىتىلگەن شىر ئەلىجاننى بەدەن قىززىرتىش مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشتۇرماي بىرىنجى تۇركۇمدە شاللىۋەتكىنى ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۆچ ئالغانلىق ، شىر ئەلىجان قوربانلىق بۇلۇپ قالدى دەپ گۇمانىي قاراشلىرىنى ئۆتتۇرغا قويدى .
ھۇررا مۇنبىرى
http://www.urraclub.com