xahroh يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 08:32 PM
ياقتۇرمايمەن ،،،،بۇلۇپمۇ قازاقلارنى سۆكۈپ ئىككى مىلل ...
ماۋۇ نىمە دەيدۇ .. ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ!
سىنىڭ بۇداق دىيىشىڭگە ھەققىڭ يۇق. نىمىگە ھىسامكامنى تىشلەپ تارتىسەن.
ساڭا ئىيتىپ قوياي...
ھىسامكام دىگەن ، ھازىر قى ھايات نەسىردىن ئەپەندىم.
ئۇنىڭ كۈلكىسى ئارقىلىق، ئۇنىڭ چاقچاق يۇمۇرلىرى ئارقىلىق جەمىيىتىمىزدىكى بەزىبىر خاتالىقلارنى ئىچىپ تاشلىدى..
كۈلكە جاننىڭ ئوزىقى. كۈلكە بىلەن ياشىمىغان ئادەمنى نىمە دەيمىز!
بۇ يەردە يۇرتۋازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقماي.. قەشقەرلىقنىڭ بىر ئىغىز ( سىسىق گىپى) غۇلجىلىقنىڭ ئون ئىغىز چاقچىقىنى بىسىپ چۇشىدۇ.. بۇنىڭغا نىمە دەيمىز..
دىمىسىمۇ بەزىبىر سورۇنلاردا، ھاراق شاراپ بولۇپ تۇرىدۇ.. ھازىر بۇرۇنقىدەك ھاراق شاراپ قويۇپ، سۇرۇن باشلايدىغان ئادەت قالمىدى.
غۇلجىلىقلار چاقچاق قىلىپ يۈرگەن بىلەن ھاراق شاراپنىڭ زىيىنى بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ..
ھاراق شاراپنىڭ ئورنىغا، ئوزىمىزنىڭ يەرلىك قىمىز، قىتىق، ‹‹ كاۋاس ئىچىملىكى›› قاتارلىق ئىچىملىكلەر قويۇلۇۋاتىدۇ...
بۇرۇنقىدەك ھاراق ئىچىۋىلىپ، سورۇنلاردا جىدەل مەجرا قىلىدىغان ئىشلار ئەسلا يۇق.. تىنىش كىتىپ بارىدۇ..
قەشقەرلىقنىڭ ‹‹ ساما ئۇسۇلى›› بولغاندەك‹ بىز غۇلجىلىقلارنىڭ ئوتمۇشنى ئەسلىتىدىغان، ‹‹ كۆچ_ كۆچ قوشىقى›› بىلەن بىرگە‹‹ چاقچاق›› يۇمۇرلىرىمىز بار.
چاقچاق دەپ، ئاغزىنى بۇزۇپ، تىللاپ، چۇشۇرۇپ ئىيتىلغان سۆزنى چاقچاق دىمەيمىز.
پەقەت، چاقچاقنىڭ ئوزىگە چۇشلۇق ماھىيىتى، ئىلمىيلىكى بار..
تۇغرا، ئەل سۆيگەن ، ئەلنى سۆيگەن كۈلكە چاقچاق ماھىرىمىز ئەخمەتجان، قىرىندىشىمىز ‹‹ قازاق مىللىتىنى›› چاقچاق ئارلاش، پاراڭ قىلىپ قويدى.
ئۇمۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتتى.( ئاڭلىشىمچە). ئۇمۇ خاتالىقىنى تۇزۇتۇپ،(خاتالاشمايدىغان كىم بار). يەنىلا خەلقىمىزنىڭ روھى ئوزىقىنى كۆتۇرۇپ ئوزىنىڭ مول مەزمۇنلىق ئىلمى يۇمۇر چاقچاقلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۈنماقتا..
ئالايلۇق:
مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى ماھىنۇر قاسىممۇ ئاياللرىمىز ئىچىدىن چىققان يۇمۇر چاقچاقچى.
تۇداخۇن بولسا.. ئوزى پەتەكلىكىدىن قارىماي، كۈلكە يۇمۇرلىرى ئارقىلىق، پۇل تىپىپ، بوشاشماي ئىزدىنىپ ،كۆزگە كۆرۇنگەن چاقچاقچى.. ساخاۋاتچى بولدى..
ئۇ پۇل تاپقان بىلەن، يۇغانچىلىق قىلمىدى..
نۇرغۇنلىغان ياخىشى ئىشلارنى قىلدى.. مائارىپقا ياردەم قىلدى..
ئۇ تۇرۇشلۇق توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يىزىسىدىن 70 مو يەرنى ھوددىگە ئىلىپ، ئاشۇ يىزىنى باغۇ بوستانلىق قىلدى.. ئىشسىز قالغان دىھقان ياشلىرىنى ، ئاشۇ 70 مو يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.. خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇردى.. ئاشۇ ياشلانىڭ ئائىلىسىنى قامدىشىغا ياريولەكتە بولدى..
دىمەك يەنە شۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلسا ، كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىپ ، يامان سۆزلەرنى قىلساق قانچىلىق خۇشاللىققا ئىرىشىمىز زادى..
ھىسامكامنى دىسەك؛
7 ياشتىن، 70 ياشقىچە ھەممىمىز، ‹‹ ھىسامكامنى››،‹‹ ھىسام تاغا، ھىسام بۇۋا›› دىمەي، خۇددى بىر قورساق ئاكىمىزدەك‹‹ ھىسامكام›› دەپ ئاتايمىز...بۇنىڭغا غۇلجا خەلقى ئادەتلىنىپ كەتتۇق..
ھىسامكامنىڭ چىدايىغا زەڭ سىلىپسىز..
دىمىسىمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى.
كۈلكە بىلەن ياشاپ، تولا كۈلۇپ، چىرايى پۇرلىشىپ كەتكەن چىغى..
تىخى ‹‹ ھىسامكام›› نى ئىماننىڭ نۇرى يوق، بەتبەشىرە دەپ ئوخشىتىپسىز، بۇنىڭغا نىمە ھەققىڭىز..
سىزمۇ قىرىغاندا ، بىلىسىز..
نىمىلا دىمىگەن بىلەن ‹‹ھىسامكام›› نۇرغۇنلىغان جاپالارنى تارتتى.. ماڭالماي، مىيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئوتكەن كەشكەنلەر،كىملا بولسۈن، يولدا كۆرسەن سالام بەرمەي قالمايدۇ..
‹‹ ھىسامكام›› نىڭ ھورمىتى يەنىلا چوڭ!
تىخى ئىماننىڭ نۇرى يۇق دەپسىز...
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي.. بىكار........................
چىراي نۇردەك، سالاپەتلىك كىشىلىرىمىز دەپ سانالغان بەزىبىر كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغان قىلىقى،سىز ئىيتىپ ئوتكەن بەتبەشىرە كىشىلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك .
بۇنداق، ئاتاقلىق، كىشىلىرىمىزنى چىشلەپ تارتمايلى، بەتبەشىرىگە ئوخشاتمايلى!
ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش ئىزلىرى تىللاردا داستان بولغۇسى..
بۇمىنڭ تىپىۋالغان گىپىم ئەمەس‹‹ يۇمۇر چاقچاقلار›› دىگەن كىتابنىڭ 1، 2- قىسمنى ئوقۇپ ، ئاندىن گەپ قىلىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzal~yurtum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-11 10:41 PM