tuprag يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 01:25 PM
ئەسلى [نەشتەر]نى مەن ئەمەس سىز باشتا سانجىدىڭىز،شۇڭا ...
ئەمدى ياخشى پىكىرلەر بولىۋاتىدۇ. زىدىيەت پەسەيسە مەن بەك خۇشال.
1. مەن بېشىدا «قەشقەرلىكنىڭ سېسىق پارىڭى» دېگەن گەپنى قىلمىدىم. سىزنىڭ بۇ گەپنى دېگەن كىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ «شۇغىنىسى بىز قەشقەرلىك [سىسىق ]گەپنى پۇلغا ساتمايمىز...........» دېگەن ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، مەن ئاندىن سىزگە ئىنكاس يازدىم. (سۆزلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ.)
2. مەن ھەر زامان «قەشقەرلىقنىڭ سېسىق پارىڭى» دېگەن گەپنى دېيىشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتىمەن. ھەتتا، قەشقەرلىق دوست-بۇرادەرلىرىمدىن شۇنداق پاراڭلارنى ئىشتكەن ۋاقىتتىمۇ، «قەشقەرلىقنىڭ سېسىق پارىڭى» دەپ باقمىدىم. دېگەن بولسام «سېسىق پاراڭ قىلما!» دېگەن بولۇشۇم مۇمكىن. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن ئىككى ئۇيغۇر ئارىسىدا يۇرتۋازلىقنىڭ بىخ سۈرۈشىنى ئەزەلدىنلا خالىمايمەن.
3. مەن قەشقەرنى بەك چوڭ بىلىمەن. قەشقەر ئۇيغۇرنىڭ كۆزى، ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى. مەن ئۇچراتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا «مەن ئۇيغۇر» دېسەم تونۇيدىغانلار بەك ئاز چىققان. ئەمما «يىپەك يولى»، «قەشقەر» دېسەم تونۇيدىغانلارنى كۆپ ئۇچراتقانمەن. سەۋەبى ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك. قەشقەردەك مۇشۇنداق بىر ئېسىل يۇرتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ نۇقتىنى مەندىنمۇ ئېنىق تونۇشىنى، ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيۇشقاقلىقنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۈمىت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
ھەممىمىز ئىتتىپاقلىقىمىز، ئىناقلىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلايلى! ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچقاي، ئامىن!