xahroh يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 08:32 PM
ياقتۇرمايمەن ،،،،بۇلۇپمۇ قازاقلارنى سۆكۈپ ئىككى مىلل ...
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم،
قېرىندىشىم ياخشىمۇ سىز؟ مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ياخشى باھا بەردىم. (ئاز بولسىمۇ). سەۋەبى تۆۋەندىكى سۆزلىرىڭىزنى توغرا تاپقانلىقىمدىن بولدى:
«دىن جەھەتتىنمۇ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ھەقىقى نىيەت بىلەن ئەمەس چاقچاق
ھېسابىدا كوچىلاپ باشقىلارغامايمۇن ئوينى قىپ بەرسە ،ۋاقتى كەلگەندىكى سوئال
سوراقتا مەنچاقچاق قىپ قويغان دىسىلا ئۆتۈپ كېتەمدىكىىن بىلمىدىم ؟»
ئەمما ئۆزىڭىز دېگەن «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ھەقىقى نىيەت بىلەن ئەمەس چاقچاق ھېسابىدا كوچىلاپ...» دېگەن پىرىنسىپىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ خىلاپ قىلغانلىقىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭ دەلىلى:
«ھېسام ئاكىمىزغا ئوخشاش ئۆمرى كۈلكە چاقچاق بىلەن، سېسىق گەپ، قېلىن چاقچاقلار بىلەن ئۆتكەنلەر بولسا ئەشۇنداق چىرايىدا ئىماننىڭ نۇرىدىن ئەسىر يوق بەتبەشرە قېرىيدۇ»
سىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى دەپسىز، چاقچاق ياكى كىچىك پېئىللىق بىلەن ئەمەس، رەسمى يوسۇندا، سەل چەكتىن ئاشۇرۇپ دەپسىز. ھېسام ئاكىنىڭ چىرايىدىكى قورۇقلار ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۆتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى. ئۇنى ئۇنچىلىك «بەتبەشىرە» دەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. سىزمۇ قېرىيسىز.
چاقچاققا كەلسەك، مەنمۇ سىز ئېيتقاندەك ئەتىدىن - كەچكىچە «ھى،ھى،ھى...ھا،ھا،ھا..» دەپ ئۆتكەنلەرنى، «بىر قازاق،... بىر قەشقەلىق...» دەپ قېرىنداش مىللەتلەرنى، باشقا يۇرتلۇق قان-قېرىنداشلىرىمىزنى زاڭلىق قىلىدىغان، «كۆتىدە ئىشتان يوق، ئىسمى ماجانبۈ» لەرنى ياقتۇرمايمەن.
«چاقچاق» تىن ئىبارەت بۇ «مەدەنىيەت» نى تۆت تال ئۇيغۇرنىڭ ھاراق-شاراپلىق سورۇنىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنى ئويۇن-تاماشىغا ئامراق خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان(ئاز بولغاندىمۇ 300 يىل) شەكىللەنگەن «كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيتى» بىلەن باغلاپ، تەھلىل قىلساق بولار(ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخىسى كۆز-قارىشىم.) ھازىرقى چاقچاقچىلار ئالدىدىكىلەردىن ئۇدۇم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ...
ھىبى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلمىسا، چاقچاق قىلىپ تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتسىز سورۇپ تۈگىتەر بولغۇيتتى. .ئۇلارنى چاقچاق قىلما، دەپ توسۇپ قالغىلى بولمىغاندىن كېيىن، تاپقان-تەگىنىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتسە سىزنىڭ «ياقتۇرمايمەن» دېگىنىڭىزنى مەنمۇ ياقتۇرمىدىم. ياخشى ئىشنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ قويساق بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەشتەر22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 09:18 AM