tuprag يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 06:32 PM
شۇغىنىسى بىز قەشقەرلىك [سىسىق ]گەپنى پۇلغا ساتمايمىز.. ...
قاراڭ قېرىندىشىم،ئۇنداق بىر تەرەپلىمە گەپ قىلماڭ.
مەن ئاتۇشتىن، قەشقەر بىلەن ئالاقىمىز بەك جىق. قەشقەردە 10 يىللاپ دۇككان ئاچقان، ھېلىمۇ ھەم ئاكا-ئىنىلىرىمىز ئېچىۋاتىدۇ، قەشقەردە تۇققانلارمۇ، دوست-ئاغىنە، ساۋاقداشلارمۇ بار. ئەمەلىيەتتە قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى شۇنداق گۈزەل، پاساھەتلىك، بىر دۇككانغا كىرىپ قالسىڭىز، ئۆز ماللىرىنى شۇنداق گۈزەل گەپلەر بىلەن تەرىپلەپ، سىزنى شىرىن- سۇخەن گەپلەر بىلەن ماختاپ، كۆڭلىڭىزنى شاققىدە ئېلىۋالىدۇ. خېرىدارمۇ خەجلىگەن پۇلىغا رازى بولۇپ، دۇكاندارنىڭ تىجارىتىگە بەرىكەت تىلەپ دوست-ئاغىنىلەردەك خوشلىشىپ ئۇ دۇككاندىن ئايرىلىدۇ.
سىز ماۋۇ گەپ ئارقىلىق قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى بەكلا چاكىنىلاشتۇرۇپ قويۇپسىز. ياخشى يامان گەپ قىلىدىغان ئادەملەر ھەممە يۇرتتا بار. چىشىغا تەگسىڭىز ئادەم تۈگۈل ئىت- مۈشۈكمۇ سېسىق ‹گەپ› قىلىپ ئەدىبىڭىزنى بېرىدۇ.
غۇلجىلىق دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىممۇ بار. ئۇلارنىڭ چاقچىقىنى بىر ئاڭلىغان بولسىڭىز ھەققى كۈلكىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالغان بولاتتىڭىز. غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنڭ ھەممىسى شۇنداق ئوچۇق، سەممىي، پاكىز، چاقچاقچىمۇ، بىلمىدىم، ئىشقىلىپ،ئۇلارغىمۇ ھۆرمىتىم بەك چوڭ.
شۇڭا گەپ قىلغاندا ئايرىم ھادىسىنى كۆككە كۆتۈرمەي، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق، ئىلمىي تەھلىل قىلىڭ.
مەيلى قەشقەر، مەيلى غۇلجا، قايسى يۇرت بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك، شۇنچە ئىللىق. ئادەملىرى ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەدىرلىك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-14 12:23 PM