مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rahatmakan

ئاجىرىشىش نىمانچە قورقۇنۇشلۇق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجرىشىش ئانچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. ھىچ بولمىغاندا زۇلۇمدىن، زوراۋانلىقتىن ئۆزىنى ، بالىلارنى ھەم ئۆزگىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشى مۈمكىن.
ئەر ئايال نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن  تارتىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىا ئىرىشكەن  مال- مۈلۈكلەر ئورتاق مۈلۈك دەپ ھىساپلىنىپ ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ بىرىلىدۇ.
لىكىن ئۆزىنىڭ شەخسى مال -مۈلكى دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ھەرقانداق ئىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كىرەكتە. ئاجراشسا ئايالى بىر بالىنى ئاپتۇ. بىر ئايال كىشى ئۆي- ماكانسىز، بىر تىيىن راسخوتسىز ئاشۇ بالىنى قانداق باقىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 20 ئورۇنلۇق پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:03:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجىراشقاندا ئايالىنىڭ تويلۇق ئالتۇنلىرىغا كۆز قىزارتقان ئەركەكلەرنىڭ نىمىشقا قۇلى تۇتماس ، كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالمايدىغاندۇ دەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېمپىراتور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 08:03 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 10 راس گەپ
rizwangul0995 + 10 ھا ھا ھا نىمانچە قىززى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9478
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1751 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوت ھۆكىمى توغرا ،بۇنىڭغا ئامال يوق،ر تويدىن كىيىنكى  مۈلۈك ئورتاق مۈلۈك بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:06:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نازلىنىپ كەلگەندە يار
چىقمىسۇن ئەستىن ئايال
كۈلكىگە يانداش كىلۈر
ياش بىلەن مۇڭلۇق ئاۋاز


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:11:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بولدىكىن ھازىرقى ۋاقىتتا ئاجىرشىدىغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كەتتتى ،يىتىملار سانى ئاۋۇتۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئازىراق بىسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئاجىرشىپ يۈرمەكتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېمپىراتور يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 08:03 PM
ئاجىراشقاندا ئايالىنىڭ تويلۇق ئالتۇنلىرىغا كۆز قىزار ...


ۋاي قايسى كۈنى ماۋۇ بىزنىڭ ماۋۇ يەردە بىر گۇينى تۇتۇپ دەريا بويىغا ئاپىرىپ تازا ئۇردۇق. سەۋەبى بۇ گۇي بىر قىز بىلەن توي قىلىپ نەچچە ئاي ئۆي تۇتمايلا قىزنى ئۇرۇپ تۇرۋاپتۇ. قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئاخىر چىدىماي قىزنى ئاجراشتۇرۋالماقچى بوپتۇ. لىكىن ئاۋۇ ناكەس گۇي قىزنىڭ خېتىنى بېرىمەن لىكىن تويلۇقنى قايتۇرسۇن ھەم ئەللىك گىرام ئالتۇننى قايتۇرسۇن دەپ تۇرۋالغان گەپ سوتتا. ئاپىسى يىغلاپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتىكەن. بىز بىرقانچە باللىنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كىلىپ بۇ گۇيغا بىر گەپ قىلىپ قويايلى دەپ دەريا بويىغا ئاپىرىپ چىرايلىق پاراڭلىشايلى دىسەك ئۇ گۇي يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى يۇرغۇلۇتۇپ تۇرۋالدى. تازا دەسسىۋەتتۇق گۇينىڭ بالىسىنى . مۇشۇنداق ناكەسلەر باركەن ھازىر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-28 09:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى


(1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - يىغىنىنىڭ <>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار> ىغا ئاساسەن تۈزىتىلىدى)

  1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مىزانى.
2 - ماددا نىكاھتا ئەركىن بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر - ئايال باراۋەر بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.
3 - ماددا نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھتا سودىلىشىش قىلمىشى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل - مال ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. قوش نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر - بىرىنى خورلىشى، تاشلىۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
4 - ماددا ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە سادىق بولۇشى، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2 - باب نىكاھلىنىش
5 - ماددا نىكاھلىنىش ئەر - ئايالنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن بولۇشى شەرت، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى زورلىشىغا ياكى ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 6 - ماددا نىكاھلىنىش يېشى ئەرنىڭ 22 دىن، ئايالنىڭ 20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى شەرت. كېچىكىپ نىكاھلىنىشقا، كېچىكىپ پەرزەنت ككرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.
7 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ: بىۋاستە قانداش تۇغقان بولسا ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقان بولسا؛ تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا. 8 - ماددا نىكاھلىنىدىغان ئەر - ئايال نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى بېرىپ تىزىملىتىشى شەرت. بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى تىزىمغا ئېلىنىپ توي خېتى بېرىلىدۇ. توي خېتى ئالغاندىن كېيىنلا ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. نىكاھ تىزىملاتمىغانلار تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك.
9 - ماددا نىكاھ تىزىملانغاندىن كېيىن، ئەر بىلەن ئايالنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە، ئايال ئەر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ، ئەر ئايال ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ بولىدۇ.
10 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس: (1) قوش نىكاھلىق بولغان؛ (2) نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان: (3) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان، نىكاھلانغاندىن كېيىن ساقايمىغان؛ (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش يېشىغا يەتمىگەن.
11 - ماددا نىكاھ مەجبۇرىي بولغان بولسا، مەجبۇرلانغۇچى نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ نىكاھنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مەجبۇرلانغۇچى نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى نىكاھ تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك. جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇنسىز چەكلەنگەنلەر نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك.
12 - ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس ياكى بىكار قلىنغان نىكاھ باشتىلا كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. بىللە ئۆي تۇتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن مال - مۈلكىنى ئۇلار كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى سەۋەنلىك يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قوش نىكاھلىنىش تۈپەيلىدىن نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس قىلىنغاندىن كېيىن، مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق نىكاھلانغۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلىرىگە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3 - باب ئائىلە مۇناسىۋىتى
13 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئورنى باراۋەر.
14 - ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
15 - ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى چەكلىشىگە ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16 - ماددا ئەرنىڭمۇ، خوتۇننىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت مەجبۇرىيىتى بار.
17 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مال - مۈلكى ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلكى بولىدۇ: (1) مائاش، مۇكاپات پۇلى؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى؛ (3) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى؛ (4) ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئېرىشكەن مال - مۈلكى، لېكىن بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسىنىڭ ئۈچىنچى تارماقچىسىدا بەلگىلەنگىنى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (5) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان باشقا مال - مۈلۈك. ئەر - خوتۇن ئورگاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
18 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، مال - مۈلۈك ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ بولىدۇ: (1) بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلكى؛ (2) بىر تەرەپ جىسمانىي زەخمىگە ئۇچراپ ئېرىشكەن داۋالىنىش پۇلى، مېيىپلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار؛ (3) ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامدا ئەر ياكى خوتۇنغا تەۋە دەپ بېكىتىلگەن مال - مۈلۈك؛ (4) بىر تەرەپكە خاس تۇرمۇش بۇيۇملىرى؛ (5) بىر تەرەپكە تەۋە باشقا مال - مۈلۈك.
19 -ماددا ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكى، شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلىكىگە ئايرىم - ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ياكى بىر قىسىمغا ئايرىم - ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، بىر قىسىمغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈم يازما بولۇشى كېرەك. پۈتۈم بولمىسا ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، بۇ قانۇننىڭ 17 -، 18 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئەر - خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكى، شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلكى ھەققىدىكى پۈتۈمى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى پۈتۈشكەن، ئەر ياكى خوتۇن باشقىلارغا قەرزدار بولغان، بۇ پۈتۈمنى ئۈچىنچى كىشى بىلىدىغان بولسا، بۇ قەرزنى ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىگە تەۋە مال - مۈلۈك بىلەن تۆلەيدۇ.
20 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىنى بېىىش مەجبۇرىيىتى بار. بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بېقىلىدىغان تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
21 - ماددا ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار؛ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرى ئاتا - ئانىسىدىن بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۇرمۇشى قىيىن بولغان ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىدىن قاراش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بوۋاقنى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش، تاشلىۋېتىش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.
22 - ماددا پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
23 - ماددا ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى قوغداش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئاتا - ئانىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
24 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ مىراسقا ئۆز ئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار.
25 - ماددا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا نىكاھلىق تۇغۇلغان بالىغا ئوخشاش ھوققا ئىگە، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىشىگە ۋە ئۇنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى بىۋاستە باقمايدىغان ئۆز ئاتىسى ياكى ئۆز ئانىسى شۇ بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنى تاكى شۇ بالا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغانغا قەدەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
26 - ماددا دۆلەت قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ. بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. بېقىۋېلىنغان بالا بىلەن ئۆز ئاتا - ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن يوقايدۇ.
27 - ماددا ئۆگەي ئاتا - ئانا بىلەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىنى خورلاش ياكى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا بىلەن ئۇلار بېقىپ تەربىيىلىگەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
28 - ماددا نەۋرىسىنى بېقىپ تەربىيىلەش ئىقتىدارى بار بوۋا - مومىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا - ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن نەۋرىلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار. بوۋىسى، مومىسىغا قاراش ئىقتىدارى بار نەۋرىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى پەرزەنتلىرى قارىيالمايدىغان بوۋىسى، مومىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار.
29 - ماددا ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا، ئاچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا - ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاكىسى، ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بېقىش ئىقتىدارى بار ئۇكا، سىڭىلنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى كەمچىل ھەم تۇرمۇش مەنبەسى يوق ئاكا، ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.
30 - ماددا پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نىكاھ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاتا - ئانىسىنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى ئاتا - ئانىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

4 - باب ئاجرىشىش
31 - ماددا ئەر - ئايال ئاجرىشىشنى ئىختىيار قىلسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئىختىيار قىلغانلىقى ھەمدە پەرزەنت ۋە مال - مۈلۈك مەسلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئاجرىشىش خېتى بېرىدۇ.
32 - ماددا ئەر ياكى ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تارماق مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىشتا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك: (1) قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتقان؛ (2) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغان ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلىغان، تاشلىۋەتكەن؛ (3) قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار ئىللەتنى قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن؛ (4) چىقىشالمىغانلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان؛ (5) ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان باشقا ئەھۋال. بىر تەرەپ يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. 33 - ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ ھەربىينىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ھەربىي ئېىغر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا بۇنداق بولمايدۇ.
34 - ماددا ئايال ھامىلدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
35 - ماددا ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر - ئايال يارىشىۋېلىشنى ئىختىيار قىلسا، نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ يارىشىۋېلىشنى تىزىملىتىشى شەرت.
36 - ماددا ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا - ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاستە باقسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى. ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەمچەكتىكى بالىنى بېقىشتا ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پرىنسىپ قىلىنىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرلغان بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
37 - ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارىنى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتى توغرىسىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم بالىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.
38 - ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى بىۋاستە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىنى كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، ۋاقتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بالىنى كۆرۈشى بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ؛ توختىتىش سەۋەبى يوقىغاندىن كېيىن، كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
39 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق مال - مۈلكنى كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت مال - مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر ياكى ئايالنىڭ ئائىلىدىكى يەر ھۆددىگەرلىك تىجارىتىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق - مەنپەئىتى قاتارلىقلار قانۇن بويىچە قوغدىلىشى كېرەك.
40 - ماددا ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكىنى ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە دەپ يازما پۈتۈشكەن، بىر تەرەپ بالىنى بېقىپ تەربىيىلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، يەنە بىر تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلاردا مەجبۇرىيىتىنى كۆپرەك ئادا قىلىغان بولسا، ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپتىن ھەق تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپ ھەق بېرىشى كېرەك.
41 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق تۇرمۇش ئۈچۈن ئىلگىرى ئالغان قەرزنى ئورتاق تۆلىشى كېرەك. ئورتاق مال - مۈلۈك قەرزنى تۆلەشكە يەتمىسە ياكى مال - مۈلۈك ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە بولسا، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
42 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، بىر تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، يەنە بىر تەرەپ تۇرالغۇسى قاتارلىق شەخسىي مال - مۈلىكىدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
5 - باب ياردەم تەدبىرلىرى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى
43 - ماددا ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنسا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شۇنىڭدەك خىزمەت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنىۋاتقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىشى كېرەك؛ ج خ ئورگىنى توسۇشى لازىم. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنغاندا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، ج  خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.
44 - ماددا ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شۇنىڭدەك خىزمەت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، قاراش ھەققى بېرىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
45 - ماددا قوش نىكاھلىنىپ، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىپ ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلاپ، تاشلىۋېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە تەھقىقلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى كېرەك.
46 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئاجرىشىشقا سەۋەب بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق: (1) قوش نىكاھلىنىش؛ (2) جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش؛ (3) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش؛ (4) ئائىلە ئەزاسىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش.
47 - ماددا ئاجراشقاندا بىر تەرەپ ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتىكۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن بولسا ياكى قەرز ئويدۇرۇپ چىقىپ يەنە بىر تەرەپنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولسا، ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى قەرز ئويدۇرغان تەرەپكە ئاز بۆلۈپ بېرىلسە ياكى بۆلۈپ بېرىلمىسە بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ يۇقىرىقى قىلمىشنى سەزگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلىپ، ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى قايتا بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
48 - ماددا بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، قاراش ھەققى، مال - مۈلۈكنى بۆلۈش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، بالىنى كۆرۈش قاتارلىقلارغا دائىر ھۆكۈم ياكى كېسىم ئىجرا قىلىنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ. ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلار ئىجراغا ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
49 - ماددا باشقا قانۇنلاردا نىكاھ ۋە ئائىلىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
50 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە جەھەتتىكى كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىنىلغاندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلغاندىن كېين كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
51 - ماددا بۇ قانۇن 1981 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1950 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلىنغان <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى> بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ. "



http://www.alkux.com/article.asp?mid=175

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى ۋە شەخسى مۈلكى


نىكاھ ماجرالىرىدا دائىم دىگۈدەك ئورتاق مۈلۈك ۋە شەخسى مۈلۈك ھەققىدەتالاش تارتىش بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا قايسى مۈلۈك ئورتاق مۈلۈك قايسى مۈلۈك شەخسى مۈلۈك بولىدۇ؟
   ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدىليلىك ئىزاھاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى تۆۋەندىكى مۈلۈكلەر ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. يەنى :1. مائاش، مۇكاپات پۇلى  2. ئىشلەپچىقىرىش تاپاۋىتى 3. بىلىم مۈلۈك ھۇقۇق تاپاۋىتى 4. ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە بىرىلگەن مۈلۈك 5. تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فۇندى، پاي چىكى
تۆۋەندىكى مال مۈلۈكلەر ئەر ئايالنىڭ شەخسى مۈلكى بولىدۇ. 1. بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى مۈلكى 2. بىر تەرەپ جىسمانى زىيانغا ئۇچراپ ئىرىشكەن داۋالىنىشى پۇلى 3. ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە ئارقىلىق بىر تەرەپكە بىرىلگەن مۈلۈك. 4. بىر تەرەپكە خاس بۇلغان تۇرۇمۇش بۇيۇملىرى 5. ھەربىيلەر تالاپەت سۇغۇرتا پۇلى، مىيىپلىق ياردەم پۇلى، داۋالىنىش پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى 6. خىزمەت تارىخىنى سىتىش پۇلى، ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتا پۇلى، داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى.
   ھەربىيلەرنىڭ ھەربى سەپتىن چىكىنىش پۇلى، كەسىپ تاللىۋىلىش پۇلىنى ئورتاق مۈلۈك ۋە شەخسى مۈلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ پۇلنى بۆلۇشتە ئەر ئايالنىڭ نىكاھ مۇناسىۋتى داۋاملىشىۋاتقان يىل بىلەن، يىللىق ئوتتۇرچە قىممەت كۆپەيتىلگەندە ئىرىشكەن سان ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى بولىدۇ. يىللىق ئوتتورچە قىممەت دىگىنىمىز ھەربىيلەرگە بىرىلگەن يۇقۇرقى پۇلنى مەلۇم يىلغا بۆلگەن ئۇمۇمى ساننى كۇرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كونكىرىت يىل چەكىلىمىسى 70 يىل بىلەن ھەربىينىڭ ھەربى سەپكە قاتناشقان چاغدىكى ئەمەلى يىشىنىڭ پەرقىدۇر.
ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ بىلىدىغان ئەھۋالدا، بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بولىدۇ.
ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، بىر تەرەپ شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا  ، مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان پايدا زىيان ئەر ئايالغا ئورتاق بولىدۇ.
ئالاقىدار ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆي سىتىۋىلىش ئۇچۇن مەبلەغ سالغان بۇلۇپ ئاتا ئانىسى بۇ مەبلەغنى ئىككى تەرەپكە بىرىۋەتكەنلىگىنى ئىنىق بىلدۇرمىگەن بۇلسا بۇ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلۈك دەپ قارالمايدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپكە بەرگەنلىگىنى  ئىنىق بىلدۇرگەن بۇلسا ئورتاق مۈلۈك دەپ قارىلىدۇ.
ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن مەخپى ھالدا ، بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكتىن شىرىكسىز كارخان قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا تىجارەتتە زىيان ياكى پايدا بولسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك.
ئەر ئايال نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، بىر تەرەپ مەخپى ھالدا شەخسى نامدا يەككە سودا سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھۇددىگەرلىك تىجارىتى قىلغان بۇلسا ، مەبلەغ ئەر ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن چىقىرىلغان بۇلسا بۇ پايدا زىيانغا مەخپى ھالدا مەبلەغ سالغۇچى ئىگە بۇلىشى كىرەك.
ئەگەر ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا تىخى تۇلۇق ئىرىشمىگەن، قەرىز قايتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ شەخسى مۈلۈك ياكى ئۇرتاق مۈلۈك بۇلىىشى ھەققىدە تالاش كۇرۇلسە مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ئايرىلىدۇ. 1. ئىككى تەرەپ بانكا قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىقىغا ئىرىشىش كىرەك، بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. 2. ئۆينىڭ شەخسى ياكى ئورتاق مۈلۈك ئىكەنلىگى بىكىتلمەي ئىككى تەرەپ  ياكى بىر تەرەپ داۋاملىق قەرىز تۆلەپ ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھۇقۇقىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆينى بۇلۇش كىرەك، بۇ چاغدا ئۆي ئورتاق مۈلۈك بولىدۇ. بىراق كىم ئارتۇق ھەق تۆلىگەن بۇلسا ئۆينى بۆلگەندە ئارتۇق تۆلىگەن قىسمىنى ھىساپلاش كىرەك.
ئەر ئايال بىلىدىغان ئەھۋالدا ئورتاق مۈلۈكتىن مەبلەغ سىلىپ شىرىكسز كارخان قۇرغان بۇلسا ئاجراشقاندا ئىككىلا تەرەپ بۇ كارخانىنى باشقۇرۇشنى خالىمىسا بۇ كارخانىنىڭ بارلىق مۈلكى ئۇرتاق مۈلۈك بولىدۇ.
  ئەر ئاياللار نىكاھتىن ئىلگىرىكى شەخسى مۈلكى ۋە نىكاھ داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى ئورتاق ۋە شەخسى مۈلۈك ھەققىدە كىلىشىم ئىمزالىسا بۇ قانۇنى كۇچكە ئىگە بولىدۇ. غەرپ ئەللىرىدە تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە نىكاھ مال مۈلۈك  كىلىشىمى ئىمزالاش ئەۋج ئالغان بۇلۇپ بۇ نىكاھ داۋامىدىكى ۋە ئاجرىشىشتىكى مال مۈلۈك ماجرلىرنى ھەل قىلىشتا بىر خىل قانۇنى ئاساس بۇلۇپ قالغان لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى بىر بىرىگە سادىق بۇلۇش بۇ ئاساسنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇنداق بۇلمىسا پۇل تۆلەش كىلىشىمى قانۇنى كۈچكە ئىگە بۈلمايدۇ.
  4-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى دۇنيا قانۇن تەشۋىقاتى كۇن  ماتىريالى
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854
توردا ماتىريال يوللاش شەكىلدە مەسلىھەت بىرىش نۇمۇرى 1471561935




http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=12084

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4929
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئىشقىمۇ چۇشكۇنلىشەمدۇ ،ئانسىغا قول تەككۇزگەن ئايالدىن بالدۇراراق قۇتۇلغىنىغا خوش بۇلسا بۇلدۇ ،پۇل دىگەننى تاپسا بۇلدۇ

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 10 شۇنداق
sargarda + 100 توغرا...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 08:12 PM
ۋاي قايسى كۈنى ماۋۇ بىزنىڭ ماۋۇ يەردە بىر گۇينى تۇتۇپ  ...

دولان ئۆستىڭڭنىڭ بۇيىدا  ياساپسىلە  دە  ئۇ پالاز گۇينى !

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش