marziyya يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 08:46 PM
مەن توي قىلغاندا يولدىشىم تەرەپ توي خىتىنى ئۆزىمىز ئا ...
قەدىرلىك ھەمشىرەم : بېشىڭىزغا كەلگەن نىكاھتىكى بەخىتسىزلىكلەردىن كۆپىنچىمىز
قايغۇردۇق . ئالدىنقى تېمىڭىزدا سىزگە سەۋىرچانلىق ، ئېرىڭىزگە ئىنساب تىلىگەن
ئىدىم . ئەمما سەۋىرنىڭمۇ چېكى بولىدۇ . مۇھەببەت كۆپ ئىشلارنى ئۆزگەرتىدۇ .
ئېرىڭىزگە سەۋر قىلىپ بېقىڭ ! مۇھەببەت بىلەن قاراپ بېقىڭ !
ناۋادا پەقەت مۇھەببەت بولمىسا ، تاشنى تاياقتا تاڭغىلى بولمايدۇ .
پەقەت قولىمىزدىن ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن سىزگە بەخىت ، سەۋىرچانلىق تىلەش كىلىدۇ .
توي خېتى ئالماي توي قىلىش قانداق گەپ ؟ گەرچە توي خېتى ، مۇھەببەتكە
ئائىلىگە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ قانۇنى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
بۇنداق دېسەم ئېچىشقان يەرگە تۇز سېپىپ قويىدىغانلىقىمنى بىلىمەن . ئەمما
ئادەم ئويلىغاننى دېيىش كېرەك ! ئېرىڭىزنىڭ توي خېتى ئېلىشنى كىچىكتۈرىشى
ياكى توي خېتى ئېلىشنى رەت قىلىشى ، سىز بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆي
تۇتۇش نىيتى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ .
ھەم ئەرلەر يۈرگەن قىزى بىلەن باھانە كۆرسىتىپ توي قىلىشنى كىچىكتۈرىشىمۇ
نىيتىنىڭ دۇررۇس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
سىز يەنىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەتىنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ .
ھايۋان چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلگەن بالىغا ئىگە بولىدۇ .
سىز تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى سوت مەھكىملىرىگە بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلسىڭز
بولىدۇ . ئەدىليە خادىملىرى مۇۋاپىق ھالدا بېقىش راسخۇتلىرىنى بىكىتىپ بېرىدۇ .
ئىسلامدىمۇ ئەلۋەتتە ئاجراشقان ئايالنىڭ ھەققىنى بېرىش ،بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن
خەۋەر ئېلىش توغرۇلۇق يوليۇرۇق بېرىلگەن . بۇ ھەقتە ھەدىس ، ئايەت سۆزلەپ
يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئېرىڭىزنىڭ نامازغا ئويغاتسىڭىز سىزنى ئۇرۇشى ۋە باشقا چاغلاردىمۇ سىزنى ئۇرۇپ
خورلاشلىرىغا قارىغاندا ، ئىسلامىي يول كۆرسەتسىڭىزمۇ قايىل بولمىغۇدەك ...
بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ ! باللىرىڭىزنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان خۇدا رىسقىنىمۇ
قۇشۇپ ياراتقان . يولدا قويغان خۇدا ئاچ قويمايدۇ .
ئالدىنقى تېمىڭىزدا ، دادىڭىز ئېرىڭىزنىڭ سىزنى خورلىشى ، ئۇرۇنسىز ئىشلارغا
ئۇرۇشىنى بىلىپ ، ئاجرىشىپ كەت دەپتىكەن . ئەمدى نىمە جەھەتتىن سىزدىن
خاپا ؟
كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب ـ ئۇقۇبەت ، كىچىنى يۇرۇتقان
يۇلتۇزدەك ئادەمنى روھى دۇنياسىنى چېنىقتۇرۇپ ، ھاياتنىڭ مەنىسى ، ئەھمىيتىنى
تونۇتىدۇ . سىز چۇقۇم بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ قەيسەرلىكنى ئۆزىڭىزگە
يار قىلشىڭىز زۆرۈردۇر .
يەنە بىر مەسلىھەتىم _ ئۇدۇل كەلگەن ، دەردىڭىزنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە
دەرىت تۆكۈپ يۈرمەڭ ! بولمىسا بىر دەرىتنى ئون قىلىۋالىسىز ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 09:56 PM