国民党 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:49 PM
مۇشۇ ئايال كىشىنىڭ بىر ئەردىن چىقىپ، يەنە بىر ئەرگە تى ...
بۇرادەر بەزى ئىشلارغا يۈزەكى پىكىر قىلىش ئادىللىق بولمايدىكەن .
ھەر كىشى بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ . ‹‹ قۇلى سۇنۇقنىڭ دەردىنى قۇلى
ساق كىشى بىلمەيدۇ ››
كىمنىڭ تۇنجى ئايالى ، تۇنجى ئېرى بىلەن ئۆي تۇتقۇسى يوق دەيسىز ؟
مەنمۇ سىزدەك ئويلايتتىم . ياخشى بولساڭ ئېرىڭ قۇيۇپ بېرەمتى ؟
ياخشى بولساڭ خوتۇنىڭ ئاجرىشامتى ؟ ياخشى مالنى ئىگىسى ساتمايدۇ دەپ
ئەمما ئادەم ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە ، باشقىلارنىڭ دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي
كەلگەن .
بۈگۈن بىر پاھىشىنى ، ئوغرىنى ، مەسىت زابوينى ئۇچرىتىپ
قالساممۇ نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا ، سۆيگۈ بىلەن قاراپ ، خۇدادىن ئۇلارغا
ئىنساپ ، ياخشىلىق تىلەيدىغان بولدۇم .
تەقدىر ئىلاھىي بەزىدە ئادىل ئەمەس ، ئالىيجاناب ، ئىسىل كىشىلەرگە
پەسكەش ئىشلارنى قىلدۇرسا ، پەسكەش كىشىلەرگە ئالىي ھوقۇقلارنى
تۇتقۇزۇپ قويىدۇ . خۇددىي بىرى ئولتۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇنغا يەنە بىرى
ئولتۇرىۋالغاندەك ، قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان پارىخۇر ئەمەلدار قانۇن
ئىجراچىسى بولۇپ قالغاندەك ، ئۆلىما بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان كىشى
ۋەز ـ نەسىھەت قىلغاندەك ئىش ... لىكىن يەنىلا تەقدىردىن ئاغرىنىشقا
ھەققىمىز يوق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 11:02 PM