rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 02:17 PM
ماڭقۇرىت دەپ بىر ئاتالغۇ بولىدىغان قىرغىزىستان ياز ...
1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر مەۋسۈملۈك خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاشۇ ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىق باھالايدىغان بولغاندىكىن، يەنە كېلىپ ئىمتىھان سوئالىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، قۇرۇلمىسى ئاشۇ بالىلار كۈندە ئۆيدە ئىشلەۋاتقان تاپشۇرۇقلاردىكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولغاندىكىن تاپشۇرۇق كۆپرەك بېرىلىشى مۇمكىن.
2. ساپا مائارىپىدا ئوقوغۇچىنىڭ قىزىقىشىنى، ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىش دەيدىكەن، ئەمما ئوقوغۇچىدىن ھەممە پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىنى باھالىغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ شۇ پەندىكى نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدىكەن.
بىر قانچە يىللاردىن بېرى ساپا مائارىپى دەپ شۇئار توۋلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى باھالاش ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدە ھېچقانچە ئۆزگىرىش يوق. يەنىلا ئىمتىھان مائارىپى دەۋرىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. شۇڭا بۇرۇنقى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ تەسىرى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر.
3. ھازىر دەرسلكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى بۇرۇنقىدىن سەل مۇرەككەپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىمتىھان سوئاللىرى ۋە تاپشۇرۇق سوئاللىرىنىڭ شەكلى، تۈرى، قۇرۇلمىسى كۆپ خىللىشىپ كەتتى. ئەگەر بالا ئۆيدە ئاشۇ تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلەپ بولالىسا، ئاندىن ئىمتىھاندىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى سوئاللارنى ئىشلەيدىغان چاغدا سوئالنىڭ تەلىپىنى، قانداق ئۇسۇلدا ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى، جاۋاپنى قەيەرگە يازىدىغانلىقىنى، نىمە يازىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالايدۇ. بولۇپمۇ قوش تىل(خەنزۇتىلىدا) دا ئۆتۈلۈدىغان دەرسلەرنىڭ سوئال تەلىپىنى ئوقۇپ چۈشىنىشمۇ بىر مەسىلە.
قىسقىسى بالىغا كۆپلەپ تاپشۇرۇق بېرىش--رەھبەرلىكنىڭ ئىلمىي، جانلىق ۋە توغرا بولمىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى، خىزمەت باھالاش مىخانىزمى سەۋەبىدىن ھەقىقىي ساپا مائارىپىغا ئۆتەلمەيۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ، ئائىلە باشلىقىنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلە. قايسى ئوقۇتقۇچى كەچكىچە دۆۋە-دۆۋە تاپشۇرۇپ كۆرۈپ ئولتۇرۇشنى خالايدۇ؟
ھە دىسىلا ئوقۇتقۇچىلارغا يۇقىرىدىن ساپا مائارىپى ھەققىدە تۈرلۈك تەربىيلەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما خىزمەت نەتىجىسىنى ئوقوغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئۆلچەيدۇ. شۇڭا ساپا مائارىپى راۋاج تاپالمايۋاتامدىكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wahxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 03:29 PM