ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 03:10 PM
ئەمسە داۋاملىق ئوقۇتقۇچلارىنى غاجاڭلا .....بۇ مىنىڭ قا ...
ئىنكاس يازماي دىسەم بولمىدى شۇڭا يەنە يازدىم، كەچۈرسىز ھە!
مەن سىزنىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىڭىزغا دېققەت قىلىپ باقتىم، ئىشلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلىش، مۇتلەقلەشتۈرۋىتىش، ھەددىدىن زىيادە ھەق- ناھەقنى ئايرىغۇچى بولىۋىلىش، ئەڭ ئاخىردىكى ھۆكۈم چىقارغۇچى بولىۋىلىش، باشقىلارغا تەربىيە بېرىش، ئۆزەمنىڭكىنى راس دىيىش...سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزدەك قىلىدۇ. تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلمەي تۇرۇپ ھەممە ئىشلارغا كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىۋىتىش تازا ئاقلانىلىك ئەمەسمۇ قانداق؟
بۇ تېمىدا ھېچكىم ھېچكىمنى غاجىغىنى يوق، شۇنداق بىر مۇنازىرە بولۇپ كەتسىلا غاجىغان بولمايدۇ، مۇنازىرە قانداق ئەھۋالدا كېلىپ چىقىدۇ؟ دەل بىر ئىشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ، ئىككى تەرەپ مۇنازىرە ئىلىپ بارىدۇ. مۇنازىرە بولمىسا مۇنبەر ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ ھەر ۋاقىت بولۇپ تۇرۇشى بەلكىم سىز ياكى مەن بىلمەيدىغان بىلىملەرنى بىزگە بىلدۈرىشى مومكىن! شۇڭا ھەرقانداق بىر مۇنازىرە بولسا سوغۇققان بولساق، كېسىپ ھۆكۈم چىقىرۋەتمىسەك! بولمىسا مۇشۇنداق مۇنبەرداشلارنى ئىنكاسىڭىزدىن نەقىل ئىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىسىز! قانداق دىمىدىم، سىڭلىم!
ئاخىرىدا سىزنىڭ مەرت، كەسكىن، ئوغۇل بالىدەك ئىش بىجىردىغان، تۇرگۈن قىز ئىكەنلىكىڭىڭىزگە كۆز يۇممايدىغانلىقىمنى ھەم شۇ خارەكتىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! سىزنىڭ ئاتتىن چۈشسىڭىزمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان مىجەزىڭىز بىلەن قانداق ئىنكاس قايتۇردىغانلىقىڭىزمۇ ھەم ماڭا ئايان! ئامان بولۇڭ!