بىزنىڭ ئۆيدىكى شاكىچىكلەر چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ.بىر ئوقۇتقۇچىسى پات-پات چۈشلۈك تاپشۇرۇق بېرىدىكەن.
تېما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.مەن ۋە مېنىڭ پارتىدېشىم تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغانلاردىن ئىدۇق.مەن چالا بولسىمۇ ئىشلەپ قوياتتىم،ئۇ كۆپىنچە چورتلا ئىشلىمەيتى.رەھمەتلىكنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەيتى.دەرىسنى بىر ئاڭلاپلا چۈشىنىۋالاتتى،گەرچە كۆپىنچە نەزەرىيەلىرىنى يادلاپ بېرەلمىسىمۇ،مەسىلىلەرنى يېشىشتە پەقەت قىينالمايتى.باشتىن-ئاخىر سىنىپىمىزدا ئالدىنقى بەشىنىڭ ئىچىدە تۇراتتى.ئىككىمىز دائىم تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەچكە تولا تەنقىدلىنەتتۇق،تۇرغۇزۇلۇپ قويۇلاتتۇق ھەتتا ھەپتە-ھەپتىلەپ تازىلىق قىلىپ جازالىناتتۇق.كېيىن سېنىپ مەسئۇلىمىز ئىككىمىزنى ئايرىۋەتتى.كېيىن تويۇقسىز ۋەقەدە قازا قىلىپ كەتتى.ھازىرغىچە پات-پات چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ.
تاپشۇرۇقنى كۆپ ئىشلەپ بەرسە ياخشى دەپ قارىمايمەن.مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تاپشۇرۇق ئىشلىمەيتىم،لېكىن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم.تاپشۇرۇقنى تاشلاپ قويۇپ كۈتۈپخانا ياكى كىتابخانىلارغا كىرىۋالاتتىم.ئاتا-ئانام مېنى دېمكوراتىك ئۇسۇلدا تەربىيلىگەن،تاپشۇرۇق ئىشلە دەپ دىكتاتۇرا يۈرگۈزمەيتى،ياكى كۆزۈمگە كىرىۋالمايتى.تاپشۇرۇققا زايا قىلمىغان ۋاقىتلىرىمنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلاتتىم.ھازىرغىچە «تاپشۇرۇق»ئىشلىمەيمەن.
تاپشۇرۇققا ۋاقتىمنى ئارتۇقچە زايا قىلمىغاچقا نەتىجەم ياخشى بولغان دەپ قارايمەن.
بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرمەيمەن.ئۇلارمۇ ئەسلى شۇ بالىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ،لېكىن شۇلارمۇ شۇنداق كۆپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ چوڭ بولغاچقا،بۇ بالىلارغىمۇ ئۆزى كۆنگەن تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا كېرەك؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shakira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 09:39 AM