nap~rat يوللىغان ۋاقتى 2012-10-12 03:12 AM
ئىنشا ئاللا ~ ئامىركا ، تۈركىيە ، دۇبەي دىسە : بىر باراي ...
بۇرادەر دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق .
ئەمما قىمارخانا ئېچىپ، ئويناپ ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەپ يانچۇقنى تومپايتىپ
ئاتاققا ھاجى بولغاندىن ، چىن نىيەتتىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئوقۇغان ئىككى رەكئەت
ناماز ئەۋزەلدۇر . ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر .
ئۆي ئىچى ،ئۇرۇق ـ تۇققان ، قۇشنا ، مەھەللىلەردە ئۆيلىنەلمىگەن ئوغۇل ، ياتلىق
قىلىنمىغان قىز ، مۇھتاجلىق ، نامراتلىق تۈپەيلىدىن قىينچىلىققا قالغان قېرىنداشلىرىغا
باشپاناھ بولۇشتىن يالتىيىپ ، ساۋاپلىق ئىزدەپ مەككىنى تاۋاپ قىلغان بىكار .
مەككە بىزنىڭ يېنىمىزدا ، كۆز ئالدىمىزدا بولۇشىمۇ مۇمكىن . ھەممىسى ئاللاھنىڭ
زىمىنى... مۇھىمى : شەكىلدە ئەمەس ، قەلىب ـ نىيەتتىن خۇدا ئۈچۈن ياشىيالىساق
خۇدا ياراتقان كىشىلەرگە مىھرىبانلىق كۆرسىتىپ سۆيەلىسەك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-13 09:55 AM