musab001 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 06:06 PM
تورداش ئەمسە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار قىزلىرىنى كۈنلىسە جەم ...
لىكىن ، مېنىڭ ئائىلە جەمەتىم ، ئۇرۇق ـ تۇققانلىرىم ئىچىدە يالاڭباش
يالاڭپاچاق يۈرىيدىغان ئاياللار يوق .
ئاياللىرىڭىزنى كۈنلىسىڭىز بۇ ئىنكاسنى يازماستىڭىز دەڭ ! ؟ پەقەت سىزلا
كۈنلەيدىكەنسىزدە ؟ مېنىڭ تېخى خاتۇنۇم يوق . ياتلىق قىلىنمىغان
ھەمشىرلىرىڭىز بولسا سايە قىلىڭە ! شۇ ۋاقىتتا قانداقلىقىمنى بىلىسىز ؟
ئابلەتنىڭ ناخشا كىچىلىكىدىكى يالاڭپاچاق خېنىملارنى كۆردىڭىزمۇ ؟
مىللەتنىڭ روھىنى ئورغۇتقۇچى ، مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان سەنئەتكارلار
مودىللىرىنى جالاپ خۇتۇندەك ياساپ ، مەتبۇئاتلاردا : مىللەت ، ئۆزلۈك
ھەقىقەت ، ئەخلاق توغرىسىدا ۋەز ئېيتىپ يۈرىيدىغانلار پەستە چاۋاك
چىلىپ ئولتۇرسا ئاياللىرى شۇنداق بولماي نىمە بولاتتى ؟
لىكىن ، مەن ئۆزۈم ئۆزگەرتىشكە قادىر بولمىغان ئىشلار ، كۇچا پاراڭلىرى
ئۈچۈن كاللا ئۇپرىتىپ يۈرمەيمەن . خۇتۇن ـ قىزىمنى ياخشى باشقۇرسام
بولدى . توردا ۋەزخانلىق قىلىش ئاسان ، ئەمما كوچىدا كېتىۋاتقان يالاڭپاچاق
خېنىملارغا ھەقنى تونۇتۇپ ئۆزگەرتىش قىيىن . ھېچقايسىمىز ئۇلارغا چىش يېرىپ
بىر نېمە دېيەلمەيمىز . قولمىزدىن كېلىدىغىنى قاقشاش ۋە غەيۋەت...
سىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسىل پەزىلىتى ، مىھرىبانلىقى ، كەڭ قۇرساق ، ئەپۇچانلىقىدىن
تەسىرلىنىپ دىنغا كىرگەن كاپىرلار توغرۇلۇق ھەدىسلەرنى ئاڭلىمىغانمۇ ؟
مىنى ھاقارەتلەپ ، ئۆزىڭىزنىڭ تېخى ئىلىمدە چولتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ
قويۇپسىز ؟
مەن يېقىندا مۇنداق ئىككى ئىشقا يولۇقتۇم .
بىر كۈنى كېتىۋىتىپ ، بىر مەسىتنىڭ كۇچىدا قۇسۇق ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆردۈم .
نۇرغۇن كىشىلەر ئولىشىۋالغان ئىكەن . بەزىلەر ئۆلسەڭ بولمامدۇ ؟ كۇچىدا مەسىت
بولۇپ ياتقۇچە دەپ قارغاۋاتتى . ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قەلبىدە ئىنسانىي مىھىر تېپىلمايتتى .
ئۆز قېرىندىشىغا ئۆلۈم تىلەۋاتاتتى . ئۇنىڭغا ھەقنى تۇنۇتالمايتتى . شۇ ئارىدا ئۆلىما
سۈپەت ، ساقال قويۇۋالغان پاكىز بىر كىشى كىلىپ مەسىتنى يۈلەپ تۇرغۇزدى .
مەسىت كىشى خېلى ئېغىر يارىدار بولۇپ بېشىدىن قان ئېقىۋاتاتتى .
ئۇ كىشى 120 غا تېلفۇن ئۇرۇپ مەسىتنى دوختۇرغا ئېلىپ كەتتتى . باشقىلاردىن
ئاڭلىسام ،ئۇ كىشى ئىلگىرى بىر مەسچىتتە ئىمام بولغان ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ مائاشىنى
يەپ ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇقى بۇيىنچە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى راۋا كۆرمەي ، ئېماملىقتىن
ئىستىپا بەرگەن ئىكەن . ئۇ كىشى خۇدانىڭ ياراتقان بەندىللىرىگە مىھرىبانلىق
قىلىشتەك سۆيگۈسى بىلەن قەلبىمدىكى ھۆرمىتىمنى ئاشۇردى .
يەنە مۇنداق بىر ئىش مىنى ئويلاندۇردى . بىر قېتىم جۈمە ئوقۇماقچى بولۇپ بىر
ناھيەدىكى مەسچىتكە كىردۇق . ئەمما ، ناماز باشلىناي دېگەندە ئىمام نەچچە
دوپپا كىيمىگەن ياشلارنى ھاقارەتلەپ ، دوپپا كىيمىسەڭ ناماز ئوقۇما ! مەسچىتتىن
چىق دەپ قوغلاپ چىقاردى . ئەمما ، قايسى<< ھەدىس ، ئايەتتە >> ئەرلەرنىڭ
بېشىغا نەرسە كېيىپ ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق يوليۇرۇق بېرىلگەنلىكى توغرىسدا بىر نەرسە
دەپ بېرەلمدى.
مەنمۇ شۇ قاتاردا جۈمە نامزىدىن مەھرۇم بولۇپ قايتىپ چىقتىم .
قاراڭ ، ئارىمىزدىكى ئىككى ۋاراق << قۇرئان >> نى يادقا ئېلىۋالسا ، بىرەر ئەرەب
دۆلىتىگە بېرىپ كەلسە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ، دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى ، ھەقىقەتنى
تۇنۇتۇپ بېرەلمەي ۋەزخانلىق قىلىشتىن ، تەنقىد ، كەمسىتىش ، ھاقارەتتىن باشقىنى
بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ياقتۇمايدۇ . ھېلىمۇ خەلقىمىز پوشكالچى موللىلارنىڭ
دەردىنى ئاز تارتىمىدى . بىز ئۆز ۋەتننى سۆيىدىغان ، خەلىقى سۆيىدىغان ، ئەلگە
ھەقىقەت ، پەزىلەت ، ئەخلاقنى تۇنۇتۇپ ، ئېلھام ، .ئېتىقاد ئاتا قىلالايدىغان يولباشچى
بىلىملىك كىشىلەرگە مۇھتاج .
تەنقىدلىگەندىن ، كەمسىتىپ ، قاقشىغاندىن سۆيگەن ئەلا ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-13 10:59 PM