nap~rat يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 10:49 PM
دوستۇم ، سىز زادى نىمە دىمەكچى ؟ مەخسىتىڭىزنى چۈشەنمە ...
ئاق نى قارا دېگەن يېرىڭىز قېرىندىشىم، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ئەرەپ ئىمپىرىيە قۇرغان دېدىڭىز،مۇسۇلمانلار ھەرگىز ئىمپىرىيە قۇرغان ئەمەس، قۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام خەلىپىلكى، 73-جى قەۋەت ئىنكاسىڭىزغا بىر قاراپ باققايسىز، ئىسلام خەلىپىلكىنى، ئىسلام خەلىپىلكى دەپسىزمۇ ياكى ئەرەب ئىمپىرىيسى دەپسىزمۇ، ئەرەب ئىمپىرىيسى دىيىشتىن نېمە مەقسىتىڭىز بار؟
ئوبامنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە نېمە ئىسپاتىڭىز بار ئەمسە؟ ئەگەر ئىشەنمىسىڭز، ئىنگىلىزچە بىلسىڭز گوگولدىن ئىئزدەپ بېقىڭ مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ؟ ئىنجىلنى تۇتۇپ قەسەپ بەرگەن تۇرسا يەنە مۇسۇلمان دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، لېكىن شۇنى ئەسكەرتپ قوياي قېرىندىشىم: ئىسلامنىڭ بىر پىرىنسىپى بار: كىمكى مۇشرىكلارنى كاپىر دېمىسە ياكى ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكدە شەك قىلسا، ياكى ئۇلارنىڭ مەزھىپىنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلسا كاپىر بولىدۇ دەپ، مەن بىرسىنىڭ كاپىر ياكى مۇسۇلمان ئېكەنلىكنى بىلمەيمە ئەمما ئۆزى مەن كاپىر دېسە ياكى كاپىر نىڭ دىنىغا ئەگەشسە ئۇ چاغدا دىنىم مىنى ئۇنى كاپىر دىيىشكە بۇيرۇيدۇ،
قېرىندىشىم سىز مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنمەپسىز، مەن بۇ يەردە ئەرەپنى ماختىمىدىم،ياكى سەئۇدىنى ماختىمىدىم مېنىڭ ماختىغىنىم ئېتىقادى كۈچلۈك مۇسۇلمانلار! ھەرگىزمۇ ئەرەپنى ماختايدىغان ئىش يوق، ئەرەپ كاپىر بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز،خەنزۇ مۇسۇلمان بىزنىڭ قېرىندىشىمىز،مەن ئەزەلدىن سەئۇدى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش پادىشاھلىقىنى ياختۇرمايمەن،مېنىڭ بۇ يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشۈمىدىكى چوڭ سەۋەپ بۇيەردە ئاللاھ غا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان مەككە مەدىنە بار،ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن،دىن ھەم مۇشۇ زېمىندىن پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان،
ۋەتىنىڭىزنى ماختاپ بەرسڭز بولاتتى دەپسىز: يەر شارىنىڭ جىمى يېرى ئاللاھنىڭ زېمىنى، ئاللاھ قۇرئاننىڭ 35جى سۈرىسىنىڭ 39جى ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇباسارلار قىلدى، ئەمما ۋەتەننىمۇ سۆيۈمىز،مېنى ۋەتەننى سۆيمىدى دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭىز بار؟جىنىم قېرىندىشىم بۇيەرگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ھەرخىل مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىلىم ئېلىپ قايتىپ يەنە شۇ ۋەتىنىگە ئىلىم ئىرپان چىرىغىنى يېقىش، ۋەتەننىڭ دىن ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بۇيەردىكى مۇسۇلمانلار بىزلەرگە ھەرگىز مۇھتاج ئەمەس، بۇلاردا دىننى ئالىملار ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ،مەن ئەرەپنى چوڭ بىلمەيمە،ئەمما شۇ ئەرەپ بولسۇن،مەيلى قايسى مىلەەتتىن بولسۇن مۇسۇنمانلام بولىدىكەن ئۇنى چوڭ بىلىمەن، ئەرەپ بولدى دېمەك مۇسۇلمان بولدى دېگەنلىك ئەمەس، ئەرەپ پەقەت بىر مىللەتنىڭ ئىسمى خالاس، دىنغا ۋەكىللىلك قىلالمايدۇ،سىز بىر يولداشنىڭ ئەرەپلەرنى چوڭ بىلگىنى ئۈچۈن مېنى ئەرەپ لەرنى چوڭ بىلگەن قاتارىغا چىقىرىۋەتسىڭىز بولمايدۇ،
سىزگە ئاخرىدا سەمىمى ئەسكەرتىدىغىنىم ئەسەر نى قايتا بىر ئويلۇنۇپ ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، بىز ئىنسان نۇقساندىن خالى ئەمەس،نۇقساندىن خالى بولغۇچى پەقەت بىر يېگانە،تەڭداشسىز،ئاللاھدۇر،