sabri@ يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 11:50 AM
«ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرىيدىغان،نامازخان ئايالدىن، ...
ئۇ مېنىڭ سەپسەتەم بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ئۆزلىرى مەككە ـ مەدىنىڭ ئىسلام ئالىمدەك
تەپەككۇر قىلدىكەنلا ؟ مەن پەقەت سىزنىڭ دېپىڭىزغا ئۇسۇل ئوينىماي ئۆزۈمنىڭ
ئويلىغىننى دېگەنلىكىم ئۈچۈن ئاشپەزدەك پىكىر قىلامدىكەنمەن ؟
ئاشپەز بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ئاشپەز ئادەم ئەمەسمىكەن ؟ سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزدىن
مەنمەنچىلىك ، تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىكەن . مەيلى قانداق ئادەم بولسۇن
بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ۋە بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى ئاددى كىشىلەرگە قىلغان
مۇئامىلسىدىن بىلگىلى بولىدۇ .
ھەئە ، مەن تۇرىۋاتقان يەردە سىز دېگەندەك يالاڭباش ، يالاڭپاچاق ئاياللارنى كۈندە
ئۇچرىتىپ تۇرىمەن . ئەمما ، مەن ئۆزۈم ئۆزگەرتىشكە قادىر بولمىغان ، ئەرزىمەس
كۇچا خەۋەرلىرى ئۈچۈن زىھىن ئۇپرىتىپ يۈرمەيمەن . ئايالىمنى ، قىزىمنى قانداق
باشقۇرۇش ... شۇڭا ماڭا ، كوچىدىكى يالاڭ پاچاق خېنىملارنىڭ باشقۇرمىغان
ئەرلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بەرمەڭ ! قولىڭىزدىن كەلسە ؛
ماڭا ۋەزخانلىق قىلماي ئاشۇنداق ئايالدىن بىرىگە ھەقنى تونۇتۇپ ، توغرا يولغا
باشلاپ قويۇڭ ! مىڭ ئېغىز گەپتىن ، بىر قېتىملىق كىچىككىنە ئەمەلىي ئىش ئەلا !
دۇنيادا مەيلى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان پادىشاھ بولسۇن ، باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشتا
مۇنداق ئىككى خىل تەدبىرگە تايانغان . بىرى : مەجبۇرلۇق ، ھوقۇق ، قۇرال كۈچى
ئارقىلىق باشقىلارنى بويسۇندۇرغان . يەنە بىرى : مىھىر ـ مۇھەببەت ، سۆيگۈ ، ئېسىل
پەزىلىتى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق نۇپۇز تىكلەپ كىشىلەرنى
ئۆزئىخىتيارلىقى بىلەن ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانغا ، بىر مەقسەتتە يېتىشكە يىتەكلىگەن .
بۇ ئىشلارنى جەمىيئەتتىكى كىشىلەرگە تەدبىقلىغاندا ، چۇقۇم بىزدە ئىككىسىنىڭ بىرى
بولۇشى كېرەك ! قۇرۇق غەيۋەت ، تەنقىد ، ئا مانداق ، بۇ بۇنداقكەن دەپ
مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-14 01:04 PM