nazaratqi يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 11:56 AM
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگ ...
ھازىرمۇسۇلمانلارجامائەسىنڭ رىئال ھاياتىغاقارايدىغان بولساق ئىسلام-ئەقىدىلىرىگە،ئىبادەتلىرىگە،ئەھلى،ئىسلامنىڭ،ئۆرۈپ-ئادەت،قايدەيۇسۇنلىرىغا «دىن» نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت،خۇراپتلارنى كۆرىمىز،كىشىلەرئويدۇرۇپ شەرىئەتكەتاڭغان بۇبىدئەتلەرئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئازدۇرۇپ تۇرمۇش يوللىرىنى بارغانچەتارايتىپ قويدى.
ئەسلىدە ئاللاھنىڭ دىنى سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان نەرسەئىدى. ئەسلىدەئۇ ھېچكىمنى بىئارام قىلمايتى. خۇددى سۇ ۋە ھاۋا ھېچكىمگە، ھەتتا ھېچبىر جانلىق ۋە ھېچقانداق ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزمىگەندەك. بەلكىدە سۇ ۋە ھاۋا ھەر نەرسە ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ئىدى.ناھايىتى ئەپسۇس! كىشىلەرئويدۇرۇپ شەرىئەتكەتاڭغان بۇبىدئەتلەرئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۆزى ياشاۋااتقان جايلاردادىققەت قىلىنىدىغان ئادەم قىلىپ قويدى.
يۇقارقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنى دىققەت قىلىپ كۈزەتسەك دىيارىمىزدە ئىككى تۈرلۈك ئىسلام ۋە ئىككى تۈرلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ پەيدابولغانلىغىنى ھىس قىلىمىز ؛ بىرى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەر يەتكۈزگەن، ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىسلام. بۇ ئىسلام پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ ۋە مۇكەممەل قىلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىسلامدا كەمچىلىك يوق، چالا قالغان بىرەر مەسىلىمۇ يوق. بۇ ئىسلام قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىرىنچى تۈرلۈك مۇسۇلمان مانا مۇشۇ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىدۇر. بۇنداق مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى تولۇق يەتكۈزگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا «ئىسلام» دېيىلسە، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئەنە شۇ ئىسلام كېلىدۇ.
ئىككىنچى تۈرلۈك ئىسلام بولسا، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان «ئىسلام» دۇر. بۇ «ئىسلام» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئويدۇرما ئىسلامدۇر. بۇ ئىسلامدا ھالال، ھارام، پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب… لەر «ئۇلۇغلار»، «كاتتا زاتلار» ۋە «چوڭ ئۆلىمالار» تەرەىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قۇرئان -ھەدىستا ئاساسى يوق ھالال-ھاراملار، قۇرئان-ھەدىستا ئاساسى يوق ئىبادەت شەكىللىرى مانا مۇشۇ ئويدۇرما «ئىسلام» نىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.
بۇ ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئۆز ئىسلامىنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقى ئىنكار قىلىدۇ. بۇلار قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ يامان كۆزقارىشى شۇكى، ئۇلار «قۇرئان-ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
بۇ ئىككى ئىسلامنىڭ ئېتىقادچىلىرىنىڭ پەرقى تۆۋەندىچە:
-1ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى دىنى بىر مەسىلە توغرىسىدا: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇنداق دېگەن» دەيدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى: «پالالنى زات مۇنداق دەپتىكەن، پۇستانى ئۆلىما مۇنداق قىپتىكەن» دەيدۇ.لېكىن ئۇلار ئۆلگەن چېغىمىزدائاللاھ تائالانىڭ بىزدىن پالالنى زاتقا ياكى پۇستانى ئۆلىماغائۈممەت بولغانمۇدىمەستىن بەلكى مۇھەممەدكەئۈممەت بولغانمۇدەپ سورايدىغانلىغىنى ھىچ بىرئويلىمايدۇ؟
2-ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى قۇرئان-ھەدىسنى بىرلىكتە ئاساس قىلىدۇ ۋە مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،ھەتتامۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن چوشقاگۈشىنى يىيىشكە،كىيىم-كېچەكلەرنى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قىياپىتىدەكىيىنىپ يۈرۈشكە،چارىسىزقالغان مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلارنى ئۆزۋاختىداخالىغان بىرقىياپەتتەئوقۇشقا قوشۇلىدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي سۇلتانلىرىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى بىلەن يېزىلغان كىتابلارغا (قۇرئان-ھەدىسكە زىت كەلسىمۇ) «چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ».شۇسەۋەپلىك ئويدۇرما«دىنغا»ئىشەنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش يولى كۈندىن-كۈنگەتارىيىپ كېتىپ بارىدۇ.
3-ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭمۇسۇلمانلىرى قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنى ئاللاھقا بەندە، پەيغەمبەرگە ئۈممەت بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى تارىخ بويىچە دىنغا ئۆزى چاغلىشىپ پەتىۋا بېرىشكەن «ئۇلۇغ زاتلار» نىڭ كۆزقاراشلىرىنى «تەبلىغ» قىلىشىپ ئىنسانلارنى شەيتانغا بەندە، شۇ ئۇلۇغ زاتلارغا مۇرىت بولۇشقا چاقىرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barisjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 12:22 PM