بەگزات يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 12:52 PM
سىزگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. قۇرئاندا دېيىلگە ...
ھاراملىقتا يەنە مۇنداق ئىككى نەرسە ئاساس قىلىنىدۇ؛ بىرى زەھەرلىك بولۇش يەنى بىرى زىيانلىق بولۇش. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بولسا، ئۇ نەرسىلەر ھارام ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29)،
«ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 – ئايەت) دەيدۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدۇ» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ)،
«زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ، زىيان تارتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ).
مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن زىيانلىق ۋە زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭمۇ ھاراملىقى چىقىدۇ.