مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barisjan

ئىسلام دىنىدىن دۇردانىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barisjan يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 01:19 PM
مەن سىزگەقانچەقېتىم دىدىم ،دىننى ئىشلاردائايەت ھەدس ...

قېرىندىشىم، ھە دېسىلاقۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەرنى چىشلەپ تارتمىسىڭىز قانداق. ئاللاھ خالىسا ھەم سىزگە كېرەك بولسا ئايەت ھەم ھەدىسلەردە ئېنىق دەلىل بار مەسلىلەرگە قارىتا ئايەت ھەم ھەدىسلەردىنمۇ دەلىل كەلتۈرەلەيمە. يەنە كېرەك بولسا بويىڭىز بىلەن تەڭ كەلگۈدەك تەپسىرلەردىنمۇ مىسال كەلتۈرۈپ بېرىمەن. (ئەپسۇسكى سىز تەپسىرگە ئەمەس، تەرجىمىگە ئىشىنىدىكەنسىز ئەمەسمۇ).  لېكىن سىز مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر نەچچە ئاددىي مەسلىلەرگە ئايەت ھەم ھەدىسلەردىن ئۆمۈر بويى ئىزدىسىڭىزمۇ ئېنىق دەلىل كەلتۈرەلمەيسىز. بۇ يەردە ئايەت ھەم ھەدىسلەر ئۈستىدە دە تالش بولمايۋاتىدۇ شۇنىڭدەك سىزنى بىر كامىل مۇسۇلمان دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن ھەم  سىزنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى باشلىغان يولغا چىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلغىنىم ئۈچۈن  مۇقەددەس ئىبارىلەرنى ئالدىڭىزغا تاشلىغۇم كەلمىدى.
    سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزدا ئايەت ھەم ھەدىسلەر ئېنىق، تولىمۇ جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ لەفزى يازغانلىرىڭىزدا تولۇق ئىپادىسىنى تاپقان. شۇڭا سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى خاتا دېيىشكە پىتىنالمايمەن. پەقەت تەھلىلىڭىزدە نۇقسان بار دەپ قارايمەن. لېكىن سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىز ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمە مەنىسى خالاس. ئۇنى تەپسىرلەپ ئىزىپ چۈشەندۈرۈش سىز كۆزگە ئىلمايۋاتتقان ئىبنى كەسىر، ئىبنى تەيمىيە، شۇنداقلا تارىختىن بۇيان ئاللاھ ئېلىم بەرگەن، سەھىھ ھەدىسلەردە «ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دەپ سۈپەتلەنگەن دىنى ئۆلىمالاردۇر. ئاللاھ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى، شۇ ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلسۇن دەپ بەزى كىشىلەرگە ئېلىم بەرگەن شۇلار ئاللاھ بەرگەن ئېلىم بىلەن ئايەتلەرنى تەپسىرلەيدۇ، ھەدىسلەرنى شەرھلەيدۇ. ئايەت ھەم ھەدىسلەردە ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن مەسىلىلەرگە قارىتا يەنە ئاللاھ ئېلىم بەگەن فىقھىلەر شەرئىي ھۆكۈملەرنى بەرپا قىلىدۇ.
       ئەگەر خاتا دەپ تاشلىغان بولسام ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 02:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ تېمىدىكى 10 -پەتىۋانىڭ ئالدىنقى جۈملىسى خاتا شۇنىڭدەك تولۇق ئەمەس، چۈنكى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئەمەل پەقەت بۇ ئىككىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ پەتىۋائەمەل قىلىشقا يارىمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 02:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:32:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشىنىڭ شەرتلىرى نىمە؟

جاۋاپ:نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇكى:نىكاھىدا بىردىن ئارتۇق خوتۇن ساقلىغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەرتتلەرنى ھازىرلىشى زۆرۆردۇر. مەسىلەن:1- چوقۇم ۋەلىلىرى قولشۇلغان بولىشى كېرەك.چۈنكى قىز/ئايالنىڭ ۋەلىيىسى (دادىسى، دادىسى بولمىسا قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرى بولمىسا تاغىلىرى)قوشۇلمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ.بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/662- ھەممىسىگە چوقۇم ئادىل  مۇئامىلە  قىلىشى كېرەك.بۇنىڭ  ئۈچۈن  ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش ئۆي تۇتۇپ بېرىشى، يېمەك -ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى ئوخشاش قىلىپ بېرىشى، ھەر   بىرىنىڭ يېنىدا  تۇرغان مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.شۇندىلائادىل بولۇشى كرەك دىگەن سۆز ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. 3- بۇ  زاتنىڭ بىردىن  ئارتۇق  خوتۇنىنىڭ   بارلىقىنى  پۈتۈن   يۇرت مەھەللىنىڭ بىلىشى شەرتتۇر!!!يەنى بىرىنچى خوتۇنىنى قانداق ناغرا-سۇناي چېلىپ، ئەل- يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئالغان بولسا، ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ شۇنداق ناغرا سۇناي چېلىپ ئەل-يۇرت ئالدىدا توي قىلىپ ئېلىشى شەرتتۇر!!!4- نىكاھنىڭ ئائىلە قۇرۇش، بالا-چاقا تېرىش ۋە نەۋرە –چەۋرە كۆرۈش نىيىتى بىلەن بولۇشى شەرتتۇر!!!نىكاھدا مانا مۇشۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنسا غوجام خوتۇن ئالغان بولىدۇ، خېنىم ئەرگە تەگكەن بولىدۇ!!! سىز مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياشاۋاتقان رايونىڭىزنىڭ ئىش بېشىدا بولغانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىدىن كېرەكلىك رەسمىيەتنى بېجىرمەي تۇرۇپ ئىشقا ئاشۇرالامسىز؟؟؟ ئەلجاۋاب: ئاشۇرالمايسىز، شۇنداققۇ!!!سىز ياشاۋاتقان رايوندا سىزنى باشقۇرۇۋاتلارنىڭ ئاساسى قانۇنىدا قوش نىكاھلانغانلارغا مەلۇم مۇددەت قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. سىز مۇشۇنداق بىر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان بىر دۆلەتتە ئىككىنچى خوتۇنىڭىزنى ناغرا- سۇناي چېلىپ، ئەل-جامائەتنى چاقىرىپ توي قىلىپ ئالالامسىز؟! ئەلجاۋاب: ئالالمايسىز، شۇنداققۇ!!!دېمەك، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى خوتۇنلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئىش بېشىدىكىلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر رايونغا يۆتكىلىپ بېرىپ شۇ يەرگە يەرلىشىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، بىرىگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرىشىڭىز كېرەك.سىز يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاللاھ سىزنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان ئەقىلنى نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە كىچىككىنە بولسىمۇ ئىشلىتىپ بەرسىڭىز ھەيران قالمايسىز.بەزى ئىمانى جۆندەك، ئېتىقادى سۇس، شەيتانغا بەندە، نەپسىگە قۇل بولغان، لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان ئەخمەقلەر، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ۋە ياكى تۆتىنچى خوتۇنلىرىنى ئالىدىغان چاغلىرىدا: «توي خېتى ئېلىش كاپىرلارغا بويسۇنغانلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز توي خېتى ئالمايمىز. دىنىمىزنىڭ قانۇنى بويىچە نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئولتۇرۇۋېرىمىز» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە ساددا كىشىلەرنى ئالدايدۇ.بۇنداقلارغا بىرقانچە سوئال:1-سىز ياشاۋاتقان رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن توي قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ يەنى توي خېتى ئالماستىن نىكاھلانغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ قايسىسىنى ئورۇندىيالايسىز؟ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسى، قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ رەسمىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟2- نىكاھنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرىدىن بىرىگە رىئايە قىلىنمىسا نىكاھ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئۇنداقتا سىز سىزنى باشقۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنىدىن رەسمىيەت ئالماي توي قىلسىىڭىز ئۇ شەرتلەرگە تولۇق رىئايە قىلالامسىز؟؟؟ 3- ئەجەبا ، ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا كاپىرنىڭ رەسمىيىتىنى ئالساق بولمايدۇ، دېگۈچىلەر بىرىنچى خوتۇنىنى كىمنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئالغان بولغىيدى؟ يانچۇقىدىكى كىملىك كارتىسى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ھاكازالارنى بېجىرگەندە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى خوتۇن ئالىدىغاندا تۇتۇۋالغان «تەقۋالىق غۇرۇرى» تېخى «پىشىپ يېتىلمىگەن» بولغىيمىدى؟4- بىر كىشىنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى ياكى بىر ھەمشىرىسى بولسا، خوتۇنى بار، بىرقانچە بالىسىمۇ بار، 30، 40 ياش ئەتراپىدا بىر «تاشچى ھاجىم» قىزلىرىنى ياكى ھەمشىرىلىرىنى ماڭا ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بەرسىلەر، مەخپىي ئالىمەن، خوتۇن-بالىلىرىم ئۇقمايدۇ، دەپ خېرىدار بولۇپ كەلسە، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ئەقىل-ھوشى جايىدا بولسا، پىترىتى بۇزۇلمىغان بولسا ۋە پۇلنىڭ بەندىسى بولۇپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ تەكلىپكە ماقۇل دەرمۇ؟؟؟ئەلجاۋاب: ئەسلا ماقۇل دېمەيدۇ. دېمەككى، بۇ ئىشنى ئەقىل ئىنكار قىلىدۇ، ۋىجدان قوبۇل قىلمايدۇ، ئىنسانىي زوق تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاڭ ئۇ ئىشتىن  يىرگىنىدۇ، پىترەت نەپرەت قىلىدۇ. 5- ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشتا «بىز كاپىرغا ئىتائەت قىلمايمىز» دەيدىغان «مۇجاھىد» لار نېمىشقا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن شۇ كاپىرنىڭ پاسپورتىنى ئېلىشقا ئۇنچىۋالا كۈچ چىقىرىدۇ؟؟؟ نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كۇنسۇلدىن ۋىزا ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار بەلگىلىگەن ماكاندا، ئىنسانلار بەلگىلىگەن زاماندا، ئىنسانلار ياسىغان قانتاش ۋاسىتىلىرىغا چىقىپ مەككىگە بارىدۇ. نېمىشقا ئۆيىدىن چىقىپلا خۇسۇسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇللا ھەرەم تەرەپكە ماڭمايدۇ؟دېمەك، ئۇنداقلار ئىسلامنى ھايۋان نەپسىنى قاندۇرۇش، ئىناۋەت ۋە ئېتىبارىنى يۈكسەلدۈرۈش، يۈز-ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش… ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئىككىلىسى ئوخشاش پەرزغۇ!خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنداقلارنىڭ پېقىر-مىسكىنلەرگە، مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا، دىيارىمىزدا ئىلىم- مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتۇشقا پۇل بەرگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن» پېقىر قىز-چوكانلارنى نىكاھىغا ئېلىپ قويىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنى بۇنداقلارنىڭ چۈشەنچە ۋە قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر.

[color=DarkGreen]يۇقارقىسى تېما مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى  .

بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بىرلىپتۇ  ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش لازىم .
ھەممىگە باراۋەر مۇئالىدە بولۇش ئۇچۇق - ئاشكارە بولىشى لازىم  ، يۇشۇرۇن نىكا ئوقۇتۇپ ئەر- خوتۇن بولۇش توغرا ئەمەس  .  

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

سىنى بىر كۆرسەمكەن《G》

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم... بەك ياخشى تىما يوللاپسىز قىرىندىشىم... ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كۆپلەپ بەرسۇن.... نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى بىلىۋالدىم... ئوقۇپ ئاران 33.سىگە كەلدىم... قالغىنىنى بىكار ۋاقتىمدا ئوقۇپ ئاندىن قايتا ئىنكاس يازاي....

يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىزدەشتىن ۋەباشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمىغان كىشنىڭ سۆزىنى ئوغرۇلۇقچە ئاڭلاشتىن چەكلەش توغرىسىدا

       جاۋاب:ئالاھ تائالامۇنداق دىگەن ‹موئىمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار›قۇرئان كەرىم سۈرە ھۇجۇرات12-ئايەت. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇن رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن:«گۇمانخورلۇقتىن  ساقلىنىڭلار،  گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ  ئەڭ يالغىنى،كىشلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلەر،تىڭ-تىڭلاپ،  يۈرمەڭلەر،نەپسانىيەتيچىلىكقىلماڭماڭلار،ھەسەت قىلىشماڭلار،ئادەۋەت   قىلىشماڭلار،ماي تاتىپ يۈرمەڭلەر،ئاللاھنىڭ سىلەرنى بويرىغىنى بويىچەئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدن بولۇڭلار،مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر.مۇسۇلمان مۇسۇلمانغازۇلۇم قىلمايدۇ،ئۇنى خارلىمايدۇ،كەمسىتمەيدۇ،كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگىگەيېتەرلىكتۇر.بىرمۇسۇلماننىڭ يەنەبىرمۇسۇلماننىڭ قېنىغا،ئابرويىغا،مېلىغاچېقىلىشى ھارامدۇر».1570-ھەدىس.بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.  


  

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

37 - پەتىۋادا سىز ئايەتلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ «بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، تەرەت يوللىرىدىن باشقا يەردىن چىققان قاننىڭ تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.» دەپسىز، ئايەتلەر ئۈستىدىن بۇنداق قالايمىقان ھۆكۈم چىقارسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2620
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4043
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8375 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 03:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazaratqi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-29 12:33 PM
ئۇھ، سىزنىڭ بۇ تېمىنى نىمە مەقسەتتە يوللىغىنىڭىز ئاپ ئ ...


ئەھلى سۇننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە (ۋاھابى ئەقىدىسى )دەپ گەپ يوق.
بۇ يەردە ئازراق مۇجمەللىك بار.
سىز دەۋاتقان (ۋاھابى)لار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇپراق بېشىدا قۇرئان ئوقىسا بولمايدۇدەيدۇ.
ئۆلگەن قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىش ئىشەنچىلىك ھەدىسلەردە كەلگەن .
ئۆلۈپ كەتكەن بىرىنىڭ دۇنيادىن يېتىپ تۇرىدىغان ياخشىلىقلىرىدىن (ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنىت)ەپ ھەدىستە ئېنىق كەلگەن.
دىيارىمىز دىكى ئالىملار ئىچىدە مۇستەقىل ھالدا ئۆزئالدىغا پەتىۋا چىقىرالايدىغانلىرى بەك ئاز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alafasy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 03:22 PM  


ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 03:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنە شۇ دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ رېتسېپنى ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان كېسەل ئادەمدەك، قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈن لەۋزىنىلا ئوقۇپ كەلگەن.نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەئالانىڭ، قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمىتىدىن مەھرۇم قالغان.
......

     ماۋۇ قاراشلىرىڭىز راستىنلا چەكتىن ئېشىپ كېتىپتۇ. خۇددى مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالدى دېگەن مەنا چىقىپ قاپتۇ. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ھېچقاچان ئۆز رەھمىتىنى ئاياپ قويمىغان.
«سەھىھىۇلۇخارى»  2- كىتاب، 1815،-1816-، 1817-، -1818-،1819-،1820-، 1821 -1825-، 1826 - ھەدىسلىرىدە قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق تەرزدە مۇكاپاتلارغا مۇشەررەپ بولۇدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، 1818 - ھەدىستە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، سېلەرنىڭ پازىلراقىڭلار قۇرئان ئۆگەنگۈچىلەر ۋە ئۆگەتكۈچىلەردۇر» دېگىنىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 03:27 PM  


نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15232
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3258 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 03:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، اللە بىزلەرنى اللەنىڭ كىتابىغا بويسۇندىغان، رەسۇلۇللاھقائەگىشىدىغان  مۆئمىنلەردىن قىلسۇن ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 03:43:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
71 - پەتىۋادا بىر تەرەپلىمىلىك ئېغىر، سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ئىسلام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن «ئىسلام» دەپ ئىسلامنى ئىككىگە ئاجىرتىۋاتىسىز. ھالبۇكى ئىسلام ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن تارتىپ بار ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىنىڭ تارىخىنى بىر ئەسلەپ بېقىڭ ۋە ھازىرقى تەرەققىيات بىلەن شۇ چاغدىكى تەرەققىياتنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئىسلام دىنىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك  بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىڭىز تولىمۇ بىمەنىلىكتۇر. دىن مۇشۇنداق تەرەققى قىلىدۇ، ئايەتلەردە كەلتۈرۈلگەندەك دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلداپ كۆيۈدۇ. ھەدىسلەردە دېيىلگەندەك سىرتتىكى ئادەم ئۆز ئۆيىدە بولۇنغان ئىشلارنى بىر نەرسىگە قاراپ تۇرۇپ بىلەلەيدۇ. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.شۇڭا دىننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئۇنداقتى،ھازىر مۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئېزىپ كەتكەچكە ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمىتىنى بەرمىدى، دەپ تولا پىتنە قىلماڭ.
    ئەمدى سىز ياقلىغان ۋاھابىيلارغا كەلسەك 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ تەشەببۇسلىرى ئاساسىدا بەرپا بولغان ھەم دىنىي ھەم سىياسىي مەزھەبتۇر. بۇ مەزھەن تۆت چوڭ فىقھى ئېقىمنىڭ بىرى بولغان ھەنبەلىيە ئېقىمىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تەشەببۇسى مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئىسلامدىن بىدئەتنى تازىلاش بولغان، كېيىن ئەرەبىستاندىكى سەئۇدىي جەمەتى بۇ مەزھەبنىڭ قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي كۈچ تەشكىللەپ ئەرەبىستاننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى ئىگىلەپ ھازىرقى سەئۇدىيە ئەرەبىستاننى قۇرۇپ چىققان.
   ۋاھابىيلارنىڭ تۇتقان يولى خاتا ئەمەس، لېكىن ۋاھابىيلاردىن ئۆگىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ «سېنىڭ خاتا، مېنىڭ توغرا» دەپ تەرغىپ قىلىشىدۇر. چۈنكى ئۇلار «سېنىڭ خاتا» دېيىش ئارقىلىق ئىتىقادتىكى ياكى ئىبادەتتىكى توغرا بىر ئۇسۇلنى خاتاغا چىقىرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-29 03:45 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش