بەگزات يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 07:30 PM
ئومۇمەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرى ...
مەن بۇ پىكىرىڭىزگە قۇشۇلالمايمەن...ھەممە ئادەم چوقۇمكى ساۋاپنى ئۈمىد قىلىش بىرگە تەپەككۇرمۇ قىلىىشى كىرەك.
ئاللاھ ئاشۇنداق ھېچقانداق پىكىر قىلمايدىغان،يا ئىلىم ئالغىلى يا ئىلىم بەرگىلى بولمايدىغان ئەگەشكۈچى«ئىت»لار ۋە يادلامچى،تېشى پال-پال ئىچى غال-غال يىلىتىزسىز ياغاچلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى [175]. ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن [176].ئەئراف
. ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ! [4]مۇنافىقۇن
مانا بۇ ئايەتلەرمۇ سىز دەۋاتقان ئاللاھ ئىلىم بەرگەن كىشلەرگە دىيلىۋاتامدۇ؟ يەنە بىرگەپ مەن ھەرگىزمۇ چۈشەنمەي ساۋاپ ئۈچۈنلا ئوقۇسا دورۇس بۇلمايدۇ ۋە ھەممە ئادەم چوقۇم ئايەتلەرنىڭ مەنسىنى چۈشىنىپ تىگىگە يىتىشى كىرەك دەپ تاقەتىسز ئەمەلگە تەكلىپ قىلىشنى ياقلىمىدىم.
چوقۇمكى ھەركىم ئۆز ئەقلىگە يارىشا تەپەككۇر قىلىشى كىرەك،چۈنكى ھەركىمنىڭ تاقىتى ئوخشىمايدۇ .ئىلىمنى بىلدۈرۈش ئاللاھىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش.