faruk063 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:35 PM
قۇش ئۇۋىسىدا كۆرگەننى قىلىدۇ، دەيدۇ كونىلار.
پەرزەنت ئ ...
‹‹خوتۇن قىلسا ئۆيگە ، ئەر قىلسا بالىغا›› دەپتىكەن كونىلار توردۇشۇم ،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس ، ئائىلە تەربىيەسىنى يالغۇز ئانىغىلا تاشلاپ بىرىش ،ياخشى ئىش ئەمەسقۇ دەيمەن .
قىسقىغىنا مىسال : ئۆزۈمنىڭ ئاڭلىغانلىرىم ، ئەمدىلا 3 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەسۇم بىربالىنىڭ قىلغان ھەركەتلىرى.
ئۇ قىزچاقنىڭ دادىسى ناھايىتى جىددى خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىش قىلىۋاتسا ،مەلۇم بىرسى كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كاج تالىشىپ قاپتۇ ، ئۇ ئىككەيلەن ۋارقىرشىپمۇ قاپتۇ ، دادىنىڭ ئاچچىقى كەلگەننى بىلگەن نارسىدە بالا، دادىسىنىڭ قويوپ قويغان تاماكىسى بىلەن چاقمىقىنى ئىلىپ دادىسى تەرەپكە قاراپ مىڭىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى بىرسى نىمە قىلىسەن دەپ سورىسا ،دادامغا ئاپىرىپ بىرىمەن ...دادم ئۈف ...ئۈف ئىتىدۇ دەپ ،دادىسىغا ئەكىلىپ بىرىپتۇ . دادىسى بولغان ئادەم بالىسىنىڭ بۇ قىلغان قىلىقىغا قاراپ ئاچچىقلاي دىسە تىخى ،خوش بولاي دىسە تىخى بالىسىغا خاپا بوپ قويوپ ،بۇندىن كىيىن مىنىڭ بۇ نەرسەمگە چىقىلغۇچى بولماڭ دەپ قويۇپلا تاماكىدىن بىر تال ئىلىپ چىكىپ ،ئاچچىقىنى ئازراق بولسىمۇ چىقىرۋاپتۇ . دىمەك دادا بولغۇچى يەنىلا قىزنىڭ ئالدىدا تاماكىسىنى پۇرقۇرتۇپ چىكىۋىرىپتۇ! بۇ تىمىدىكى سۆزلىنىۋاتقان بالا تەربىيسىگە كەلسە بالىلارنىڭ بىرىنجى ئۇستازى ئاتا - ئانا ! تاكى باللىرىمىز مەكتەپكە تۇنجى قەدەمنى تاشلىغانغا قەدەر .ئۇندىن كىيىنكىسى ئۇلارنىڭ ئوقوتقۇچىللىرى . مەكتەپكە كىردى دەپلام ئاتا - ئانا بولغۇچى باللىرىنى ئوقوتقۇچىلار تەربىيە قىلىدۇ دەپلام تاشلىۋەتسە ، ئاقىۋىتى مۇشۇ تىمىدىكى سۆزلىنىۋاتقان بىرقىسىم ناچار ،ئەخلاقسىز ئوقوغۇچىلاردەك بولوپ قالىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ئائىلە تەربىيەسى . ئاندىن كىيىن مەكتەپ تەربىيەسى . جەمىئەت تەربىيسىگە كەلسەك ،غەرىب مەدەنىيتى ئاستا - ئاستا بىزنىڭ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرۋاتىدۇ ،بۇنى بىز توسايمىز دەپمۇ توسوپ بولالمايمىز ، قىسقىغىنە مىسالى ،تاماق يىيىش ، كىيىم- كىچەك ،كىنو -فىلىملەر . غەرىبنىڭ بۇ مەدەنىيەتلىرىدىن ئۆزىمىزگە ۋە بالىلارغا ئۈلگە قىلىشمىز ئۈچۈن ،چوقوم ‹‹مىغىزنى ئىلىۋىلىپ ،شاكىلنى نىرى چۆرىۋىتىشىمىز›› كىرەك . ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام خاپا بولماڭ faruk063 ئەپەندىم .