مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: vmvdwar-uyhur

ئوقۇغۇچىلارغا نىمە بولدى !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88979
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:05:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق توغرا يولنى تېپىپ ماڭالماسلىقىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىرەك مەسۇلىيىتى بار، بەلكىم مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىنمىكىن ، ياكى قانداق ئۇسۇلدا بالا تەربىيلەشنى بىلەلمىدىمۇ ، ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلاردا ھەرخىل يامان ئىللەتلەر مەۋجۇت. بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىللىي ئەنىەنىلىمىزنى يەتكۈزىشى يېتەرلىك ئەمەس . يەھۇدىلار نېمە ئۈچۈن ئەقىللىق ؟ چۈنكى ئۇلار بالا تەربىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزچۇ؟ ياش ۋاقتىىدا ئويناپ بولالمىغاننى ئەمدى قايتىدىن ئويناۋاتىدۇ . قاتار چاي، ئۇ ئولتۇرۇش، بۇ ئۇلتۇرۇش .....  تولا ئولتۇرۇپ قاراڭلا سەمىرىپ كەتكىنىنى .  مەن ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50588
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىدە يۇقىرى بولغان ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي ساپا ھازىرلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.قاخشاش،ۋايساشلار بىلەن ھېچ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7581
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشنىڭ سەۋەپچىسى كىم؟ بۇ ئىشنى كۆپ تەرەپتىن ئويلاش كىرەك. بۇ ئىشنىڭ  ئەڭ چوڭ مەنبەسى يەنىلا ئائىلە.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 04:33 PM
ئوقوغۇچىلارغا نىمە بولدى؟

    ئوقوغۇچىلارغا سىز دىگەند ...

بۇ پىكىر ھەقىقەتەن ناھايتى ئورۇنلۇق پىكىركەن.بەزىلەر مەخسۇس كۇرس ئوقۇپلا شۇنداق ئىسىل يەرلەرگە ئورۇنلىشالىغان بىلەن،بىزدە ئۇنداق پۇرسەت يوق،تۇلۇق كۇرس ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇپ كىلىپمۇ بىكار يۇرۋاتىدۇ بىزنىڭ بالىلار.
بالىلارغا ياخشى ئوقۇڭلار دىگەن بىلەن كەلگۈسۈڭلار پارلاق دىيىشكە ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى كۆيىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8084 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا ئۇيغۇر جەمىيىتى جىددى ئويلىنىشى ناھايىتى زۆرۇر بولغان بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ . ئەسلى ئاپتۇر بۇرۇنراق ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولسا ئىدى ، بۇ تېما خېلى بۇرۇنلا روياپقا چىقار ئىكەن ،ئۈرۈمچىدە قاناتلانغان تەپەككۈرلىرىڭىزگە تەشەككۈر .مەنمۇ پىكىر بايان قىلىپ باقاي.
تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كېتىشى ،بالدۇر مۇھاببەتلىشىش ،روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ئائىلە ،مەكتەپ،جەمىيەت نوقتىسىدىن چىقىپ  ناھايىتى ياخشى تەھلىلى قىلىنىپتۇ .بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ پىكىرلەرگە قوشۇلىمەن .
ھەقىقەتەن ئائىلە تەربىيەسى  پەرزەنت تەربىيەسىدە بەكلا موھىم رول ئوينايدۇ ،ئۇ خۇددى تامنىڭ ھۇلىغا ئوخشايدۇ ،گەرچە ئائىلە تەربىيەسىدە  ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىلىملەر بەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ  بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە تۇتىدىغان سالمىغى مەكتەپ مائارىپى تەمىنلىگەن بىلىملەردىن تۆۋەن بولمايدۇ .  ئۇنىڭ ئاساسلىق تەربىيە شەكلى بىرلا ،ئۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇشتۇر . بۇ يەردىكى مەسىلە ، بىز زادى قانداق ئۈلگە بولىۋاتىمىز ؟ بۇ ئۈلگىنىڭ ئۆلچىمى نېمە ؟ بىزدە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغىدەك قانچىلىك دەسمايى بار ؟ ئۈلگە بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويسام قانداق قارايسىز ؟ بۇ مەسىلىلەر ھەربىر ئۇيغۇر ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك  تەخىرسىز مەسىلىلەردۇر .
بىزنىڭ ھازىرقى  تۇرمۇشىمىزنى 20يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا غايەت زور ياخشىلىنىش بولدى دىيىشكە بولىدۇ .ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ماددى ئىھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرۇلدى ،ئېسىل كىيىنىپ ،ئىسىل غىزالىنىپ ،ئېسىل ماشىنا ۋە  ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىدىغانلار كۆپەيدى .لىكىن مەن قاراپ باقسام، بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىدە بولغان ئۆزگىرىش ماددى ئۆزگىرىشكە قارىغاندا ئاسمان زىمىن پەرىقلەندى .ئاشۇ ئېسىللارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغىنى ،بىلىم ۋە ئەخلاق ساپاسى پۇچەك ،روھى گاداي تەنلەردىن ئىبارەت بولدى .دەل ئاشۇلار  ئەنئەنە بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى چېلىپ ئۆماچ قىلىۋەتتى .  يامان يېرى يەنە دەل ئاشۇلار ،ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ  ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋەكىل بولىۋالدى .مانا بۇ ساختا ئىلغارلىق  ئەۋلاتلارغا ناھايىتى يامان تەسىر بېرىپ ،ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئەندىزە شەكىللەندۇرۇپ ،ئۇيغۇر جەمىيىتى مانا مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ،ئاتام ماڭغان يولدا مەن ماڭسام بولمامدىكەن  دېگەن يەكۈنگە ئېرىشتۇرۇپ قويدى .شۇڭا مەكتەپ مائارىپى  بىر تىيىنلىق قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ   ،ئۇنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىل بولۇش ئىمكانىيىتى قالمىدى  .
ئىككىنچى تەرەپتىن،  سەنئەتنىڭ مەدەنىيەتنى يېتەكلەش رولى پەۋقۇللادە زور بولۇپ كەتتى .ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتى مەھاببەت تېمىسىدىن ھالقىپ چىقالمىدى ،ۋە ئىنتايىن تار قىيالىق يولغا قاراپ راۋاجلانماقتا. بىزدىكى %90تىن كۆپرەك ناخشىدا « كۆيدۇم ،سۆيدۇم ،كۈتتۈم ،ئۆلدۈم ،ئۆچتۈم» دىن باشقا مەزمۇن  يوق . ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوينىغان ئۇسۇللارنىڭ تەڭكەش مۇزىكا ۋە ناخشىلىرىدىمۇ يوقارقا تېما ئاساس قىلىنىدۇ . مۇشۇنداق تۇرسا ،بالىلىرىمىزنىڭ يەسلىدىلا مۇھاببەتلىشىپ كەتمىگىنىگە شۈكرى دېسەك بولىدۇ . بىزدە ۋەتەننى ،يۇرتنى ،مەرتلىكنى ،كۇرەشنى ،قەخرىمانلىقنى ،ئەجداتنى ،گۈزەل ئەخلاقنى ،تارىخىنى تېما قىلغان ناخشىلار بەكلا كەم بولدى .سەنئەتنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزنى يېتەكلەش رولى ئەكىس تەسىر بەردى .
ئۈچۈنچىدىن ، مەكتەپ مائارىپىنى ئالساق ،مىللى مائارىپ خۇددى ئىقېن سۇدا كېتىۋاتقان رولى يوق ماتۇرسىز كېمىگە ئوخشايدۇ .ئۇنىڭ ئورۇلۇپ كەتمەي تا بۈگۈنگىچە ماڭالىغىنىنىڭ ئۆزى بىر غېنىمەت .بۇ موتۇرسىز كېمىدە خىزمەت قىلىشقا چىقىپ قالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى  پەلەك ۋەجىدىن ئۈچ ۋاق تاماق ئۈچۈن چىققانلار ،ئۇلاردا كېمىنى سۆرىگۈچىلىك مادار يوق . ئاز بىر قىسمى بولسا بۇ كېمىنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۆرۇلۇپ كەتمەي مېڭىشىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان ،پالاق ئۇرغۇچىلار . ئۇلارنىڭ يۈكى بەكلا ئېغىر .ئۇلارنىڭ بىر ھەپتە ئېلىپ بارغان تەلىم تەربىيەسىنىڭ تەسىرىنى ،ئائىلىدە قىلىنغان بىر جۈملە سۆز ياكى ئاتىنىڭ بىر دانە يەككە ھەرىكىتى پۈتۈنلەي نۆلگە ئايلاندۇرۋىتەلەيدۇ .شۇنداقتىمۇ ئۇلار تەربىيەنى توختۇتۇپ قويغىنى يوق ،ئۇلار داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئاخىرىقى خۇلاسەم : بىر مىللەتنىڭ ئۇتتۇرا بۇرجىئازىيە قىسمى شۇ مىللەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالىسا ،قالغان باشقا سىنىپلارنى ئەگەشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ  شۇندىلا  مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولىدۇ . بولمىسا .......................

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:20:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى مائارىپ تەربىيىسىدە تەكىتلىنىۋاتقان ئەخلاق تەربىيىسىدە زور مەسىلە بار .ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ ئۈنۈمىگە زور دەرىجىدە سەل قارالدى .ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسىنى قالاقلىق دەپ چۆرۈپ تاشلىۋەتتۇق ،نەتىجىدە باشقىلارنى دوراپ زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90025
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 05:36:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن تورداشلار بۇنداق مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيتى بار دەپتۇ، مەنمۇ مۇشۇ قاراشتا. لىكىن ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارمۇ باكى يالغاننى ۋەششى ئوخشۇتۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىغىزىغا جىگدە سالىدىغان. كۆڭۈللەرگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن شۇ ياراتقان ئاللاھ ئىگەم.

يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتىسەن كالام قەيەردە.
سەندىن ئىمان يۈتكىلى نەۋاق،
سوراپ قويمايسەن ئىسلام قەيەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84552
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2012-8-31
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچى بولغاچقا تىمىنى كۆرۈپلا ماڭا نىمە بولغاندۇ دەپلا قالغانتىم،ئەمما ئوقۇپ بولۇپ مەن ساقكەنمەن دەپ قالدىم...   
دېمىسىمۇ راس......بىز ئوقۇغۇچىلارغا زادى نىمە بولدىكىن تاڭ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9636
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10363
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1790 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:30:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
buraquxi يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 05:21 PM
ئەلىۋەتتە سىزنىڭ دېگىنىڭزمۇ ئورۇنلۇق. ئالدى بىلەن مې ...

توغرا قېرىندىشىم، مەنمۇ ھەرگىز سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا رەددىيە بەرمەكچى ئەمەس، ھەمىمىز ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز،  لىكىن بىرلا گەپ جۇڭگۇ  مائارىپى تۈگەشتى دىگەن گىپىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە بىر ئايال بولغان بولىدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولماستىن، بەلكى قېيىن ئانىسىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:36:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس ، ئوقۇتقۇچىلارغا كېسەل تەگدى ...!

شىرئەلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش