rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 10:07 PM
ئىنكاسىڭىزدىكى گەپلەر ھەممىسى ئورۇنلۇق لىكن (مېنىڭچە ...
مەنمۇ ئىككى كۈندىن كىيىن بالام بىر ياشقا كىرىدۇ ،دەل شۇ كۈنى سوتقا ئاجىرشىش ئەرزى سۇنىمەن .بۇ كۈننى ھىلىمۇ بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتتىم.
يۈرمەي،ئۇلارنىڭ دىگەن گەپ سۆزلىرى ۋە دىيانىـتىگە ئىشىنىپ توي قىلدىم، ھەپتىدىن كىيىن ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يوق ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى،بىر ئايدىن ئاشقاندا بويىدا بارلىقىى ئىنىق بولدى،توي قىلىپ ،بىر قاچا تاماقنى بىللە يەپ باقماي ،بىسمىللا دىمەستىلا لىڭشىپ قالغان تۇرمىشىمىزغا قاراپ بالىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئالدۇرۋىتىشنى دىدىم،ئەمما ئۆلسەممۇ تۇغىمەن دىدى،شۇنىڭ بىلەن شۇنداق تۇرىۋەردۇق،ئىككى ئاي بولغاندا ياندۇرۇپ كەلدىم،بارچە چىرايتلىق گەپ ،قىيىنئانا ۋە چوڭلارنىڭ تەربىيەلىرى ھىچنەرسە ئاقمىدى،يەنە كەتتى،6 ئاي بولغاندا يەنە ئەكەلدىم،ئىككى تۇردى يەنە كەتتى.بىر پىيالە چىيى ياكى ئوڭلاپ ئەتكەن بىر قاچا ئىشى يوق،تۇرمۇش تۇرمۇش بولماي تۇرۇپ بالا تۇغۇلدى .
بالا ئىككى ئاي بولغاندا ئەكەلدىم،باش ئاخرى بولوپ ئىككى ھەپتە تۇردى يەنە كەتتى،شۇنداق قىلىپ يا خىتىنى ئىلىپلا كەتمىدى،ياكى كىلىپ تۇرمىشىنى تۇتمىدى،نەچچە رەت كىلىشىشنى دىدىم يەنە ياق،ئاجىرشىشنى دىدىم يەنە ياق،ئاجىرشىش ئۈچۈن قانۇن ئورونلىرىغا باردىم،ئەمما بالا بىر ياشقا كىرمىگۈچە ئاجراشتۇرمايدىكەن...ساقلاپ ساقلاپ ئاخىر بۇ كۈنمۇ كەلدى،بالامنى ئويلىسام كۆڭلۈم يىرىم ئەمما قولومدىن كەلمىگەن ئىشقا نىمە ئامال ،شۇ كۈنگىمۇ 2 كۈن قالدى ...