سىتاسكىغا قارىسا خۇددى بىر يىلدا ھەممە تۇغۇلغان بالا يىتىم بۇلۇپ قالغاندەك بىلنىدىكەن
ئەگەر سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلەن شۇ نىكاھدىن ئاجىرشىۋاتقانلارنى كۆرگەن بولسىڭىز ئاندىن بېلەتتىڭىز، بەزىلىرى ئالدىڭىزغا ئاجىراشقىلى يىل 2 3 قېتىم كېلىپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلار كۆپرەك، توي قىلىپ 1 2 ئاي ئولتۇرۇپلا خېتىمنى بەر دەپ ئاتا-ئانسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ كەلگىلى ئۇنماي ئارىدىن تويلۇق مال-مۈلۈك ئۈندۈر ۋېلىش مەقسىتىدە توي قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىش قىلىپ سىلەرنىڭ يۇرۇتتا ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ يۇرۇتتا شۇنداق ئىشلار كۆپىيىپ قالدى، ھەتتا بىر توي قىلىپ ئاجىرشىپ كەتسەم دەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ نېمە مەقسىتى بار ئۇنى بىلمىدىم، بىراق مۇشۇ ئۇلارنىڭ نەزرىدە مودا بولسا كېرەك..