مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: MiRul

ئۇيغۇرلاردا نىكاھدىن ئاجىرشىش دولقۇنى قاچان تۈگەيدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17420
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1473 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 02:49:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           نەسىھەت


ئەمدى يەنە سۆزلەپ باقاي ئەرـ خۇتۇنلار ئەھۋالىدىن،   
ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم- قوشنا،قۇدا-بالا ئەپئالىدىن،   
ھەر سۆزۈمنى ئاڭلىغاندا خەۋەر تاپقاي ئۆز ھالىدىن،   
باشلىدىممەن سۆزلىرىمنى دىققەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر.   
  
بەزى دوستلار نىكاھىمدا دەپ زورلۇق قىلىپ ئايالىغا،   
ئۇرۇپ-تىللاپ نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ خىيالىغا،   
ماڭا ئوخشاش ئەر بارمۇ دەپ پەخىرلىنىپ سالايىغا،.  
ئاياللارنى خارلاپ كەلدۇق بۇنداق ئىشتىن يانغايسىزلەر.  

ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىز تاياق سالساق كۆتۈرەلمەس،   
زىنا-ھارام ئىش قىلمىسا ئۇرۇپ تىللاش راۋا ئەمەس،   
ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
بۇ سۆزۈمنى قۇبۇل قىلىپ سەۋىرچانراق بولغايسىزلەر.   
  
ئاياللارنىڭ ئەر زىممىدا نەچچە تۈرلۈك ھەققى باردۇر،   
ئۇنى ئادا ئەتمەي تۇرۇپ خۇتۇن ئۇرۇش ناراۋادۇر،  
شەرىئەتسىز خۇتۇن ئۇرساق گۆر ئىچىدە ئازاپ باردۇر،   
شەرىئەت ھۆكۈمى مۇشۇنداقتۇر بۇرادەرلەر ئىشتكەيسىزلەر.
  
گەپ تالىشىپ،تاكالىشىپ خۇتۇنلەرنى ئۇرۇپ قويۇش،  
ئاچچىق كەلسە تالاق قىلىپ ئۆيىمىزدىن ھەيدەپ قۇيۇش،  
ئۇرۇپ بولۇپ خىجىل بولماي بىر ئورۇندا يېتىپ قوپۇش،   
خۇتۇن ساقلاش قائىدىسى ئەمەستۇر ئۇ بىلگەيسىزلەر.   
  
خۇتۇنلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىش ئەمگەكتە بىللە يۇرسە،   
ئىشتىن كەلسە،ھاردىم دېمەي تاماق ئېتىپ بەرسە،   
يەنە سىزدىن بالا تۇغۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ بەرسە،  
ئۇنى ئۇرۇش توغرا ئىشمۇ ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.   
  
خۇتۇن دېگەن ئەر كىشىنىڭ بېشىدىكى چوڭ دۆلىتى،   
خۇتۇن كىشى ياخشى بولسا ئۆسەر ئەرنىڭ ئىناۋىتى،   
كامال تاپقاي كۈندىن-كۈنگە،ئىمان-ئىسلام ئىبادىتى،   
بۇرادەرلەر خۇتۇنلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.  
  
ئەر-خۇتۇنلار ئىناق ئۆتسە ئۆي ئىچىگە بەركەت كىرۇر،   
ھەقتىئالا نەزەر قىلىپ پەرىشتىلەر شەپقەت قىلۇر،
ئۆلۈپ بارسا گۆر ئىچىگە مۇنكىر-نەكىر شەپقەت قىلۇر،   
ئىناقلىقنىڭ پايدىسى كۆپ،ئىتپاقلىشىپ يۈرگەيسىزلەر.   
  
بەزى دوستلار ئاچچىقىدا خۇتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلدى،   
ئارقىدىنلا چىدىيالماي يول ئېچىشقا پىلان قىلدى،   
باشقا كىشگە نىكاھ قىلىپ سەۋرى قىلماي تاياق سالدى،   
قاتىل بولۇپ تۈرمىلەرگە كىرىپ ياتتى بىلگەيسىزلەر.  

خۇتۇن كىشىنى تالاق قىلسا ئەرشى كۇرسى لەرزى قىلۇر،   
يەر ۋە ئاسمان،پەرىشتىلەر خۇدايىمغا ئەرىز قىلۇر،  
ھەقتىئەلا ئۇنداق كىشىگە بەچچە تۈرلۈك بالا بىرۇر،     
شەرىئەتنىڭ ھۆكمى شۇنداق قۇلقىڭىزدا تۇتقايسىزلەر.   
  
ئاچچىققا بىز سەۋرى قىلماي خۇتۇنمىزنى تالاق قىلساق،
بىر-نەچچە يىل تۇتقان ئۆينى ئاچچىقنى دەپ خاراپ قىلساق،   
بالىلارنى يىتىم قىلىپ غەم قايغۇغا سېلىپ قويساق،   
بىر كۈن كېلۇر جان ئالغۇچى ئاندا قانداق قىلغايسىزلەر.

خۇتۇن-بالا،ئەر كىشىگە كېچە كۈندۈز يار ئەمەسمۇ،   
خۇتۇنى يوق،بالىسى يوق كىشلەر ھەردەم خار ئەمەسمۇ،  
خۇتۇن ئېلىپ،خۇتۇن قويساق تويلىقىغا پۇل دېمەسمۇ،   
بۇرادەرلەر خۇتۇن بالىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلگەيسىزلەر.!!!

*********   
  
ئاياللارمۇ قۇلاق سېلىڭ ھەممە گۇناھ ئەردە ئەمەس،   
ئەر ئەمرىنى تۇتماي يۈرۈش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
ئەرنى رازى قىلمىغىچە سىزگە جەننەت راۋا ئەمەس،   
شەرىئەتتە شۇنداق ئىرۇر ئەردىن دۇئا ئالغايسىزلەر.

ئەر بەرگەنگە شۈكرى قىلماي يەنە چوڭنى تەلەپ قىلساق،
قولىدا بار-يوق،كارىمىز يوق كىيىم بەر دەپ قىستىۋالساق،   
سەۋرى قىلغىن خۇتۇن دېسە‹‹خېتىمنى بەر››دەپ ئېسىلۋالساق،
ئۆلسەك گۆردە مۇنكىرـ نەكىر ئازاپ قىلۇر بىلگەيسىزلەر.

ئېرىمىزدىن رۇخسەت ئالماي بازار-كوچا كىزىپ يۈرسەك،
‹‹نەگە باردىڭ؟›› دەپ سورىسا،نىيەتنى بۇزۇپ يۈز ئۆرىسەك،  
ھەدەپ تىللاپ ھەم ئۇرۇشۇپ ئەل ئالدىدا يۈز چۈشۈرسەك،
قىيامەتتە ئوتلۇق دارغا تىلدىن ئاسار بىلگەيسىزلەر.   

ئەرنىڭ ئۆيىنى ئوبدان تۇتماي قالايىمقان بۇزۇپ چاچساق،   
ئەر يىراققا كېتىپ قالسا،غەيرى بىلەن كۆڭۈل ئاچساق،   
غىزا-تاماق ئېتىپ بەرمەي،ئېرىمىزگە تۈكرۈك چاچساق،  
قىيامەتتە دوزاق ئىچىدە يىرىڭ-زەرداپ ئىچكەيسىزلەر.

ئەر خەۋەرسىز ئۆيىمىزگە غەيرى كىشلەر كىرىپ چىقسا،
قۇلۇم-قوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ئۆتنە-يېرىم ئېلىپ چىقسا،
ياكى خۇتۇن ئېرىگە دېمەي ئانىسى يېنىغا بېرىپ چىقسا،
ئۆلسە يۈزمىڭ ئازاپ كۆرگەي ئانداق خۇتۇن بىلگەيسىزلەر.
  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي خۇتۇنلەر ئەر خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،  
ئۆزۈمىزنى نامەھرەمدىن،يامان ئىشتىن پىنھان قىلىپ،
ئەر ھەققىنى ياخشى ساقلاپ،رازى قىلىپ دۇئا ئېلىپ،
ئىككى ئالەم دۆلىتىنى قولغا ئېلىپ يۈرگەيسىزلەر.!!!   



مەنبە  :  ساقلاپ قويغانلىرىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3828
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:27:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jalipkar! يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 11:26 AM
راستىمنى دېسەم ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىنى ھاز ...

كۆڭلىڭىزگە كەلمسۇن ، يولدىشىڭىز تازا ئاقماس لامزەللمىۇ نىمە؟ ئاجىراشقۇسى بولمسا ئاجىراشمسا بولدۇ، ئايرىم ئۆي تۇتۇپ كىلشپ قالسا بولدىكەنغۇ؟ قانۇندا ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ ئىشغا ئۈچىنچى شەخسنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقى يوق دىيلىگەن ،‹‹ ئاتا-ئانسمۇشۇنىڭ ئىچىدە››، تۇنجى توي دىگەن مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن ،مەڭگۈ ئىسدىن چىقمايدۇ ،نىمە قىلدۇ ئۆزنىمۇ -ئۆزىگنىمۇ ئازاپلاپ ، يەنە بىرسى بىلەن توي قىلسا يەنە بار ئاشۇ ئاتا-ئانسى كىلشەلىشى ناتايىن ، ئاتا-ئانسى تاپقان بولسا ئۇ ياقتۇرمسا يەنە بىكا،        ئۆزەمنى مىسالغا ئالسام مەن ئۇنداق كۈنلەرنى جىق كۆردۇم ، سوتقىمۇ باردىم ، ئاخرى ئۆي ئايرىپ كىلشىپ قالدىم ،2قىزىم بار ،چوڭى 3ياش ،كىچىكى 1.5ياش ، بىريىلدەك بولدى ،قۇلاق خىلى تىنجپ قالدى ، بىزنمۇ ئىككى ئۆيدىكلەر ئاجىراشتۇرمىز دىگەنتى ، بىزئاجىراشمايمىز ، دەپ تۇرۋالغان ، سىلەرمۇ شۇنداق قىلڭلار بولمسا،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74417
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-1-31
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 04:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇتۇننىڭ ئاچچىقىنى مورا ئوزى بىلدۇ.   خۇشۋاقنىڭ دىگىنى توغرا   

ئۇخلىغان مىللەت يائۆلىدۇ،ۋە ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنىدۇ                           مۇستافا كامال ئاتاتۇرۇك
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12430
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 04:54 PM
بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمگىنى بولماپتۇ ..بىراق ئىككى ئ ...

مەن تېخى توي  قىلمىدىم ، ئۇنى بىلمەيمەن .  ئالدىرىمىغان بولسا خىزمىتىمنىمۇ يۆتكەشكە ئامال قىلاتتىم . ئاتا - ئانىسىمۇ يولدۇشۇمنىڭ يىنىدا ئەمەس ، يۇرتىدا ئىدى . بولدىلا بۇلارنى دېمەيلا قوياي

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 871
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12430
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2538 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 03:27 PM
كۆڭلىڭىزگە كەلمسۇن ، يولدىشىڭىز تازا ئاقماس لامزەللم ...

بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئىزچىل ئاجراشماسلىقنى دەپ كەلگەن ،لېكىن ئۇنىڭ ئاپىسى بەك چىڭ تۇرىۋالدى . ئۇلارنى ئاللاغا تاپشۇردۇم .

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ھەر  كى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39721
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا يىزىپسىز جۇمۇ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 29982
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نىكاھ  _ ھىسسىيات ، مەسۇلىيەت يىغىنچاقلانغان ھۈجەيرە ، ئادەتتە مەسۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كىشىلەردە ئاجىرشىش ئادەتتىكى بىر ئىش ، بىراق بەزىدە ئاجىرشىشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ بىلىپ - بىلمەي ئاجىرشىپ كىتىدۇ ، شۇ ئەر - ئايالنىڭ بىللە ئۆتىدىغان رىسقى تۈگىسە ئامال يوق ، تۇرمۇش دىگەن شۇنداق بولىدۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74967
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەر قانداق ئەقىل ئىگسى ويلۇنۇشقا تىگىشلىك مۇھىم تىما ئىكەن تىما ئگسىگە ئاپرىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parlak0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 11:33 PM  


سەن ئۈلۈمنى ئۇنۇتسانڭمۇ ئۈلۈم سىنى ئۇنۇتمايدۇ.   بۇنىمۇ ئويلۇنۇپ قوي.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش