ئەرلەر، ئاياللار
ئەرلەرنىڭ يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىشى تۇغما ئەھۋال. ئەرلەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئاياللارنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ زورلۇق ۋاستە ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئازدۇرۇش، بايلىققا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئەر-خوتۇنلار بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا بىر-بىرىگە بولغان يېڭىلىق تۇيغۇسى بارغانچە سۇسلىشىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم ئەرلەر خوتۇنىدىن زېرىكىپ، سىرتتىن خۇشاللىق ئىزدىمەكچى بولىدۇ. كەسىپتە نەتىجە قازانغان قىسمەن ئەرلەرنىڭ يېنىدا مەلۇم مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ئاياللار پەرۋانە بولۇپ يۈرۈيدۇ.
قىزلار ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق ئەرلەرنى پىشقان، پۇلى بار دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق ئەرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس. ئاشنا بولغۇچىلاردىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى كۆزلەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. خوتۇنىغا ھېچقانداق ھېسسياتى بولمىغان ئەرلەر ئاشنىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىنتايىن قىزغىن، خۇشخۇي بولۇپ كېتىدۇ. ئەرلەر ئاشنىلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئاق كۆڭۈللىكىدىن تەسىرلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كەڭ قورساقلىق ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن ئەرنى ئىندەككە كەلتۈرۈشىدىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرى. ئەرلەر ئاشنىسى بىلەن كۈندە بىللە يۈرەلمىگەچكە، ئاشنىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرۈپ، كەمچىلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئەمما خوتۇنى كېچە-كۈندۈز يېنىدا بولغاچقا، ھەممىلا ئىشىنى كەمچىلىك ھېسابلايدۇ. ئاشنا كىشىگە سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، شۇنداقلا ناز-كەرەشىمىلىك بولغاچقا، ئەرلەرنى ئۆزىگە تېزلا ئەسىر قىلىۋالىدۇ، شۇڭا ئاشنا ھەر قايسى جەھەتلەردە خوتۇنىدىن ياخشى بىلىنىدۇ.
http://www.radioxj.com/n10428c27.aspx