SAE تور خاتىرىسىگە ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى

بۇ يازمىدا ئاساسلىق Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ قۇرغان WordPress تور تۇرايىمىزغا ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، Sina App Engine (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ SAE دەپ ئېلىنىدۇ) ئۆزىنىڭ ھەقسىزلىكى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تور شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتىدە نۇرغۇن تور تۇراچىلار (بىلوگچىلار دەپ ئېلىشنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ھېلىمۇ تىلىمىزدا يات تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئاز ئەمەس) نىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ، مەندەك سېپىل سىرتىدىكى مۇستەقىل نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ تور تۇرايىنى ماڭدۇرۇۋاتقانلار، blogbus نىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ھەمدە يېڭىياچە تور تۇراچىلار سېپىگە قوشۇلۇۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت ۋە ياخشى بىر سىناق مەيدانى بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان سېپىل سىرتىغا چىقىش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى، شۇڭا مەنمۇ سېپىل سىرتىدىكى يازمىلىرىمنى سېپىل ئىچىگە يۆتكەپ كىرىپ، تۈرلىرى بويىچە بىرنەچچە SAE بوشلۇقى ئېلىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم، تۆۋەندىكىلىرى يازمىلىرىم يۆتكەلگەن مەنزىللەر:

تەرجىمىلىرىم  http://terjime.sinaapp.com (تەرجىمە قىلىپ يوللىغان «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى» قاتارلىق يازمىلىرىم مۇشۇ يەردە)

دەرسخانا http://nida.sinaapp.com (كومپيۇتېر، توربەت بىلىملىرىگە ئائىت يازمىلىرىم مۇشۇ يەردە)

جەمگاھ http://torkatip.sinaapp.com (تور بەتلەر ئۇلانمىسى ۋە تور بەتلەردىكى يېڭى يازمىلار جەمگاھى مۇشۇ يەردە)

يۇمشاق دېتاللار http://aelsoft.sinaapp.com (ئۆزەم ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىگەن بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار مۇشۇ يەردە)

ئويلىرىم http://oyla.sinaapp.com (مەخسۇس يازما قىلىپ يېزىشقا يارىمايدىغان، كۆڭلۈمدىكى تاققا-تۇققا ھېسلار ۋە شېئىرلىرىم مۇشۇ يەردە)

ئەمدى ئاساسىي مەقسەدكە كېلىلى. گەرچە SAE بىزگە ئاشۇنداق قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلىدىن، بۇ بوشلۇقتا WordPress (تۆۋەندە ۋە باشقا يازمىلاردىمۇ قىسقارتىلىپ WP دەپ ئېلىنىدۇ) باشقۇرۇش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس. سەۋەبى، ئورگان تەرەپ ئارقا بەتتە ئۇسلۇب ۋە ھۆججەتلەرنى تور يۈزىدە تۇرۇپ تەھرىرلەشكە يول قويمايدۇ، شۇڭلاشقا ئارقا بەتتە تۇرۇپ بىۋاسىتە يېڭى ئۇسلۇبلارنى يۈكلەپ قوشۇش، تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا يېڭى ئۇسلۇب قوشۇش ياكى كونا ئۇسلۇبنى تەھرىرلەش ياكى كېرەكسىز ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش (كېرەكسىز ھۆججەتلەر قانچە كۆپ بولسا، تور تۇرانىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قانداق قىلىمىز؟

(1) بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئىككى دانە يۇمشاق دېتالدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار TortoiseSVN ۋە SDK، كېيىنكىسىنى گەرچە ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ئالدىدىكىسىدەك قۇلايلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئورگان تەرەپمۇ ئالدىنقىسىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىپ، بارا-بارا كېيىنكىسىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان، شۇڭلاشقا كېيىنكىسىنى ئىشلەتمەڭ. TortoiseSVN نى چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://dl.pconline.com.cn/download/53122.html

ئورگان تەرەپ ئىشلىتىش قوللانمىسى مەنزىلى: http://sae.sina.com.cn/?m=devcenter&catId=212

ئالدىنقى يازمىلاردىكى دولانلىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىمۇ دەل مۇشۇ دېتال ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمىسىڭىز ئاشۇ يازمىلارنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېتال بىلەن EditPlus دېتالى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە (EditPlus مۇ تەھرىرلىگەن ھۆججەتنى بۇ دېتالنى ئاچماي تۇرۇپلا بوشلۇققا يوللىيالايدۇ)، گۈل-گۈلىگە كەلگەندەك ناھايىتى ياخشى ئىش بولىدۇ.

(2) يۇقىرىدىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنى قاچىلاڭ. (قاچىلاش ئۇسۇلى كېيىن ئايرىم تونۇشتۇرىلىدۇ، پەقەت بولمىسا دولانلىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ)

(3) تور بوشلۇقىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى يەرلىككە چۈشۈرۈڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىككە بىر ھۆججەتدان قۇرىسىز، ئاندىن ھۆججەتدان ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن TortoiseSVN نىڭ «يېڭىلاش» (Update) تۈرىنى تاللايسىز، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك:

svu01

ئەگەر تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئىشلەتكۈچى ئې-خەت ساندۇقى ۋە مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، كۆزنەكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تاللاش ئورنىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇۋەتسىڭىز كېيىنكى قېتىمدا بۇلارنى سورىمايدۇ.

image

ئەگەر يۇقىرىقى ئۇچۇرلىرىڭىز توغرا بولسا، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىپ، ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىدۇ ۋە چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاخىرىدا OK نى بېسىپ جەزملىسىڭىز بولىدۇ.

image

(4) ئەمدى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈڭ، ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلار ئۇسلۇبلار، پرىستان ، ئەلشاد، پاراۋوز تور تۇرالىرىدا ساماندەك، ھەقسىزلىرىنى ياراتمىسىڭىز، ھەقلىقلىرىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىلىپ، ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇب ياساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرگەن ئۇسلۇبىڭىزنى تۆۋەندىكى ئورۇنغا يېشىپ ساقلايسىز، ئادەتتە ئۇسلۇبنىڭ ئۆزى بىر ھۆججەتداندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھۆججەتدان ئىچىدە ئۇسلۇبقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ساقلانغان بولىدۇ، كېيىنچە يەنە مەخسۇس ئۇسلۇب ياساش دەرسلىكىنىمۇ يوللايمەن، ئۇ چاغدا سىز باشقىلارغا يالۋۇرمايمۇ ئۆز ئۇسلۇبىڭىزنى ياسىۋالالايسىز.

image

(5) ئۇسلۇبىڭىزنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇب ھۆججەتدانى ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن TortoiseSVN نىڭ «يوللاش» (Commit) تۈرىنى تاللايسىز، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى تاللانغان تۈرنىڭ ئاستىدىكى تىزىملىك:

svu01

بۇنىڭ بىلەن  يۇقىرىقى 3-باسقۇچتىكىدەك ھۆججەت يوللاش مەشغۇلاتى قىلىنىشقا باشلايدۇ، سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز بولسا يېڭى قوشۇلغان ھۆججەتلەرنى تاللاپ (All دېگەننى باسسىڭىز ھەممىسى تاللىنىدۇ)، تورغا يوللاشتىن ئىبارەت.

image

(6) ئەمدى تور كۆرگۈچتە تور تۇرايىڭىزنىڭ ئارقا بېتىنى ئېچىپ، ئۇسلۇبلار تىزىملىكىدىن يېڭى يوللىغان ئۇسلۇبىڭىزنى تاللاپ قوزىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

(7) ئەگەر ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى 1-،2-،3- باسقۇچلارنى بىر-بىرلەپ بېسىپ ئۆتۈپ (بۇ يەرلىك بىلەن تور ھۆججەتلىرىنىڭ ماس قەدەملىكى ساقلاش ئۈچۈن بەك مۇھىم)، 4-باسقۇچتا كۆرستىلگەن يەرلىكتىكى ئۇسلۇب ساقلانغان ھۆججەتداننى ئاچىسىز، ئاندىن ئارتۇق ئۇسلۇب ساقلانغان ھۆججەتداننى ئۆچۈرىۋېتىپ،  5- باسقۇچتىكىدەك تورغا يوللاش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز، توردىكى ئارتۇق ئۇسلۇبلار ئۆچۈرىلىدۇ.

ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بۇ يازمىدا سۆزلەنمىدى، ئەمما شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇن، ئۇسلۇبنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مۇشۇ تېمىدىكىدەك تور ۋە يەرلىكنى ماسلاشتۇرمسىڭىز بولمايدۇ.




4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • [...] تىلغا ئېلىنغان دېتالنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «SAE تور خاتىرىسىگە ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى…» دېگەن يازمىدىن كۆرۈۋالسىڭىز [...]

  • [...] تىلغا ئېلىنغان دېتالنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «SAE تور خاتىرىسىگە ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى…» دېگەن يازمىدىن كۆرۈۋالسىڭىز [...]

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تۈنۈگۈن بىر ئۇسلۇپنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىپ يارىماي ئەسلى ئۇسلۇپقا قايتۇرسام ،
    ئارقا بەتتىن چاتاق چىقىپ ئاران تەستە ئۇسلۇپنى ئەسلىگە ئەكەلدىم لىكىن ئارقا بەتتە ئازراق خاتالىق بار .
    كومپىيوتىرىمغا بۇرۇن ساقلاپ قويغان ۋورىتپىرەس ھۆججىتىنى ھازىرقى ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە قاپلىۋىتەي دىسەم ساقلىۋالغان ھۆججەت سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەردىمۇ يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى چىقىۋېلىپ ھۆججەت يوللاش دىتالى سىنا سۇپىسىغا يوللىيالمىدى .

    مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم قانداق قىلغاندا زاپاسلىۋالغان ھۆججەت سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەردىكى يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسىنى يوقۇتۇۋەتكىلى بولىدۇ .

    • نىدا جاۋاب

      ئادەتتە، ھۆججەت ۋە ھۆججەتداندىكى ئۇ يېشىل توغرا بەلگىسى ياكى قىزىل ئۈندەش بەلگىسى ۋە ياكى كۆك رەڭلىك سۇئال بەلگىلىرىنى ھۆججەت يوللاش دېتالى تور ۋە يەرلىكتىكى ھۆججەت ياكى ھۆججەتداننى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چىقىرىدۇ. يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى چىققان بولسا، بۇ ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ تور ۋە يەرلىكتىكىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ياكى يېڭىلىنىشى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەرداۋاملىق مۇشۇنداق بولۇۋېلىپ يوللاشقا مۇمكىن بولمىسا، ئاشۇ ھۆججەتلەرنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، يەنى، دېمەكچىكى، يۇقىرى ياكى تۆۋەن نەشرىدىكى WP ھۆججىتىنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بەزى ھۆججەتلەر نەشىرى ئۆزگەرگىنى بىلەن ھۆججەت مەزمۇنى ئۆزگەرتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif