بۇ يازمىدا ئاساسلىق Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ قۇرغان WordPress تور تۇرايىمىزغا ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، Sina App Engine (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ SAE دەپ ئېلىنىدۇ) ئۆزىنىڭ ھەقسىزلىكى، سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تور شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتىدە نۇرغۇن تور تۇراچىلار (بىلوگچىلار دەپ ئېلىشنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ھېلىمۇ تىلىمىزدا يات تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئاز ئەمەس) نىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ، مەندەك سېپىل سىرتىدىكى مۇستەقىل نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ تور تۇرايىنى ماڭدۇرۇۋاتقانلار، blogbus نىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ھەمدە يېڭىياچە تور تۇراچىلار سېپىگە قوشۇلۇۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت ۋە ياخشى بىر سىناق مەيدانى بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان سېپىل سىرتىغا چىقىش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى، شۇڭا مەنمۇ سېپىل سىرتىدىكى يازمىلىرىمنى سېپىل ئىچىگە يۆتكەپ كىرىپ، تۈرلىرى بويىچە بىرنەچچە SAE بوشلۇقى ئېلىپ شۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم، تۆۋەندىكىلىرى يازمىلىرىم يۆتكەلگەن مەنزىللەر:
تەرجىمىلىرىم http://terjime.sinaapp.com (تەرجىمە قىلىپ يوللىغان «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى» قاتارلىق يازمىلىرىم مۇشۇ يەردە)
دەرسخانا http://nida.sinaapp.com (كومپيۇتېر، توربەت بىلىملىرىگە ئائىت يازمىلىرىم مۇشۇ يەردە)
جەمگاھ http://torkatip.sinaapp.com (تور بەتلەر ئۇلانمىسى ۋە تور بەتلەردىكى يېڭى يازمىلار جەمگاھى مۇشۇ يەردە)
يۇمشاق دېتاللار http://aelsoft.sinaapp.com (ئۆزەم ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىگەن بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار مۇشۇ يەردە)
ئويلىرىم http://oyla.sinaapp.com (مەخسۇس يازما قىلىپ يېزىشقا يارىمايدىغان، كۆڭلۈمدىكى تاققا-تۇققا ھېسلار ۋە شېئىرلىرىم مۇشۇ يەردە)
ئەمدى ئاساسىي مەقسەدكە كېلىلى. گەرچە SAE بىزگە ئاشۇنداق قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلىدىن، بۇ بوشلۇقتا WordPress (تۆۋەندە ۋە باشقا يازمىلاردىمۇ قىسقارتىلىپ WP دەپ ئېلىنىدۇ) باشقۇرۇش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس. سەۋەبى، ئورگان تەرەپ ئارقا بەتتە ئۇسلۇب ۋە ھۆججەتلەرنى تور يۈزىدە تۇرۇپ تەھرىرلەشكە يول قويمايدۇ، شۇڭلاشقا ئارقا بەتتە تۇرۇپ بىۋاسىتە يېڭى ئۇسلۇبلارنى يۈكلەپ قوشۇش، تەھرىرلەش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا يېڭى ئۇسلۇب قوشۇش ياكى كونا ئۇسلۇبنى تەھرىرلەش ياكى كېرەكسىز ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش (كېرەكسىز ھۆججەتلەر قانچە كۆپ بولسا، تور تۇرانىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قانداق قىلىمىز؟
(1) بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئىككى دانە يۇمشاق دېتالدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار TortoiseSVN ۋە SDK، كېيىنكىسىنى گەرچە ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما ئالدىدىكىسىدەك قۇلايلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئورگان تەرەپمۇ ئالدىنقىسىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىپ، بارا-بارا كېيىنكىسىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان، شۇڭلاشقا كېيىنكىسىنى ئىشلەتمەڭ. TortoiseSVN نى چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://dl.pconline.com.cn/download/53122.html
ئورگان تەرەپ ئىشلىتىش قوللانمىسى مەنزىلى: http://sae.sina.com.cn/?m=devcenter&catId=212
ئالدىنقى يازمىلاردىكى دولانلىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىمۇ دەل مۇشۇ دېتال ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمىسىڭىز ئاشۇ يازمىلارنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېتال بىلەن EditPlus دېتالى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە (EditPlus مۇ تەھرىرلىگەن ھۆججەتنى بۇ دېتالنى ئاچماي تۇرۇپلا بوشلۇققا يوللىيالايدۇ)، گۈل-گۈلىگە كەلگەندەك ناھايىتى ياخشى ئىش بولىدۇ.
(2) يۇقىرىدىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنى قاچىلاڭ. (قاچىلاش ئۇسۇلى كېيىن ئايرىم تونۇشتۇرىلىدۇ، پەقەت بولمىسا دولانلىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ)
(3) تور بوشلۇقىدىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى يەرلىككە چۈشۈرۈڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىككە بىر ھۆججەتدان قۇرىسىز، ئاندىن ھۆججەتدان ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن TortoiseSVN نىڭ «يېڭىلاش» (Update) تۈرىنى تاللايسىز، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك:
ئەگەر تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئىشلەتكۈچى ئې-خەت ساندۇقى ۋە مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، كۆزنەكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى تاللاش ئورنىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇۋەتسىڭىز كېيىنكى قېتىمدا بۇلارنى سورىمايدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى ئۇچۇرلىرىڭىز توغرا بولسا، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىپ، ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىدۇ ۋە چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاخىرىدا OK نى بېسىپ جەزملىسىڭىز بولىدۇ.
(4) ئەمدى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈڭ، ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلار ئۇسلۇبلار، پرىستان ، ئەلشاد، پاراۋوز تور تۇرالىرىدا ساماندەك، ھەقسىزلىرىنى ياراتمىسىڭىز، ھەقلىقلىرىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىلىپ، ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇب ياساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشۈرگەن ئۇسلۇبىڭىزنى تۆۋەندىكى ئورۇنغا يېشىپ ساقلايسىز، ئادەتتە ئۇسلۇبنىڭ ئۆزى بىر ھۆججەتداندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھۆججەتدان ئىچىدە ئۇسلۇبقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ساقلانغان بولىدۇ، كېيىنچە يەنە مەخسۇس ئۇسلۇب ياساش دەرسلىكىنىمۇ يوللايمەن، ئۇ چاغدا سىز باشقىلارغا يالۋۇرمايمۇ ئۆز ئۇسلۇبىڭىزنى ياسىۋالالايسىز.
(5) ئۇسلۇبىڭىزنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇسلۇب ھۆججەتدانى ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن TortoiseSVN نىڭ «يوللاش» (Commit) تۈرىنى تاللايسىز، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى تاللانغان تۈرنىڭ ئاستىدىكى تىزىملىك:
بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى 3-باسقۇچتىكىدەك ھۆججەت يوللاش مەشغۇلاتى قىلىنىشقا باشلايدۇ، سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز بولسا يېڭى قوشۇلغان ھۆججەتلەرنى تاللاپ (All دېگەننى باسسىڭىز ھەممىسى تاللىنىدۇ)، تورغا يوللاشتىن ئىبارەت.
(6) ئەمدى تور كۆرگۈچتە تور تۇرايىڭىزنىڭ ئارقا بېتىنى ئېچىپ، ئۇسلۇبلار تىزىملىكىدىن يېڭى يوللىغان ئۇسلۇبىڭىزنى تاللاپ قوزىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
(7) ئەگەر ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى 1-،2-،3- باسقۇچلارنى بىر-بىرلەپ بېسىپ ئۆتۈپ (بۇ يەرلىك بىلەن تور ھۆججەتلىرىنىڭ ماس قەدەملىكى ساقلاش ئۈچۈن بەك مۇھىم)، 4-باسقۇچتا كۆرستىلگەن يەرلىكتىكى ئۇسلۇب ساقلانغان ھۆججەتداننى ئاچىسىز، ئاندىن ئارتۇق ئۇسلۇب ساقلانغان ھۆججەتداننى ئۆچۈرىۋېتىپ، 5- باسقۇچتىكىدەك تورغا يوللاش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز، توردىكى ئارتۇق ئۇسلۇبلار ئۆچۈرىلىدۇ.
ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بۇ يازمىدا سۆزلەنمىدى، ئەمما شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇن، ئۇسلۇبنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مۇشۇ تېمىدىكىدەك تور ۋە يەرلىكنى ماسلاشتۇرمسىڭىز بولمايدۇ.