ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • مەنپىي ساننىڭ كىرگۈزۈلۈشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ھازىر كىشىلەر مۇسبەت-مەنپىي سانلار ئارقىلىق قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتىكى ئىككى خىل مىقدارنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، دېڭىز يۈزىنى 0 نۇقتا دېسەك، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 8848 + مېتىر، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر بولغان مارىئانا دېڭىز جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11034- مېتىر كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا «+» ئارقىلىق كىرىم، «-» ئارقىلىق چىقىم ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تارىختا مەنپىي سانلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇزاق ۋە ئەگرى- توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن.

     

  • مىلادىيە: 2008/ 26- نويابىر ( چارشەنبە  ) ||    ھېجرىيە:   1429/ 27 – زۇلقەددە

     

    بلوگىڭىزدا يۇقۇرقىدەك ئۈنۈمنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇۋېلىڭ.

  • « 10 چوڭ بلوگ » نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    مەزكۇر يازما «يۈكسەل بلوگى» دىن ئېلىندى. 

    مەنزىل: http://yuksel.blogbus.com/logs/31738053.html

    بىز تورداشلارنىڭ كۆرسەتكەن نامزات ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 24 بلوگنى « ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » نىڭ رەسمىي نامزاتلىقىغا كۆرسەتتۇق ( تورداشلار تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش قېتىم سانى بويىچە رەتكە تېزىلدى، زىيارەت قېتىم سانى 24 - نويابىر سائەت 0 گىچە بولغان زىيارەت قېتىم سانىنى كۆرسىتىدۇ. ) :

    خەتكۈچ:
  • ماتېماتىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ماتېماتىكا ئەڭ دەسلەپتە تۈگۈنچە تۈگۈپ ئىش خاتىرىلەشتىن باشلانغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليون يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار خام گۆش يەيدىغان ئىپتىدائىي دەۋردە تۇرغان بولۇپ، ياۋا مېۋىلەرنى يىغىش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بۇ پائالىيەتلەر ھەمىشە كوللېكتىپ ئېلىپ بېرىلاتتى، ئېرىشكەن «مەھسۇلات» لارمۇ تەڭ تەقسىم قىلىناتتى. شۇنداق قىلىپ قەدىمكى ئادەملەردە تەدرىجىي ھالدا سانلىق مىقدار ئۇقۇمى پەيدا بولدى.

     ئۇلار بىر ھايۋاننى تۇتۇۋالسا، ئۇنى بىر پارچە تاش، بىر تال تاياقچە ئارقىلىق ئىپادىلەشنى؛ ياكى ئىش ۋە سانلارنى ئارغامچىغا تۈگۈنچە تۈگۈپ خاتىرىلەشنى ئۆگىنىۋالدى. نەتىجىدە، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر تۈگۈنچە بىر ھايۋانغا، ئىككى تۈگۈنچە ئىككى ھايۋانغا، …؛ ياكى چوڭراق بىر تۈگۈنچە چوڭراق بىر ھايۋانغا، كىچىكرەك بىر تۈگۈنچە كىچىكرەك بىر ھايۋانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولدى ….

  • كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى (2) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېر ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، ساقلىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.

    بۇنىڭدا ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ كومپيۇتېرنىڭ يادرولۇق قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر تال ئۆزەك (芯片) كە توپلاشتۇرۇلغان. بىز ئادەتتە ئۇنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU --- Central Processing Unit) دەپ ئاتايمىز. مىكرو تىپلىق كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    ساقلىغۇچ ئۇنىڭ ماتېرىيالى، ساقلاش تېزلىكى ۋە ئىشلىتىلىشتىكى پەرقىگە ئاساسەن ئىچكى ساقلىغۇچ (ئاساسىي ساقلىغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە سىرتقى ساقلىغۇچ (قوشۇمچە ساقلىغۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ دائىم كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى (CPU) بىلەن بىللە بىر توك يولى تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

  • كومپيۇتېر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (1) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېر ــــ (Computer) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمېتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق  ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنە.

    دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكە كوميۇتېر ENIAC 1946-يىلى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىپ تۆت تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ تەرەققىيات دەۋرلىرى كومپيۇتېرنىڭ لوگىكىلىق توك يولى زاپچاسلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئاساسەن ئايرىلغان بولۇپ، زاپچاسلارنىڭ ھەر بىر قېتىم يېڭىلىنىشى كومپيۇتېرنىڭ يېڭى بىر ئەۋلادىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەپ بولدى. بۇ تۆت ئەۋلاد كومپيۇتېر: ئېلىكترون لامپىلىق، كرىستال لامپىلىق، توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق ۋە زور كۆلەمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق كومپيۇتېرلاردىن ئىبارەت.
  • قىمارۋازنىڭ ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇش ئېھتىماللىقى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە نامى ئانچە ياخشى بولمىغان بىر ھېكايە بار. 17-ئەسىرنىڭ بىر كۈنى پاۋلو ئۇستا قىمارۋاز مىل بىلەن ھەربىرى 6 تىللادىن چىقىرىشىپ شىشىخال ئويناپتۇ. كىم ئاۋۋال ئۈچ قېتىم ئۇتسا 12 تىللانى شۇ ئالماقچى بولۇپتۇ. قىمار باشلانغاندىن كېيىن، پاۋلو بىر قېتىم ئۇتۇپتۇ، مىل ئىككى قېتىم ئۇتۇپتۇ. بۇ چاغدا بىر سەۋەب بىلەن قىمار ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 12  تىللانى قانداق بۆلۈشۈش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپتۇ. پاۋلو ئۇتۇش- ئۇتتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، مەن تىللالارنىڭ 1/3 قىسمىنى، يەنى 4  تىللا ئېلىشىم، سەن تىللالارنىڭ 2/3 قىسمىنى، يەنى 8  تىللا ئېلىشىڭ كېرەك دەپتۇ. لېكىن، ئۇستا قىمارۋاز مىل مېنىڭ ئۇتۇش مۇمكىنچىلىكىم چوڭ، تىللالارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئېلىشىم كېرەك دەپتۇ. ئۇلار بۇ ئىشقا ماتېماتىك پاسكالنىڭ ھۆكۈم قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.

  • ئاتاغلىق ئالىم لېيبنىس - [ماتېماتىكا تارىخى]

    لېيبنىس 1646-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لېيپسېگدا تۇغۇلۇپ، 1716-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھاننوۋېردا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالنىڭ يەنە بىر ئاساسچىسى. لېيبنىس پەلسەپە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، بىئولوگىيە، گېئولوگىيە، مېخانىزاتسىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا، ئىلاھىيەت ئىلمى، قانۇن، دىپلوماتىيە ۋە «ئىجاتكارلىق سەنئىتى» قاتارلىقلاردا مول بىلىمگە ئىگە ئىدى.

    لېيبنىس 1661-يىلى 15 يېشىدا لېيپسېگ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئاساسلىقى قانۇن ئۆگىنىش بىلەن بىللە باشقا ھەرقايسى پەنلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ............

  • بۈگۈن چۈشتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا بلوگىمغا بىر قاراپ باقاي دەپ تورنى ئاچسام، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى بلوگدىكى «تەۋسىيە» دىگەن خەتنىڭ ئورنىدا « 分享 » دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى بولدى. بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ باشقا ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قاراپ باقسام ئۇلارنىڭمۇ «تەۋسىيە» دىگەن يېرى « 分享 » غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.

  • بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم. بۇ ئۇسلۇپقا بلوگىمنىڭ نامىنى قويدۇم،  يەنى «تارىم بلوگ ئۇسلۇبى».   ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

  • نيۇتون [ 牛顿 Isaac Newton 1642- 1727 ] - [ماتېماتىكا تارىخى]

    نيۇتون ئەنگلىيە فىزىكى، ماتېماتىكى، ئاسترونومى، تەبىئەت پەيلاسوپى، كىلاسسىك مېخانىكا سېستىمىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ قەدىمقى زاماننىڭ ئەتراپلىق ۋە يېتىشكەن ماتېماتىكى، ئىختىراچىسى، كەشپىياتچىسى. ئۇنى ئارخىمېدتىن كېيىنكى يېڭى زاماننىڭ ئارخىمېدى دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ.

    ئۇ لېيبىنىس بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.

    نيۇتون ماتېماتىكىدا ھازىرغىچىلىك ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇقۇم ۋە فورمۇلىلارنىڭ ئىجاتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى بولغان ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ئىجاتچىسىدۇر.

  • تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ  قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.

    تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.

  • تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك   1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  • ياڭ خۇي ئۈچبۇلۇڭىنىڭ ئالدىنقى 50 قۇرى - [ماتېماتىكا]

    第 1 行:   1
    第 2 行:   1 1
    第 3 行:   1 2 1
    第 4 行:   1 3 3 1
    第 5 行: 1 4 6 4 1
    第 6 行: 1 5 10 10 5 1
    第 7 行: 1 6 15 20 15 6 1
    第 8 行:   1 7 21 35 35 21 7 1
    第 ...

  • مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.