ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • مەن ئىلگىرى «بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم ۋە ئىزدىنىشتىكى يېڭى تېمىلارنى بلوگدا كۆرسىتىش» دىگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇرقى تېمىدا تەمىنلەنگەن كود ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن: ئىزدىنىشنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنمەيدىغان، ئىنتىلنىڭ كونا سەيناسىنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرلەرنىڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش كودىنى تەمىنلىدىم. تورداشلار ئۆزى خالىغان مۇنبەرنىڭ كودىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

  • بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يېڭىلىۋېلىڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    يېقىندا بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس يېزىش رايۇنىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. نەتىجىدە ئاساسەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان بلوگبۇستا يېڭىدىن يەنە

    用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论, 登陆为, 退出

    قاتارلىق 6 دانە خەنزۇچە سۆز پەيدا بولدى. بۇلاردىن

    用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论

    قاتارلىق 4 سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساممۇ، بىراق قالغان 2 سۆزگە ھازىرچە ئامال تاپالمىدىم. باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر تەرجىمە قىلىنغان 4 سۆزنى قوشۇپ، تەرجىمە ھۆججىتىنى قايتا ئېلان قىلدىم.

  • يەنە بىر ئۇيغۇرچە يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.

    http://skin-preview.369593.blogbus.com

    ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

  • 暗色节奏 ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

     

  • دېتال ئىسمى:

     捕捉软件 

    سىغىمى: 1.29 مېگابايت كېلىدىغان بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان.

    ئالاھىدىلىكى: بۇ دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش ھاجەتسىز. پىرىستىن يېشىپلا، مائۇس بىلەن قوش چېكىپ قوزغاتساقلا بولىدۇ. بۇ دېتالنىڭ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىن بەلگىسى:

    خەتكۈچ:下载 چۈشۈرۈش
  • تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ  قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.

    تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.

  • SWF نى FLA غا ئايلاندۇرۇش دېتالى - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]

    توردىن چۈشۈرىۋالغان Flash ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يەرلىرى ئارتۇقچە ياكى تەلىۋىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. بەزىدە «مۇشۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا، ئارتۇق يەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن بولساق، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىمىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ خىيالىمىزنى IMPERATOR-FLA_V2.0  دىگەن يۇمشاق دېتال رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.

  • تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرگە دائىر  教案 ، 课件 ، 习题 ، 论文 قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.

    http://www.3edu.net  

                                                                  http://202.101.111.23/jsp/index.jsp

     .........................................

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بۇيان تەكلىماكان ئەپەندى ۋە ئارامگاھ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ خالىسانە باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگ قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى. ماڭا ئوخشاش پروگرامما تىلى ۋە كود دىگەندەكلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرىۋالدۇق ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆز خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىشقا كىرىشتۇق.

    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ «تارىم بلوگى» نى قۇرۇپ چىقىشىمغا يول كۆرسەتكەن، ياردەملەشكەن ۋە قىزغىن قوللىغان  تەكلىماكان، ئارامگاھ، يوليار، يۈكسەل، سەھرا، دۆلەتباغ..... قاتارلىق بلوگلارغا، بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    خەتكۈچ:چۈشۈرۈش
  • توپلام ئۈستىدە ئەمەللەر - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    توپلام ھەققىدىكى Flash دەرسلىكىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.

    خەتكۈچ:چۈشۈرۈش