سىز «مائارىپ ۋەپەن-تېخنىكا» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!
بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ،تور تەخەللۇسىنى «ئەينەك دېلفىن» دەپ ئاتىۋالغان بىر خەن كۆچمەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مائارىپىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئۆرنەكلەر» ناملىق يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرئىچىدە ئامېرىكا مائارىپىدىكى يادرولۇق ئۈچ ئىدىيە ئۈستىدە جۇڭگو مائارىپى ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك دەپ قارىدىم.
1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىمىيە، فىزىكا، تېبابەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە شەرەبكە ئىرىشكۈچىلەر 716نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلار298نەپەر، ئەنگىلىيىكلەر95نەپەر بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە 1-ۋە 2-رەت تەرتىۋىدە تۇرىدۇ.ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زادى قانداق يېتىشتۇرىدۇ؟بىز بۇيەردە باشقىچە بىر روجەكتىن بۇ قىزىقىشمىزغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.
مەن مەزكۇر بىلوگنى يېزىشقا باشلىغاندىن بۇيان تورداشلارغا چەتئەل مائارىپى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت خىلى كۆپ ساندىكى ماقالىلەرنى چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ سۇنۇپ كەلدىم ، بەلكىم ئوقۇرمەنلەر چەتئەل بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقارقى تەرەپلىرىدىكى تەپەككۇرى ۋەئۇسۇل-چارىلىرى جەھەتتىكى پەرىقلەر ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندۇ دەپ ئويلايمەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان خارۋارد ئۈنىۋېرسىتتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەردائىم دېگۈدەك يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىرقىسىم مىكرو ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۇپ كەلمەكتە:
ئوسلىر - بىر كانادالىق دوختۇر، ئۇ خىزمەتنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب سىتىۋالىدۇ.ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 15مېنۇت كىتاب كۆرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇ مەشغۇلاتنى يىرىم ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل داۋام ئېتىپ كەلگەن .
بۇ بىرئادەتتىكى بالىلارباغچىسى.
يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.
بىرئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.
بارلىق قىرىنداشلارنىڭ«دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە ئاناتىلىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى، ئىستىقبال-تەقدىرى ھەققىدە ھەربىرىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولشىىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرتىلى بىزنىڭ مەۋجۈدلىكىمىزنىڭ ئەڭ تۈپ بەلگىسى!
دۇنيابارلىق شەيئىلەرنىڭ خاسلىقى بىلەن گۈزەل، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر مەۋجۈدلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئاناتىل بايرىمىنى ھەم مۇبارەكلەيمەن، ھەركىمنىڭ ئانىسى ئامان بولسۇن، ھەركىمنىڭ ئاناتىلى راۋان بولسۇن!
بۈگۈن «يېڭى دولقۇن تورى» نىڭ مائارىپ قانىلىدا مۇنداق بىرخەۋەرنى كۆرۇپ قالدىم :
ئا ق ش تېكساس شىتاتىدىكى مالېنىس ئىسىملىك 17ياشلىق قىزئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسىنى قوپال گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن 637دوللار«بەدەل»تۆلىگەن.
تەپسىلاتى:2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مالېنىس دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسى لېناغا قوپاللىق قىلغان ۋە بولمىغۇرسۆزلەربىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغاچاقىرتىلغان. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 340دوللارجەرىمانە قويغان. لېكىن مالېنىس بۇنىڭغا قايىل
«خارۋاردتىكى ئوقۇتقۇچىلاردائىم ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق سىگنال بېرىدۇ:ئەگەرجەمئىيەت قوينىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەرقانداق ماكان-زاماندا، قوللاش ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا «ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان ۋاقىت»ىڭلاربولماسلىقى ئېنىق.
دۇنياغا مەشھۇرئالى ئوقۇل بولۇش نامىغا مۇناسىپ ھالدا، خارۋارد نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى…
بۈگۈن توردىن ماتېرىيال ئىزدەۋىتىپ، بىرخەن سىتۇدىنتنىڭ بلوگىدىن «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسنىڭ تېمىدىكى 20تەلىم» دېگەن يازمىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ يېزىشىچە بۇ ئەسلى بىر كىتابچە بولۇپ، ھەربىر تەلىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھېكايىسى بارمىش. ئەلۋەتتە، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمۇ-يوق بىلمەيمەن، ئەمما ئىشىنىمەنكى ئەگەرشۇنداق بىركىتاب ھەقىقەتەنمۇ بار بولسا، بىر ئوقۇپ چىققۇلۇق ئىكەن.
تورداشلار ئاۋازى