• قوللانچى: پارول:

ئون گىگانت يۇلتۇزدىن ئالەمنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلىپ باقايلى

سىز چىكى يوق ئالەمگەۋەئۇنىڭدىكى غايەت زور ئاسمان جىسىملىرىغائائىت سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگەن چىغىڭىزدا، ياكى چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىغا يۈزلەنگەن چىغىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۈدلىكىنى قانداق ھېس قىلىسىز؟
بىزئۆزىمىز ياشاۋاتقان يەرشارىغا نىسبەتەن سىلۇشتۇرۇلغىنىمىزدا، بىرتال چاڭ-تۇزانچىلىكمۇ چوڭلۇقتا ئەمەس. لىكىن يەرشارىمۇ ئۆزنۆۋىتىدە قۇياش سىستېمىسىدىكى بىرچاڭ-تۇزاندىن ئىبارەت. بىراق قۇياشمۇ ئالەمدىكى ساناقسىزتۇرغۇن يۇلتۇزلارغا سىلىشتۇرغاندا بىردانە چاڭ-تۇزان دانىچىسى خالاس. تۆۋەندە مەن سىزگە بىرتېزىملىكنى كۆرسىتەي، بۇ ھازىرغىچە ئىنسانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان 10گىگانت تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، بۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى پەقەت«قۇياش رادىئۇسى»بىلەنلا ئىپادىلىيەلەيمىز.

1.چوڭ ئىت يۇلتۇزتۇركۇمى VY (VY Canis Majoris)
بۇ چوڭ ئىت يۇلتۇزتۈركۇمىدىكى بىرغايەت زور گىگانت يۇلتۇز بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار بايقىغان  ئەڭ چوڭ يۇلتۇزدۇر.ئۇنىڭ رادىئۇسى 1،800-2،100 قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ بولۇپ، 900دىن 1،050كىچە قۇياشقا تەڭ. ئۇ يەرشارىدىن 4900نۇريىلى يىراقلىقتا.

2.VV Cephei A
بۇ قىزىل رەڭلىك زوريۇلتۇزبولساVV Cepheiقوش يۇلتۇزسىستېمىسىدىكى ئاساسى يۇلتۇزبولۇپ، رادىئۇسىنىڭ چوڭلۇقى 1،600دىن1،900غىچە قۇياش رادىئۇسىغاتەڭ. يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2،400نۇريىلى.

3.بوبراكېيىك تۇركۇمىV838(V838 Monocerotis)
V838  بولسا بوبراكىيىك تۇركۇمىدىكى بىرئەزا، بۇ قىزىل رەڭلىك ئۆزگىرىشچان  يۇلتۇزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 20،000نۇريىلى بولۇپ، رادىئۇسىنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن1,570 ± 400  قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ.

4.WOH G64
WOH G64بولسا، ئارپاتۇمانلىق يۇلتۇزلارسىستېمىسىدىكى بىرگىگانت يۇلتۇزبولۇپ، ئىنىقسىز سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۇ سامان يولى سىستېمىسىدىن 160،000نۇريىلى يىراقلىقتا.ئۇنىڭ رادىئۇسىنىڭ چوڭلۇقى 1،540قۇيا رادىئۇسىغاباراۋەر كىلىدۇ.

5.V354 Cephei
بۇ يۇلتۇزنىڭ چوڭلۇقى 1،520قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ بولۇپ، غايەت زورغەيرى ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ.ئۇسامان يولى سىستېمىسىدىكى cepheus تۇركۇمىگە تەۋە بولۇپ، قۇياشتىن 9،000نۇريىلى يىراقلىقتا.

 

6.RW Cephei
بۇمۇcepheus تۇركۇمىدىكى بىر گىگانت يۇلتۇز بولۇپ، رادىئۇسى 1،260تىن 1،610قۇياش رادىئۇسىغاتەڭ.قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 11،500نۇريىلى.

7.مەرگەن يۇلتۇزتۇركۇمىKW(KW Sagitarii)
KW بولسا مەرگەن يۇلتۇزتۇركۇمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، قۇياشتىن 10،000نۇريىلى يىراقلىقتا. رادىئۇسى قۇياش رادىئۇسىنىڭ 1،460 ھەسسىگە، يورۇقلۇقى 360،000قۇياشنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىگە تەڭ.

8.ئاق قۇيۇلتۇزتۇركۇمىKY(KY Cygni)
KYبولسا ئاق قۇ يۇلتۇزتۇركۇمىدىكى قىزىل رەڭلىك گىگانت يۇلتۇز، چوڭلۇقى 1،420دىن 2،850كىچە قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ. قۇياشتىن 5،000نۇريىلى يىراقلىقتا.

9.μ Cephei
ئۇنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ھېرشىل گىلرەڭ گىگانت يۇلتۇزى بولۇپ، رادىئۇسى 1،420قۇياش رادىئۇسىغا باراۋەر، ئۇ كۆزبىلەن كۆرگىلى  بولىدىغان ئەڭ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزھېسابلىنىدۇ.

10.بېتلگېيىزيۇلتۇزى(Betelgeuse)
بۇ ئورىئون يۇلتۇز تۇركۇمىدىكى ئەڭ يورۇق بىريۇلتۇز.ئۇ كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزنڭ بىرى بولۇپ. بۇ قىزىل رەڭلىك گىگانت يۇلتۇزنىڭ رادىئۇسى 950-1،000قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ،قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 643 ± 146نۇريىلى.

————————
بىرقۇياش رادىئۇسى=696000كلۇمتېر
بىرنۇريىلى مۇساپە=9،460،500،000،000كلۇمتېر





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئاللاھ….

  • ئاللاھۇ ئەكبەر!
    پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغۇچى ئاللاھ بۈيۈكتۇر!

  • مەن مۇشۇ كائىنات توغۇرلۇق بىلىملەرگە تولىمۇ قىززىقاتتىم

  • ساغان جاۋاب

    قېرىندىشىم،شاھ ئۇيغۇر.ئىككىمىزنىڭ قىززىقىشى بىردەككەن.ئۇنداقتا مەن سىزنى بۇ تورغا تەكلىپ قىلىمەن.http://www.kayinat.com/bbs/

  • قازانچى جاۋاب

    ئايھاي قالتىس مۆجىزىلىرى باردە بۇ ئالەمنىڭ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif