• قوللانچى: پارول:

دۇنيادىكى پۇقرالىرى ئەڭ خۇشھال ئون پاراۋان دۆلەت

ئوخشاش بىريەرشارىدا ياشاۋاتىمىز، لىكىن ئىنسان تەقدىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ پەرزەنتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان قىسمەتلەر بىلەن ياشىماقتا.ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي شارائىت، ئوخشاش بولمىغان ئىجدىمائى تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان دۇنيا قاراش..يەنە ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن سەۋەبلەربۇ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم.دۇنياغا پەقەت بىرلا قىتىم كىلىش پۇرسىتىمىزنى ئويلىغاندا بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ ئىچىمىز پۇشىدۇ.
دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك نوپۇزلۇق ئورگانلار ھەريىلى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر بويىچە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى باھالاپ چىقىدۇ، تۆۋەندىكىسى دۇنيادىكى پۇقرالىرى ئەڭ خۇشھال ئون پاراۋان دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرتىپى .

1. نورۋىگىيە(Norway)
كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.%94نورۋىگىيىلىك  ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام تۇرمۇشىنى دۆلىتىنىڭ گۈزەل-ساپ مۇھىتى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قاراش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىشىنىدۇ.نورۋىگىيە ئۆزنۆۋىتىدە يەنە نېفىت ۋە تەبىئىي گازبايلىقنى مول دۆلەت.
نورۋىگىيىكلەرنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 53000يۈەن\يىل.

2.دانىيە(Denmark)
دۇنيا بويىچە، ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخى ئەڭ ئەرزان، مائارىپ سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆزھۆكىمىتىگەبولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن يۇقىرى، تۇرمۇش سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا.

3.فىنلاندىيە(Finland)
مائارىپ سۈپىتى يۇقىرى، داۋالىنىش -سۇغۇرتا ئىشلىرى كەڭ ئومۇملاشقان، ھۆكىمەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى، جەمئىيەت ئىناقلىقى يۇقىرى.%75 فىنلاندىيىلىك ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەختىيارتۇرمۇشقائىرىشكەنلكىگە ئىشىنىدۇ.

4.ئاۋىستىرالىيە(Australia)
يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ، كۈچلۈك خۇسۇسى ئەركىنلىك مانا بۇ ئاۋىستىرالىيىلىكلەرنىڭ پەخىرى. ئاۋىستىرالىيىنىڭ كۇچلۇك ئىقتىىسادى كۈچى ئىكىسپورتتىن كىلىدۇ. ئاۋىستىرالىيىلىكلەرنىڭ ئۆزھۆكىمىتىگە بولغان ئىشەنچى ئىنتايىن يۇقىرى.

5.يېڭى زىللاندىيە(New Zealand)
يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىجدىمائى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مائارىپ شارائىتى يېڭى زىللاندىىيىلىكلەرنىڭ خۇشاللىق مەنبەسى. يېڭى زىللاندىيىلىكلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ياردەم قىلىش ئەھۋالى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. %94يېڭى زىللاندىيىلىك تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان پوزىتسىيە بىلەن قارايدۇ.

6.شىۋېتسىيە(Sweden)
ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى ۋە پۇرسىتى جەھەتتە دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. شىۋېتسىيە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك ماكانى.

7.كانادا(Canada)
كۆچمەنلەرسىياسىتى كەڭرى، ھۆكىمەتتە چىرىكلىشش -خىيانەت ئەھۋالى يوق دىيەرلىك. كانادالىقلارقىزغىنلىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ.تۆتىتىن ئۈچ قىسىم كانادالىق شەھەرلىرىنى يېڭى ئىش باشلاشنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك نۇقتىسى دەپ ھېسابلايدۇ.

8.شىۋىتسارىيە(Switzerland)
ھۆكىمەتنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن، تەربىيىلىنىش پۇرسىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شىۋىتسارىيىلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ھۆكىمەتكە ئىشىنىدۇ. پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك، قەرزئۆسۈم نىسبىتى %0.5

9.نېدىرلاندىيە(گوللاندىيە، Netherlands)
%88 نېدىرلاندىيىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن تۇرمۇشىدىن رازى، ئۇندىن باشقائۇلارھۆكىمەتتىن ناھايىتى رازى.

10.ئا ق ش(United States)
%90تىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن رازى، ھۆكىمەتنىڭ ھەربىر پۇقراغا قاراتقان داۋالاش -ساقلىقنى ساقلاش كاپالىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ سەرخىل. %90تىن كۆپ ئامېرىكىلىق ئورتاق تىرىشقاندىلاتۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ساغان جاۋاب

    جۇڭگو قانچىنجى ئورۇندا تۇرار؟

    • weten

      بەلكىم 11-ئورۇندا بولىشى مۈمكىن ;-)

    • CCTV دا شۇنداق دېگەندەك قىلغان ئۆتكەندە… :mrgreen:

  • ئەۋلادىم جاۋاب

    مېنىڭ شىۋىتسارىيەگە بارغۇم بار

    • weten

      بارغۇڭىز بولسا ۋاقتىدا بېرىڭ ، 2012-يىلىغا ئازقالدى ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif