جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى رەئىسلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىكى رەئىسلىرى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دە جەمئىي يەتتە كىشى دۆلەت رەئىسى بولغان ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ماۋزېدۇڭ، ليۇ شاۋچى، لى شيەننيەن، ياڭ شاڭكۈن ، جىياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قەدەر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە جەمئىي يەتتە كىشى دۆلەت رەئىسى بولدى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ماۋزېدۇڭ، ليۇ شاۋچى، لى شيەننيەن، ياڭ شاڭكۈن، جىياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا ، سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغان.

ماۋ زېدۇڭ 

ماۋ زېدۇڭبىرىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى ماۋزېدۇڭ، 1893-يىلى خۇنەننىڭ شياڭتەندە تۇغۇلۇپ، 1976-يىلى ۋاپات بولغان. 1949-يىلى 9-ئايدىن 1954-يىلى 9-ئايغىچە، 1954-يىلى 9-ئايدىن 1959-يىلى 4-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت دۆلەت رەئىسى بولغان.ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركىسزمچى، پىرولتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيەچى ۋە نەزەرىيەچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى. 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1954-يىلى، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلىپ تەييارلىغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى›› ماقۇللانغان، ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1959-يىلىغىچە بولغان.

ليۇ شاۋچى

ليۇ شاۋچى — 1959-يىلى 4-ئايدىن 1965-يىلى 1-ئايغىچە، 1965-يىلى 1-ئايدىن 1966-يىلىغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئىنقىلابچىسى، سىياسىيونى ۋە نەزەرىيەچىسى. ئۇ 1898-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خۇنەندە تۇغۇلغان. 1954-يىلى 4-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

سۇڭ چىڭلىڭ

سۇڭ چىڭلىڭسۇڭ چىڭلىڭ — 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن. ئۇ 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شاڭخەي دە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى سۈن جۇڭشەن نىڭ دوستى بولۇپ، سۇڭ چىڭلىڭنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئىدى. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى سۇڭ چىڭلىڭنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇڭ چىڭلىڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. ئۇ 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ دا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

لى شيەننيەن

لى شيەننيەنلى شيەننيەن — 1983-يىلى 6-ئايدىن 1988-يىلى 4-ئايغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان. 1909-يىلى خۇبېينىڭ خۇاڭئەن (بۈگۈنكى خۇڭئەن) دە تۇغۇلغان . 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. 1983-يىلى 6-ئايدا، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 83 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

جىياڭ زېمىن

جياڭ زېمىنجىياڭ زېمىن — 1993-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە، 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان.

جىياڭ زېمىن 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جىياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1943-يىلىدىن باشلاپ يەر ئاستى پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ، 1946-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1947-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1993-يىلى 3-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان . 1998-يىلى 3-ئايدا، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

خۇ جىنتاۋ

خۇ جىنتاۋخۇ جىنتاۋ — 2003-يىىل 3-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە ، 2008-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا ئىككى نۆۋەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ 1942-يىلى 12-ئايدا ئەنخۇيدا تۇغۇلغان . 1964-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1965-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىنژېنېر. 2003-يىلى 3-ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، 2008-يىلى 3-ئايدا 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭشى جىنپىڭ — 2013-يىلى 3-ئايدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

ئۇ 1953-يىلى 6-ئايدا شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان، 1969-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1974-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/77/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#