خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى قانات ئاستغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى قانات ئاستغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ۋاقتى: 2015-12-08 ئاۋاتلىقى: 1198 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى قانات ئاستغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5- دېكابىر تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5- دېكابىر ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» ئىشغال قىلىۋالغان رايوندا نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «فاكېبوك» تا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلار تېررورچىلارنىڭ قانداقلارچە تۈركىيەگە نېفىت توشۇغانلىقىدىن خەۋەرسىزمىش. ئامېرىكا ھەقىقىي ئەھۋالنى مەقسەتلىك يوشۇرۇۋاتىدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. ۋاشىنگتون تۈركىيە - سۇرىيە چېگراسىغا ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتكەن، ئۇلاردا شۇلار تارتىپ ئەكەلگەن سىن كۆرۈنۈشى بار».

ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېيتىشىچە، سۇرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلمىشى مەيلى مىقدار ياكى پايدا جەھەتتىن بولسۇن، ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوقكەن.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- دېكابىردىكى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشېنكوۋنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ تۈركىيەگە نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقىنى بايقىيالمىغانلىقىدىن ھەيران قالغان ھەمدە بۇنى: «قانات ئاستىغا ئېلىپ، بىلمەسكە سېلىۋالدى» دېگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى كەسىپداشلىرىمىز بىز تەمىنلىگەن تېررورچىلار كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن ئوغرىلانغان نېفىتنىڭ نەگە ئەكىتىلىپ بارغانلىقىغا ئائىت سۈرەتلەرنىڭ راستلىقىنى ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ تېخىچە بايقىمىغانلىقى ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ. بىز سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدىن باشقا، يەنە سىن كۆرۈنۈشى بىلەنمۇ تەمىنلىدۇق. بۇ سىن كۆرۈنۈشىدىن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈپ، تۈركىيەگە يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5- دېكابىر تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5- دېكابىر ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مىنىستىرلىق يېقىندا «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ماي ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇ سۈرەتلەرنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما بۇ ماي توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەنزىلىنى تۈركىيە ئەمەس، بەلكى سۇرىيەنىڭ باشقا رايونلىرى، دەپ تۇرۇۋالغان.

كوناشېنكوۋ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى قۇۋلۇق قىلىۋاتىدۇ ھەم تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەگە نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بەزىدە ھەممە ئىشلارنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە بىلىدۇ، بەزىدە كۆرسىمۇ كۆرمەسلىككە سېلىۋالىدۇ؛ يەنە بەزىدە، ئۆكتىچىلەرنى ‹مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر› ۋە ‹مۆتىدىل بولمىغان ئۆكتىچىلەر› دەپ ئىككىگە ئايرىۋالىدۇ. ھەتتا، تېررورچىلارنىمۇ ‹ئەسكى تېررورچى› ۋە ‹ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس تېررورچى› دەپ ئايرىيدۇ. بۇنداق بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان مەيدان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدىكى شەھەرلەردە قانلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تېررورىزمدا سېلىشتۇرما دەرىجە، مىللەت خاسلىقى بولمايدۇ. تېررورىزم ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قەبىھ ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم».

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى