خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەتقىقاتچىلار بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ ياسىدى

تەتقىقاتچىلار بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ ياسىدى

ۋاقتى: 2016-01-03 ئاۋاتلىقى: 2573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى 2-يانۋار خەۋىرى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تەيۋەنلىك تەتقىقاتچىلار كەشىپ قىلغان بىر ئەپ دېتالى بوۋاقلارنىڭ ھەر خىل يىغلىغان ئاۋازى ئىپادىلىگەن مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ چىقالايدىكەن.

تەيۋەن تەيدا دوختۇرخانىسى يۈنلىن تارمىقى ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەرجىمە قىلىش دېتالى بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ ئاندىن چوڭ كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئىپادىلىگەن تۆت خىل مەنىسىنى ئايرىپ چىقىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەپ دېتالى بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەھلىل قىلغان نەتىجىسى 15 سېكۇنت ئىچىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفونىدا كۆرۈنىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇغۇلغىلى ئىككى ھەپتىدىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ ئەپ دېتالىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %92 يەتكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەپ دېتالى بوۋاقلارنىڭ قورسىقى ئاچقان، ئۇيقۇسى كەلگەن، بىر يېرى ئاغرىغان ۋە تەرەت قىلغۇسى كەلگەن ۋاقىتتا يىغلىغان تۆت خىل يىغا ئاۋازىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن.

كۆزەتكۈچى تەرجىمىسى

مەنبە: ئەرقال مېدىئاسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى