تەتقىقاتچىلار بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئەپ ياسىدى
ۋاقتى: 2016-01-03
ئاۋاتلىقى: 2573 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەيۋەن تەيدا دوختۇرخانىسى يۈنلىن تارمىقى ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەرجىمە قىلىش دېتالى بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ ئاندىن چوڭ كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئىپادىلىگەن تۆت خىل مەنىسىنى ئايرىپ چىقىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەپ دېتالى بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى تەھلىل قىلغان نەتىجىسى 15 سېكۇنت ئىچىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفونىدا كۆرۈنىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇغۇلغىلى ئىككى ھەپتىدىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ ئەپ دېتالىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى %92 يەتكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەپ دېتالى بوۋاقلارنىڭ قورسىقى ئاچقان، ئۇيقۇسى كەلگەن، بىر يېرى ئاغرىغان ۋە تەرەت قىلغۇسى كەلگەن ۋاقىتتا يىغلىغان تۆت خىل يىغا ئاۋازىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن.
كۆزەتكۈچى تەرجىمىسى
مەنبە: ئەرقال مېدىئاسى