ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  جاڭگال غەزەللىرى -7

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    25

    سەن كۈلۈپ مەن يىغلىغان تۈنلەرگە قانىمنى چاچاي،

    دەردلىرىمنى چىللىغان كۈنلەرگە ئاھىمنى چاچاي.

     

    بۇ قارا ھىجراننى سۆيگەن خىلۋىتىمدە مىڭ گۇناھ،

    يۈرىكىم چالغان غېرىب كۈيلەرگە جانىمنى چاچاي.

     

    ئارمىنىم جۆيلۈيدۇ ئۈنسىز قىسمىتىمنى چوقچىلاپ،

    چۈشلىرىمنى قىينىغان تاڭلارغا ياشىمنى چاچاي.

     

    بىلىدۇ تەنھالىقىم كۆيگەن جاراھەتنى تولۇق،

    ساقىسا يۇلتۇزلىرىم كۆككە  خىيالىمنى چاچاي.

     

    كۆزلىرىمنى ھىدلىدى غەمكىنلىكىمنىڭ جۇتلىرى،

    چاقنىسا مەنزىل ئەگەر مۈلكى جاھانىمنى چاچاي.

     

  • قىسمەتلىرىم

    ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

     


  • جاڭگال غەزەللىرى -6

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    21

    ئۇل كۆڭۈلنى سورىما ۋەيرانىدۇر،

    بۇ ھاياتلىق دەشتىدە ئاۋارىدۇر.

     

    قولىدا غېرىب قەدەھ تۇتقان ئەجەپ،

    بىلكى ئۇ مۈلكى ئەلەم مەيخانىدۇر.

     

    كۆز يېشى تۇپراق ئارا سىڭمەكتە ھەم،

    كۆكتىكى يۇلتۇزلىرى سەرسانىدۇر.

     

    جان دېمەي، جانان دېمەي يۈرسە لېكىن،

    قان كېچىپ تاپسىمۇ ھەق پايخانىدۇر.

     

    كۆيگىنى بىر ئوت ئىدى يۈرەكىدە،

    چوغ سوراپ ئەمدى ئەبەد سەرسانىدۇر.

     

    باغرىنى يالغۇزچىلىق جۇت ئەيلىدى،

    ئىزدىسە ئۆزىنى مىڭ يېگانىدۇر.

     

    خار - زەبۇن بولماقتىدۇر غەمكىنلىكى،

    شۇڭىمۇ ئەشئارلىرى دىلخانىدۇر.

     

  •  جاڭگال غەزەللىرى -5

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    17

     قارا يەر تەكتىدە مىڭ يىل تېنىم تولغاندى ئاچچىقتا،

    روھىم قان سەيلىسى قىلدى ئاڭا يەڭلىغ خارابلىقتا.

     

    ھوقۇشلار پەنج ئۇرۇپ چەكسىز ماكان تۇتتى بېغىمنى زەپ،

    بوغۇلغان چۈشلىرىم بىرلەن ئامالسىزمەن ساياقلىقتا.

     

    بۇ قىسمەت جىلۋىسى تاشقا ئۇرۇپ سۇندۇردى مەنزىلنى،

    شېھىتلىك زەۋقىنى تارتماس نېچۈن ئويغاق ھاياتلىقتا.

     

    نەۋائىيمۇ فەنا بولغان چېقىپ غەم تاغىنى چۇل-چۇل،

    پەقەت ھەقلا خاقان ئەردى زاھىتچۈن غەمگۇزارلىقتا.

     

    يۈرەكنى تىترىتۇر ھەر چاغ تۇتۇش رۇمىي راۋابىنى،

    ئېغىزغا سالغىنىم چوغدۇر كۆيەرمەن خارۇ-زارلىقتا.

     

    ھەۋەس يوقتۇر بۇ كۈنلەردە ئارف ئەھمەد يەسەۋىيگە،

    جىھات قىلسام ئۆزۈمگە يەك ئەرك سولسا خاتالىقتا.

     

    تۇغۇلماق ئىستىدىم شۇ دەم، سېغىندىم ئولكى مەشرەبنى،

    قۇلۇڭنى خارلىما تەڭرىم، يۈرەلمەسمەن مالايلىقتا.

     

  • مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى-4

    (ھېكايە)

    نۇر روزى

     

  • مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3

    (ھېكايە)

    نۇر روزى

     

  • مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2

    (ھېكايە)

    نۇر روزى

     

  • مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -1

    (ھېكايە)

    نۇر روزى

  • جاڭگال غەزەللىرى -4

     

     

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    13

    تۈن ئارا ئۇچقانكى بۇلبۇل نالەسىگە نە ئىلاج،

    دەردىگە ئاچقان ئېغىزدەك يارەسىگە نە ئىلاج.

     

    روھ دېمەك ئۆتكۈر قىلىچتۇر، پەرلىگەن جىسمىڭنى مىڭ،

    پەي كەبىي سۇنغان كۆڭۈلنىڭ پارەسىگە نە ئىلاج.

     

    كىم سېغىنماس چوغنى شول يانغان قاراڭغۇلار ئارا،

    بەك ئېغىر ئۆتكەن بىتابلىق سايەسىگە نە ئىلاج.

     

    بۇ ئەمەس ھەرگىز سولۇش، بىلگەنگە راستىن ئىمتىھان،

    يەلكىگە ئارتقان پەلەكنىڭ پايەسىگە نە ئىلاج.

     

    تەلمۈرەر ئۈنسىز تىلەكلەر كۆككە پىنھان ئۆرتىنىپ،

    ھەي ئەجەب بولدىكى كۈنلەر چارەسىگە نە ئىلاج.

     

  •  جاڭگال غەزەللىرى -3

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    9

    فۇرقىتىڭ سەزدۈردى بىر سەنسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت،

    يوقلىقىڭ بەردى يەنە رەتسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت.

     

    پەسلىمە كۆچتى قاياق يازمىشلىرىڭنىڭ جىلۋىسى،

    كۆرگىنىم بولدى لېكىن بەتسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    چاقنىشىڭ بەكمۇ يىراق، ئورمانلىقىم باغرى تۇتۇق،

    قىينىشىڭ قىلدى جۇدا كەپسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    نەدە پەرق ئۆلۈم بىلەن رەزگى ھاياتلىق تىنىقى،

    تاپمىسام  ئىشقىڭ ئارا چەكسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    كەل! بۇ رەت غەمكىنلىكىم سۇنغان ساپالغا ئوخشىسا،

    چەيلىگىن، ئاتقىن يىراق غەمسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

  • جاڭگال غەزەللىرى -2

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    5

    لەختە - لەختە يۈرىكىم كۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى،

    قانسىراپ كەتكەن لەبىم سۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    ئەھدۇ-پەيمان، پەزلى ئالەم قايداكەن دەپ يىغلىدىم،

    ياش يۇقى كىرپىكلىرىم مۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    تاشبورانلار ئەۋجىگە يۇلتۇزلىرىم نىشانلىنار،

    دەردلىرىم توپان بولۇپ چۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سەزگىنىم جەڭگاھ ماڭا ئاتەش ئاتار تىنىقلىرىم،

    چۆلدە ياتقان جەسىتىم كۆمدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سانچىلىپ كۆڭلۈمنى بۈنچە بولدى بەس، كۆپ قىينىما،

    ماگمىدەك لەئنەتلىرىم ئۆلتۈرسە كاشكى يار سېنى.

  • جاڭگال غەزەللىرى -1

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

     

    1

    ئول كۆڭۈلدىن باشىمە چۈشكەن زالالەتنى كۆرۈڭ.

    ۋادەئى باغرىم ئارا كۆيگەن جاراھەتنى كۆرۈڭ.

     

    كۈيلىسەم قۇمۇش نېيىمدىن چىققىنى ھىجران كۈيى،

    مايسىرەڭ ھەر غۇنچىدىن ئاچچىق شاپائەتنى كۆرۈڭ.

     

    چايقىلۇر ۋۇجۇد كۆلۈمدە سۈلكەتى قولۋاقسىمان،

    شەرمىساز بوپ لېيىغان ئەدلى-ئادالەتنى كۆرۈڭ.

     

    ناتونۇش بولسۇن بۈگۈندىن قۇرغۇيۇم جانان ئەمەس،

    قىزىغان ۋەيلۇن كەبىي كۈلرەڭ ئاھانەتنى كۆرۈڭ.

     

    چۆلدىكى ئازغان ساياقتەك قالدى مېھرىم سارغىيىپ،

    ئەمدى بۇ غەمكىن نىگاھ پۈتكەن بىشارەتنى كۆرۈڭ.

  •  سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ

     

    ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     (ئابدۇللا ئارىپوف ئىزىنى بويلاپ)

  •  ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان

     

      ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     

  • دوستلارغا سۆز

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • پەرۋايى پەلەك

    ساداقەتجان ھاجى

  •  

    مېنى خۇرسەن قىلغان مۇشائىرە

     

    {ئىلاۋە} : بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ مەزكۇر مۇشائىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇشائىرە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن بولۇپ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئۇنى ساقلىۋىلىش مەقسىتىدە بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. مۇشائىرىنىڭ مەنسۇبىيىتى ئەھەدى(ئابدۇلئەھەد قادىرى) بىلەن بارخان(مۇھەممەد قادىر) ئەپەندىگە تەۋە. ئەگەر ئاپتۇرلار نارازى بولسا دەرھال كەچۈرۈم سوراپ بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. – بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

  • ئوخشىماي قالدى

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • غەزەللەر

    ئابدۇلئەھەد قادىرى (ئەھەدى)

       (1)

    بىرسۇئال غەليان قىلۇر: سەن نېمە، ئەشئار نېمە ؟

    سەن ياراتتىڭمۇ ئۇنى، ياكى ئەزەلدىن بار نېمە ؟

  • ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى

     


     

    {ئىلاۋە} :- 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈچ يىرىم يىلدىن بېرى ياشاپ تۇرغان ئۈرۈمچىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن تاشلاپ يۇرتۇم قەشقەرگە قايىتتىم. بۇ قېتىمقى قايتىشىم ئىلگىرىكى ھەر قانداق قايتىشىمغا ئوخشىمايتى. چۈنكى بۇ قېتىم قايتىشىم مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ، خىزمەت تاللىشىمنىڭ قەشقەردە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى. ئۈرۈمچىدە مېنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى قالدۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئۈرۈمچىدىن قايىتماق بولغىنىمدا، بۇ يەردىكى پىكىرداش دوستلىرىمغا، ئىلمىي ھاياتقا، كەسپ جەھەتتىكى پۇرسەتلەرگە تازا قىيالمىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىلىش قەدىردان دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئەزىز دوستۇم، پىكىردىشىم ئابدۇمىجىت مۇھەممەتنىڭ مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان شېئىرى ئىكەن. شېئىردا دوستۇم بىلەن بولغان پاكىز دوستلۇقىمىز ۋە ئىزگۈ ئۈمىدلىرىمىز ئىپادە قىلىنغان ئىكەن. مۇنبەردە كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئاللاھ ئىگەمگە مۇشۇنداق ئەزىز دوستلارنى ھەمدەم قىلغىنىغا كۆڭلۈمدە تەشەككۈر ئېيىتتىم. پات – پات ئوقۇپ تۇرۇپ، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇ شېئىرنى بىلوگىمغا يۆتكەپ كەلدىم.  

                                : - بىلوگ مەسئۇلى رەشىد