ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • جاڭگال غەزەللىرى -2

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    5

    لەختە - لەختە يۈرىكىم كۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى،

    قانسىراپ كەتكەن لەبىم سۆيدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    ئەھدۇ-پەيمان، پەزلى ئالەم قايداكەن دەپ يىغلىدىم،

    ياش يۇقى كىرپىكلىرىم مۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    تاشبورانلار ئەۋجىگە يۇلتۇزلىرىم نىشانلىنار،

    دەردلىرىم توپان بولۇپ چۆكتۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سەزگىنىم جەڭگاھ ماڭا ئاتەش ئاتار تىنىقلىرىم،

    چۆلدە ياتقان جەسىتىم كۆمدۈرسە كاشكى يار سېنى.

     

    سانچىلىپ كۆڭلۈمنى بۈنچە بولدى بەس، كۆپ قىينىما،

    ماگمىدەك لەئنەتلىرىم ئۆلتۈرسە كاشكى يار سېنى.

  • جاڭگال غەزەللىرى -1

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

     

    1

    ئول كۆڭۈلدىن باشىمە چۈشكەن زالالەتنى كۆرۈڭ.

    ۋادەئى باغرىم ئارا كۆيگەن جاراھەتنى كۆرۈڭ.

     

    كۈيلىسەم قۇمۇش نېيىمدىن چىققىنى ھىجران كۈيى،

    مايسىرەڭ ھەر غۇنچىدىن ئاچچىق شاپائەتنى كۆرۈڭ.

     

    چايقىلۇر ۋۇجۇد كۆلۈمدە سۈلكەتى قولۋاقسىمان،

    شەرمىساز بوپ لېيىغان ئەدلى-ئادالەتنى كۆرۈڭ.

     

    ناتونۇش بولسۇن بۈگۈندىن قۇرغۇيۇم جانان ئەمەس،

    قىزىغان ۋەيلۇن كەبىي كۈلرەڭ ئاھانەتنى كۆرۈڭ.

     

    چۆلدىكى ئازغان ساياقتەك قالدى مېھرىم سارغىيىپ،

    ئەمدى بۇ غەمكىن نىگاھ پۈتكەن بىشارەتنى كۆرۈڭ.

  •  سەن قەشقەرنى سېغىنمىدىڭمۇ

     

    ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     (ئابدۇللا ئارىپوف ئىزىنى بويلاپ)

  •  ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان

     

      ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     

  • دوستلارغا سۆز

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • پەرۋايى پەلەك

    ساداقەتجان ھاجى

  •  

    مېنى خۇرسەن قىلغان مۇشائىرە

     

    {ئىلاۋە} : بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ مەزكۇر مۇشائىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇشائىرە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن بولۇپ مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. شۇڭا ئۇنى ساقلىۋىلىش مەقسىتىدە بىلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. مۇشائىرىنىڭ مەنسۇبىيىتى ئەھەدى(ئابدۇلئەھەد قادىرى) بىلەن بارخان(مۇھەممەد قادىر) ئەپەندىگە تەۋە. ئەگەر ئاپتۇرلار نارازى بولسا دەرھال كەچۈرۈم سوراپ بىلوگىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. – بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

  • ئوخشىماي قالدى

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

  • غەزەللەر

    ئابدۇلئەھەد قادىرى (ئەھەدى)

       (1)

    بىرسۇئال غەليان قىلۇر: سەن نېمە، ئەشئار نېمە ؟

    سەن ياراتتىڭمۇ ئۇنى، ياكى ئەزەلدىن بار نېمە ؟

  • ئۈرۈمچىدىن بىر يۇلتۇز كۆچتى

     


     

    {ئىلاۋە} :- 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈچ يىرىم يىلدىن بېرى ياشاپ تۇرغان ئۈرۈمچىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن تاشلاپ يۇرتۇم قەشقەرگە قايىتتىم. بۇ قېتىمقى قايتىشىم ئىلگىرىكى ھەر قانداق قايتىشىمغا ئوخشىمايتى. چۈنكى بۇ قېتىم قايتىشىم مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ، خىزمەت تاللىشىمنىڭ قەشقەردە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى. ئۈرۈمچىدە مېنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان ئورۇنلارنى قالدۇرۇپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئۈرۈمچىدىن قايىتماق بولغىنىمدا، بۇ يەردىكى پىكىرداش دوستلىرىمغا، ئىلمىي ھاياتقا، كەسپ جەھەتتىكى پۇرسەتلەرگە تازا قىيالمىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىلىش قەدىردان دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئەزىز دوستۇم، پىكىردىشىم ئابدۇمىجىت مۇھەممەتنىڭ مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان شېئىرى ئىكەن. شېئىردا دوستۇم بىلەن بولغان پاكىز دوستلۇقىمىز ۋە ئىزگۈ ئۈمىدلىرىمىز ئىپادە قىلىنغان ئىكەن. مۇنبەردە كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئاللاھ ئىگەمگە مۇشۇنداق ئەزىز دوستلارنى ھەمدەم قىلغىنىغا كۆڭلۈمدە تەشەككۈر ئېيىتتىم. پات – پات ئوقۇپ تۇرۇپ، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇ شېئىرنى بىلوگىمغا يۆتكەپ كەلدىم.  

                                : - بىلوگ مەسئۇلى رەشىد

     

  • ئەللە كىم كۈتە

     

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

     

     ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتار تىلىدا يازغان«ئەللە كىم كۈتە»ناملىق شېئىرى. كىچىك تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر–ئۈستىدىكى كۇبلىتنىڭ نەسرىي يەشمىسى.

  •  

     ئانام ئاپپاق ئەتىرگۈل ئىدى

    مەسئۇد ئىيسا

     


    سىرتتا تۇرۇپ سەپسالدىم

     

    ھۇررەك باسقان قوللىرى بىلەن

     

    ئوتتۇز يىللىق سېكىلىكى بىلەن

     

    ئاشماقتا جىلتە

  • مۇھەممەد ئەبۇ سەلاھى(ئەخمەت ھىمىت تەييارلىغان):«گۇل ۋە بۇلبۇل»، «بۇلاق» 1997-يىللىق 1-سان(ئومۇمىي 58-سان).

     

    گۇل ۋە بۇلبۇل

    بۇ ئايەت مەزمۇنى ئولدۇر مۇنى بىلگىل،

    خۇداغا بەندەسەن ھەق يولغە كىرگىل.

    نەزەر قىل ئۆز ۋۇجۇد...
  • جان ئىچىدە

    ئابدۇقادىر جالالىدىن

    مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
    ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
    بولسۇن دېدىم ھالىمنى ئايان،
    چاينىڭ ئىچىدە، نان ئىچىدە.
    مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
    ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.  

    بىر تۈپ رەيھان ئۆستۈرۈپ قويدۇم،&...
  • 16. نەچچە زەرۇرەت ئىلە قالغان چاغى،

    چىن دېمەس ئېرسەڭ دېمە يالغان داغى.

    ئۆزبىكچىسى:

    Necha zarurat ila qolg'on chog'i,
    Chin demas ersang, dema yolg'on dog'i.

    ئىنگىلىزچىسى:

    To withold the truth is sometimes wise,
    But never conceal the truth w...

  • 1.  يوق ھۈنەرى يالغۇز ئىسە بىر كىشى،

    قايدا كىشى سانىدە يالغۇز كىشى.

     ئۆزبىكچىسى :

    Yo'q hunari yolg'uz esa bir kishi
    Qayda kishi sonida yolg'uz kishi

    ئىنگىلىزچىسى :

    He who stands apart or turns his face
    Deserves no place in the hum...
  • نەۋبەتى غەزەللىرىدىن پارچە («دىۋانى نەۋبەتى» دىن پارچە)

     

    لىرىك شائىر نەۋبەتى 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا (1690~1750) خوتەندە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەن. بىزگە مەلۇم بولغان قوليازما ھالىتىدە شىنجاڭ ...
  • قەيسەر تۇرسۇن

     

     

    ھۆل ئاۋازلار، قۇرغاق ئاۋازلار،

    بىر - بىرىگە ۋارقىراپ ئاستا

    كىيىمىنى كۆتۈرۈپ داستا

    ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى يۆلەپ

    كىرىپ كەتتى بىر پارچە تاشقا.

     

     

    ئوتى بارنى ئوتقا تاشلاڭلار

    يولى بارنى يولغا تاشلاڭلار

    ي...
  • ئاپتۇرى : ئوبۇلقاسىم

    ئوغلۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئوبدان تۇرۇۋاتامسەن؟ ئالىي مەكيەپتىكى كۈنلىرىڭ قانداقراق؟ ئوقۇشلىرىڭچۇ؟ بىزلەردىن ئەھۋال سورىساڭ خۇداغا شۈكرى ئوبدان تۇرۇۋاتىمىز.

    ئۇزۇن بولدى خەت-ئالاقە قىلالمىدۇق. سەن ئوقۇشقا كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى....
  • مۇھەممەتئىلى زۇزۇن تەشنائى 

    ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە - مىراس بىباھا مەشرەپ،

    بۇغۇلغان دەم - نەپەسلەرگە شىپالىق ساپ ئاۋا مەشرەپ.

     

    كامالەت تاپتى قوينۇڭدا مۇقام - ئەلنەغمە، جانبازلىق،

    ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.

     ...