ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  

    رىسالەت مەردان شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

    ( رىسالەت مەرداننىڭ ‹ شېئىر بولۇپ قايتىمەن ئاستا › ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن )
    ھەلىمە تۇردى

    مەن بىر شېئىرىيەت ھەۋەسكارى ،دائىم شېئىر ۋە شېئىرلار ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن.ئوبزور ئوقۇش تولىمۇ پايدىلىق. ئۇ شېئىرنى يەنە بىر قەدەم چۈشىنىشىمىزگە، ئاپتۇرنىڭ ئىدىيىسىدىكى شېئىر بىلەن تەنقىدچىنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىكى شېئىرلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ شېئىرلارنى ياخشى تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ بىر پىكىر تاۋلاش ،ئۆز ئارا  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى.

     

  •  

    «بەختسىزلەر» رومانىنىڭ بەدىئىي قاتلاملىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

     

    مۇھەممەتجان ئەيسا

          يېقىندا ياش يازغۇچى يۈسۈپجان قىيۇمنىڭ تۇنجى رومانى «بەخىتسىزلەر» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «بەخىتسىزلەر» رومانىدا بۈگۈنكى زامان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەت، تۇرمۇش خۇسۇسىيەتلىرى، مىللىي پىخسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە 

  • قىرغىزىستان ئەدەبىياتىدا ئاتنىڭ قاشقىسىدەك كۆزگە كۆرۈنگەن، ئاقىن بايئابدۇللا سارنوغايېۋ 1932-يىلى تالاستا تۇغۇلغان. 13 ياش ۋاقتىدا «باھار كەلدى» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىپ كەلگەن. 1951-يىلى ئۇنىڭ «شۇڭقار»، 1955-يىلى «دوستلىرىمغا»، 1956-يىلى «باياز»، 1961-يىلى «ئاق قالپاق»، 1970-يىلى «سۆزلىشىش» دېگەن شېئىر توپلاملىرى

  • بىر خاتا سان مىڭلاپ يىللار تۇرار ئۆچمەي

     تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    بالىلاردەك ئويۇندا چۇرۇلدىغان،

    كېڭەيگەندە شەھەر چېتى مامانلانغان.

    دۇنيانىڭ ئەشۇ چەكسىز تۈزلەڭلىرىدە،

    قىيقىرساڭ قىيقىرىقىڭ ئۇقۇلمىغان.

  • diwanﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

     

     ﺋﺎﺑﻼ ﺋﻪﮬﻤﯩﺪﻯ

    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ « ﺳﺎﭖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ » ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، « ﺳﺎﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ»ﻣﯘ ﻳﻮﻕ ، ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ « ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭﻙ »(ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ « ﺩﯨﯟﺍﻥ » ﺩﻩﭖﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ )ﺩﯨﻨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ « ﺳﺎﭖ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ » ﺩﯦﺴﻪ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﺯ - ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ .

  • nawaiنەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى

    ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن(سەبۇرى(

    ئەلشىر نەۋائى (1441-1501)ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقىمىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى ۋە پەنمەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى يەنە جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مەشھۇر گۇمانىستىك شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.

  • جولۇن مەھمۇدوۋ شېئىرلىرى

    تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    ئۇيغۇر ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا تونۇش قىرغىزىستان قىرغىز يازغۇچىسى جولۇن مەھمۇدوۋ قىرغىزىستاننىڭ توختىقۇل نامىدىكى قىرغىز مەملىكەتلىك ۋە سابىق س.س.ر قىرغىز مەملىكىتى لېنىن كومسومۇلى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، 1940-يىلى 4-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى تۆكەپقان ئاۋۇلىدا تۇغۇلۇپ، 1988-يىلى 7-مارت 48 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئاقىن جولۇن مەھمۇدوۋنىڭ «ئوتنى سۆيىمەن»(1969)، «يېشىل ئالەم»(1971)، «ۋاقىت»(1973)، «مەزگىلنىڭ سىماسى»(1977)، «ئاقۇچ تاڭنىڭ چۆچىكى»(1980)، «سۇنىڭ ئۆمرى»(1981)، «دولقۇن يارغان سۇلار»(1983)، «ئاتقا توقۇم سالايلى»(1986)، «يۈز ياشقا تول ئەسر!»(1987)، «مەنبە ۋە مۇھىت»(1990)، قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

  • رېئالىزىمدىن «ماناس»قا نەزەر

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

     

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئۇستازلار،تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىلەر ياخشىمۇ سىلەر!

    مەن بۈگۈن ئانا مەكتىۋىم شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدا ئىسانىيەتنىڭ غەيرى مەدىنىي مىراسلىردىن بولغان «ماناس» داستانىنىڭ قۇتلۇق تويىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكىدەك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا

  • يولدىكى زەپەرى

    قاسىمجان ئوسمان غازى

     زەپەرىنىڭ شىئېر ئىجادىيتىدە لېرىك شېئىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ كەلدى. گەرچە ئۇنى شائىر خەلق تونۇپ يەتكۈدەك دەرىجىدە يېڭى پەللە ياراتتى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تور ئەدەبىياتىدىكى تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرى، ئوقۇرمەن دوستلارغا مىننەتسىز ھالدا نادىر يازمىلىرىنى سۇنۇپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان كۈچلۈك شىئېرىي ھارارەتنىڭ بىزگە ئۈزلىكىسىز ئۈمىد ئاتا قىلىۋاتقانلىقىدىن شەكلىنەلمەيمىز.

  • tiragidiyeئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان 

     تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

  • romanئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى.

     ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ.تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس–ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى»دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ

  • نىزامىنىڭ ئەسەردىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىككى قەھرىماننىڭ روھىي كۈرىشىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەڭ مۇھىم مەركىزى نوقتا مۇشۇ يەردە. شۇ ۋەجىدىن نىزامى ئەسىرىدە دىئالوگقا كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، قەھرىمانلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتى.

  • كېيىنچە پارسچە شېئىرلارنىڭ شەكلىنى تۈركچىدە تەدبىقلاشقا باشلىدى. نەۋائىينىڭ تۇنجى دىۋانى 24 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1465-1466- يىللاردا ئاخىرىقى شەكلىنى ئالدى. لېكىن، ئۇ لېرىك شېئىرلارنى يېزىشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۆت لېرىك دىۋانى ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  • نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى.

  • ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى

     ئې.ئې بېرتېلس

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

    ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھىندىقۇشتىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئىشغال قىلغان ھارماس فاتىھ تىمۇر 1405-يىلى ھايات بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

  • ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟

     

    [ئاپتوردىن] 23 يېشىمنى ياشاپ بولغىنىمنى ئويلىسام ، بەزەن مېنى قاتتىق قىينايدىغان ئىچىمدىكى قۇرۇتلارنى يەنە ئويغىتىپ قويىمەن . قانداق قىلاي ، قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈش ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەنغۇ ئاخىر . گاھى چاغلاردا تۇغۇلغان يىلىمنى تولدۇرۇش توغرا كەلگەندە 1987-يىل دەپ يازغۇچە قولۇم تىترەپ كېتىدۇ . راست، ئالدىنقى ئەسىردىن كەلگەن ئادەملەر قاتارىدا  يەنە تىرىك يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن . تالاي كىشىلەرگە نېسىپ بولمىدىغۇ بۇنچە ئۇزاق ياشاش !؟ لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خېلىلا كېيىن تۇغۇلغان بىرەيلەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدى .

  • «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2011-يىللىق 1-سانىدا

     

    خۇشاللىققا خۇشناۋا جاھان

     

    «مەشرەپ» ب د ت نىڭ «جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى

     

    ئۆزۈڭنى تونۇ!

    مىنىڭ ۋەتىنىم ............... چىڭغىز ئايتماتوف

  • مەشرەب شېئىرلىرىدىن پارچىلار

     

    سويلاپ ، سويلاپ ناز قىل، مەن ئۆرگۈلەيىن،

    نازىڭ ئالدى كۆڭلۈمنى ، نازۇك نىھالىم،

    تۈرلۈك،تۈرلۈك جىلۋەڭگە جانىم بېرەيىن،

    ئالتۇن، كۆمۈش يولۇڭغا چېچىش خىيالىم.

     

    خەمچە -خەمچە قاشلارىڭ، بادام قاپاغىڭ، ...
  • تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!

  • مۇھەممەد ئەبۇ سەلاھى(ئەخمەت ھىمىت تەييارلىغان):«گۇل ۋە بۇلبۇل»، «بۇلاق» 1997-يىللىق 1-سان(ئومۇمىي 58-سان).

     

    گۇل ۋە بۇلبۇل

    بۇ ئايەت مەزمۇنى ئولدۇر مۇنى بىلگىل،

    خۇداغا بەندەسەن ھەق يولغە كىرگىل.

    نەزەر قىل ئۆز ۋۇجۇد...